خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى تەنقىدلىنىۋاتقان پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «شىنجاڭدىكى تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا قارشى ئۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەزەلدىن خىتايغا تەۋەلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ 12 مۇقامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارلاق مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭمۇ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئارقىدىنلا بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاينىڭ ۋېيبو تورىدا يېقىندا «12 مۇقام ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئەمەس» دېگەن سەپسەتىلەر بايان قىلىنغان بىر يازما ئېلان قىلىندى. مەركىزى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى چەتئەللەردىكى خىتايلارنىڭ بوشۈن تورىدا «خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى مەڭگۈ يۇتالمايدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر 12 مۇقىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا رەددىيە بەردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 18-مارت كۈنى «شىنجاڭدىكى تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا قارشى ئۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر 12 مۇقامىدەك مۇزىكا قامۇسىنىڭمۇ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك سەپسەتىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ ئەمەس دەيدىغان سەپسەتىلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسىلەن خىتاينىڭ ۋېيبو تورىدا يېقىندا مېيى شىيۇ ئىسىملىك بىر خىتاي ئاپتورنىڭ «12 مۇقام ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئەمەس» دېگەن سەپسەتىلەر بايان قىلىنغان مەخسۇس بىر يازمىسى ئېلان قىلىندى.
خىتايچە بوشۈن تورىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى مەڭگۈ يۇتالمايدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالە ئەنە شۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا رەددىيەلىرىنىڭ بىر مىسالىدۇر. ماقالە ئاپتورى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئاپتورلىرىنىڭ ئالدى بىلەن «ئۇيغۇرلار تۈرك ئەمەستۇر» سەپسەتىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەينىدىن «مەخمۇت قەشقىرى» نى ئىنكار قىلىشقا تىرىشىشى ۋە ئەمدى بولسا «12 مۇقام ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەستۇر» دېيىشكە ئۇرۇنغانلىقىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك تارىخى ۋە پارلاق مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىشىغا قارشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ تارىخىي مەنبەلىرىدىن مىسال كۆرسىتىپ تۇرۇپ رەددىيە بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
پەرھات قۇربان ئەپەندى ماقالىسىدە، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان ئۆچمەس تۆھپىسى ئىكەنلىكىنى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى نەشر قىلىنغان تەتقىقات ئەسەرلىرى، ماقالىلەر ھەتتا تارىخىي مەنبەلىرىدىكى پاكىتلاردىن مىسال ئېلىپ شەرھلىگەن.
قەدىمكى خىتايچە مەنبەلەردە ئاساسلىقى غەربىي يۇرت، يەنى ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارى مۇزىكىلىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرگە تارقىلىش ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ماقالىسىدە بۇلاردىن ياخشى پايدىلانغان پەرھات ئەپەندى 12 مۇقامنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەۋە قىممەتلىك مىراسلا بولۇپلا قالماي، بەلكى مەنبە جەھەتتە خىتاي مۇزىكىلىرىمۇ ئۇيغۇر دىيارى مۇزىكىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى يورۇتقان.
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەتقىقاتى كېيىن يىللاردا سىستېمىلىق تەتقىق قىلىندى. «ئون ئىككى مۇقام» دەك يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن بۇنداق زور ھەجىملىك مۇزىكا بايلىقى يالغۇز تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا ئەمەس دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ ئاز تېپىلىدۇ. شۇڭىمۇ ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە چەتئەللىك مۇزىكا تەتقىقاتچىلىرىنىمۇ مەھلىيا قىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەتقىقاتىدا يىللاردىن بېرى خېلى كۆپ چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارمۇ بارلىققا كەلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان غەيرىي مەدەنىيەت مىراسى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇچرىغان بۇزغۇنچىلىقلار ھەتتا غەربلىك مۇزىكا تەتقىقاتچىلىرىنىمۇ كۈچلۈك ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 2012-يىلدىن 2016-يىلغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئۆگىنىش ھەمدە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا ۋە فولكلور تەتقىقاتى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتى ئەلىس ئاندېرسون خانىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئىنتايىن كۈچلۈك سىمۋوللۇققا ئىگە. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقام ئانسامبىلىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ، مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەۋاتقان سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇقام كەسپىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى
ئە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا قامۇسى بولغان مۇقامىغا قارىتىلغان بۇ قىلمىشلىرىدىن چۆچۈگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ: خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى قىلىۋالىدىغانلىقىنى» تەكىتلىدى.
ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان مۇقام ۋارىسلىرىدىن ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە سازەندە شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ مەھسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىدا ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان مەنىۋى مەدەنىيەت مۇنبىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، مۇقامدا ئۇيغۇر روھى، ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك قارىشى، دۇنيا قارشى، تارىخى ۋە غايىسى ئىپادىلىنىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭ «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسىتىگە قارشى بىر ئۆلمەس روھىي قالغان» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى قارىشىچە، «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن 12 مۇقامنى خىتاي دائىرىلىرى ھازىرچە يوقىتىشقا ئىمكانسىز بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئۇيغۇرنىڭ ئەمەس دەپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنى بۈيۈك روھىي دەستەكتىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئاخىرىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى».
0:00 / 0:00