ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 14 خىتاي شىركىتىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» بىلەن چېتىشلىق دەپ جازالىدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا بۈگۈن خىتاينىڭ 14 شىركىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ جازا تەدبىرى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دىيىلگەن: «ئامېرىكا بۈگۈن خىتايدىكى 14 شىركەتنى بېيجىڭنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش، كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن قارا تىزىملىككە ئالدى. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بۇ رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى داۋاملاشتۇرماقتا.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم جازا تەدبىرى ئېلان قىلىنغان شىركەتلەر ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى تېخنىلىق مۇتلەق نازارىتىگە ماسلاشقان ۋە تېخنىكا ئاساسى بىلەن تەمىنلىگەن شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ شىركەتلەر «خىتاي ئېلېكترون ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى ئاكادېمىيەسى»، «شىنجاڭ ليەنخەي چۇاڭجى ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتى»، «شېنجېن كوبېر ئۇچۇر تېخنىكىسى شىركىتى»، «شىنجاڭ يەلكەنلىك ئۇچۇر تېخنىكىسى»، «بېيجىڭ گېلىڭ-شېنتوڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى»، «شېنجېن خۇەنتەي ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» ۋە «چېڭدۇ شىۋۇ بىخەتەرلىك سىستېمىسى چەكلىك شىركىتى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى تېخى بىر قانچە كۈن ئاۋال ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى بىلىنكىن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرى ھەققىدە پىكىرلەشكەندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكادىكى «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىليام نى ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆرۈلۈپ باقمىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەدبىر قوللىنىشى، بولۇپمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش زۇلۇمغا شېرىك بولغان، ئۇنىڭغا قولايلىق شارائىت ياراتقان شىركەتلەرنى جازالاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشى ئىنتايىن مۇۋاپىق. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، مەن بۇنى بىر ياخشى قەدەم دەپ قارايمەن.»

مەزكۇر قارار ھەققىدە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گىنا رايموندو تۆۋەندىكى سۆزلەرنى قىلغان: «ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىۋاتقان ياكى ئامېرىكا تېخنىكىسىدىن پايدىللىنىپ، خىتاينىڭ ئارمىيەنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى جانلاندۇرىشىغا ياردەم بېرىۋاتقان شىركەتلەرگە قارىتا كۈچلۈك، ھەل قىلغۇچ ھەرىكەت قوللىنىدۇ. بىز ئېكسپورت كونتروللۇقىنى داۋاملىق ئىشلىتىپ، ھۆكۈمەت، شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ ئامېرىكاىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە تەھدىت سالىدىغان، بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزغا ماس كەلمەيدىغان ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قەتئىي قارارىنى قارشى ئالدى. ئۇ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنى ۋە باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىمۇ ئوخشاش قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولغان 14 شىركەتكە بېرىلگەن جازا تەدبىرلىرىنى قارشى ئالىمىز. بىز بۇندىن كېيىن بۇنداق تەدبىرلەرنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىنمۇ تەدبىقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە كېلىۋاتقان سودا مۇناسىۋەتلىرىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم 14 خىتاي شىكىتىنى ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن جازالىغان بولسا، خىتاينىڭ يەنە 5 شىركەت ۋە مۇئەسسەسەسىنى خىتاينىڭ لازېر نۇرى ۋە ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەربىي زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بىۋاسىتە قوللاپ ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئادەتتە «قارا تىزىملىك» كە قوشۇلغان ئورۇنلارنىڭ ئامېرىكا سودا تارماقلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسىگە ئىلتىماس قىلىشى شەرت قىلىپ قوشۇلىدىكەن. ئۇلار ئامېرىكادىن ھەرقانداق بىر نەرسە سېتىۋالماقچى بولسا ناھايىتى قاتتىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتىدىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات، «ئاتلانتىك مۇنبىرى تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى رەيھان ئەسەت بۇنداق شىركەتلەرنى جازالاش تەدبىرى ئامېرىكالىقلارنى ۋە شىركەتلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىدىغان قىلىدۇ، دېدى. ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېدى: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە ياردەم بېرىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان ئورۇنلار ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىن داۋاملىق نەپ ئالسا بولمايدۇ. ئامېرىكادا كارخانىلار ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قانۇن-نىزاملار بار. بۇ نىزاملار كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ، شەرتسىز ئىجرا قىلىنىشى كېرەك. بۇنداق جازا تەدبىرلىرى ئامېرىكىلىقلار ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇپ قېلىشتىن ساقلايدۇ ۋە شۇنداقلا ئىستىمالچىلارنىڭ بىلىپ - بىلمەي ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ئارىلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.»

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا ئامېرىكانىڭ بۇ جازا تەدبىرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن ئىنكاسىدا «خىتاي تەرەپ بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ ھەمدە ئامېرىكانىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۇرۇنۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ،» دېگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئەيىبلەش، ئۇنى ئاياقلاشتۇرۇش ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق پايدا ئېلىشىنى توختىتىش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلماقتا.

بايدىن ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندا خىتايدىكى خوشىن كرېمنىي سانائەت چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 5 شىركەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن جازا تەدبىرى قويغان. بۇ يىل 22-مارت كۈنى بايدىن ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا رولى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ جۈنجېڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىڭگۇدىن ئىبارەت يەنە ئىككى نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى «يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق جازالىغان ئىدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگو ۋە ئەركىن ئىمىرباقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جەمئىي 14 نەپەر مۇئاۋىن باشلىقىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان ۋە خىتايدىكى كۆزىتىش كامېرالىرى ۋە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك 20 شىركەت ۋە مۇئەسسەسەسىنى قارا تىزىملىككە ئالغان ئىدى.