ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى مەكىت ناھىيەسىدە لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلەر ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسى سېلىنغانلىقى، 7000 دىن ئارتۇق ئائىلە سىغىدىغان بۇ قورۇغا كىرىپ-چىقىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى پاش قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەكىتنىڭ تۈمەنتال يېزىسىدىن لاگېرغا ئەكېتىلگەن ئىسمائىل داۋۇتنىڭ لاگېردىكى ئاتالمىش ئۆگىنىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، «14-ئاھالىلەر رايونى» دەپ نام بېرىلگەن لاگېردىن چىققانلار لاگېرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ لاگېرنىڭ نورمال لاگېردىن پەرقى تۇتقۇنلارنىڭ پەقەت ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ياشاش ئىمكانىغا ئىگە بولۇشىدۇر.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، مەكىت ناھىيىسىدە لاگېردىن چىققانلار ئۈچۈن مەخسۇس لاگېر قۇرۇلغانلىقى، بۇ جايدىمۇ ئىلگىرىكى لاگېردا داۋام قىلغان سىياسىي ئۆگىنىش، ئۆزىنى تەكشۈرۈش، مەسىلە تاپشۇرۇشلارنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى ؛ پەقەت بۇ لاگېردا تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىللە ياشايدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغانىدى. ئىنكاستا يەنە بۇ قورۇدا يۈزلەرچە ئائىلىلىكلەر بىناسى بارلىقى، بۇ قورۇغا كىرىپ-چىقىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلگەنىدى. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەكىت ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئورگانلار بۇ تېمىدا گەپ قىلىشتىن ئۆزلىرىنى تارتتى. مەكىتنىڭ تۈمەنتال يېزىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كەنت ساقچىسى، بۇ كەنتتە مەكىتتىكى شۇ لاگېردىن چىققانلار ئائىلىلىكلەر لاگېرىدا ئىسمائىل داۋۇت ئىسىملىك بىر كىشى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىسمائىل داۋۇت لاگېردىن چىققاندىن كېيىن تۈمەنتالدىكى ئۆيىگە ئەمەس، مەكىت ناھىيە بازىرىدىكى مەزكۇر قورۇنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ نۆۋەتتە ئۇ ئەنە شۇ قورۇنىڭ ئىچىدە ئايال-بالىلىرى بىلەن بىللە ياشايدىكەن؛ ئەمما تۈمەنتالدىكى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مەخسۇس قورۇدىن چىقىش رۇخسەتنامىسى ئېلىشى كېرەك ئىكەن. بۇ قورۇنىڭ «14-ئاھالىلەر رايونى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بۇ ساقچى خادىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ قورۇدا يۈزلەرچە ئائىلىلىكلەر بىناسى مەۋجۇت ئىكەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈمەنتالدىكى يەنە بىر كەنت كادىرىمۇ ئۆز كەنتىدىكى ئىسمائىل داۋۇتنىڭ ئەنە شۇ 14-ئاھالىلەر رايونىدا ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ 98% ئەركىن ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بىز ئۇنىڭدىن ئىسمائىل داۋۇتنىڭ ھاياتىنىڭ شۇ ئەركىن بولمىغان 2% لىك قىسمىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئىسمائىل داۋۇتنىڭ تۈمەنتالدىكى ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن چوقۇم قورۇدىن رۇخسەت ئېلىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ كادىر مەزكۇر قورۇغا ئۆزىنىڭ بېرىپ باقمىغانلىقى، ئەمما تۇتقۇن ئىسمائىل داۋۇت ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشكىنى چىققاندا، ئۇنى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارەت قىلغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا مەزكۇر ئائىلىلىكلەر لاگېرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى. دېيىلىشىچە ئىسمائىل داۋۇت بۇ كەنت كادىرىغا مەزكۇر قورۇنىڭ ئىچىدە ئۆزلىرىگە ئوخشاش 7مىڭچە كىشى بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئەسلىدە مەكىت ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا بازارلىرىدىن لاگېرغا توپلانغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى دوكلات قىلغان. ئۇ يەنە قورۇنىڭ ئىچىدە مەكتەپ، داۋالىنىش ئورنى، يەسلى ۋە سودا سېتىق ئورۇنلىرى ۋە زاۋۇت كارخانىلارنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۆتكەن يىلى ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىدىكىلەرنىڭ 90% ئىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى ئېيتقان؛ ئەمما ھازىرغىچە لاگېردىكىلەردىن ئاز ساندىكى ئالاھىدە ئەھۋالدىكى تۇتقۇنلاردىن باشقىلىرىنىڭ يەنى مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بولمىغان. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا 280 مىڭ نوپۇسلۇق مەكىت ناھىيەسىدە 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەگەر 7 مىڭچە كىشى لاگېردىن چىققانلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئائىلىلىكلەر لاگېرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا، قالغانلىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
0:00 / 0:00