«1-ئىيۇن بالىلار بايرىمى» ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ھەقىقىي بايراممۇ ياكى ماتەممۇ؟

0:00 / 0:00

«ھەممە بالىلار ئۈچۈن» -بۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ بالىلارغا قىلغان مەڭگۈلۈك ئەھدىسىدۇر. ئەپسۇسكى، بىر قىسىم دىكتاتور دۆلەتلەر، جۈملىدىن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى «بالىلار ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى، بىزنىڭ ئىزباسارلىرىمىز» دېگەندەك چىرايلىق شوئارلارنى تەشۋىقات يۈزىدە داۋراڭ قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەت قاتارلىق جايلاردا بۇ ئەھدىگە تۈپتىن قارشى تەقىبلەرنى يۈرگۈزمەكتە.

دۇنيادىكى نەچچە ئونلىغان دۆلەتلەر قاتارىدا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ھەر يىلى 1-ئىيۇن كۈنىنى «بالىلار بايرىمى» قىلىپ بېكىتكەن. ھالبۇكى، «بالىلار بايرىمى» دا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۈز مىڭلىغان بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر ھەقىقىي بايرام خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتامدۇ؟ يىللاردىن بۇيان لاگېرلارغا ياكى تۈرمىلەرگە سولانغان ياكى چەت ئەللەردە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان ئاتا-ئانىلىرى بىلەن جەم بولالمايۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن «بالىلار بايرىمى» ھەقىقىي بايراممۇ ياكى ماتەممۇ؟

بالىلىق دەۋر ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر مەزگىل، شۇنداقلا ھەر بىر ئىنساننىڭ ھاياتىدا ئەسلا ئۇنتۇلمايدىغان دەۋردۇر. ھالبۇكى، يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى داۋامىدا، ئۇيغۇر بالىلىرى دۇنيادىكى ئەڭ بەختسىز گۆدەكلەرگە ئايلانماقتا.

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە دائىر رادىيومىزدا دوكلاتلاشتۇرۇپ كېلىنگەن مەلۇماتلاردىن كۆرە، ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە نىشانى بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر بالىلىرى 2000-يىللاردىن باشلانغان خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» ، «شىنجاڭ سىنىپى» قاتارلىق خىتايلاشتۇرۇش مائارىپىغا مەجبۇر بولغان بولسا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغان يېقىنقى يىللاردا، ئۇلار يەنە ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا، مەجبۇرىي ئەمگەككە مەھكۇم قىلىنىپ، تىرىك يېتىملەرگە ئايلاندۇرۇلماقتا. ئۇيغۇر گۆدەكلىرى ئاتالمىش «پەرىشتىلەر باغچىسى» نامىدىكى سىرت بىلەن ئالاقىسى كېسىلگەن يېتىمخانىلارغا، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى «ياتاقلىق مەكتەپ» نامىدىكى بالىلار لاگېرلىرىغا قامالماقتا. ئۇلارنىڭ بۇ جايلاردا «جۇڭخۇا كىملىكى» دىن ئىبارەت خىتايچىلاشتۇرۇش ھەم مېڭە يۇيۇش پروگراممىلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

balilar-bayrimi-uyghur-aral-02

تەھدىت ئاستىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادرىيان زېنىز، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ 900 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ۋە بۇ بالىلارنىڭ تامامەن خىتايچە مائارىپتا تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

يېقىنقى مەزگىللەردە فېيسىبوك، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىدىن «سېنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىڭ نېمە؟ » دەپ سورىغان سوئالىغا، 9-10 ياشلار چامىسىدىكى 18 نەپەر ئۇيغۇر قىز-ئوغۇلنىڭ بىر-بىرلەپ بەرگەن خىتايچە جاۋابلىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەريانىدا ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قانداق ئازابلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق پاجىئەنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.

«ئەڭ چوڭ غېمىڭ نېمە؟ » دېگەن بۇ سوئالغا بۇ ۋىدېيودىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى غەمكىن ھالدا «دادام قاچان قايتىپ كېلەر؟ » ، «تاغام قاچان قايتىپ كېلىدۇ؟ » ، «دادام نېمىشقا ئۆگىنىشكە كېتىدۇ؟ » دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ھەتتا بىر بالا «دادام نېمە ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتتى؟ » دەپ سورايدۇ.

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ دۇنيادىكى باشقا بالىلارغا ئوخشاشلا يۇلتۇزلار، تەبىئەت دۇنياسى، كائىنات ۋە دۇنيانىڭ سىرلىرى، ئۆزلىرى چوقۇنىدىغان چولپانلار ھەققىدە قىزىقارلىق سوئاللارنى سوراشنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ئازابلىق تۇيغۇلىرىنى ئىپادە قىلىشى، خىتاينىڭ رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىچ يۈزىنى ئاشكارىلاپ كۆرسەتكەنىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» نامىدا ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنى خىتاي ئائىلىلىرى بىلەن چېتىپ «تۇغقانلاشتۇرۇش» قا باشلىغانلىقىمۇ مەلۇم بولماقتا.

«تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 2021-يىلى سېنتەبىردىكى «36 جۈپ ئانار گۈلى پورەكلەپ ئېچىلدى» ناملىق خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ياندۇرما يېزىسىدىكى 36 نەپەر ئۇيغۇر گۆدەك خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئوخشاش بولمىغان 30 شەھەردە ياشايدىغان خىتايلار بىلەن «قوشماق تۇغقان» قىلىنغان.

رادىيومىزدا بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى «مەجبۇرىي تۇغقاندارچىلىق: ‹ئانار گۈلى پىلانى› ۋە ئۇيغۇر گۆدەكلەرنىڭ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشى» ناملىق مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى. دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي يولغا قويۇپ كەلگەن «تۇغقانلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى لازىم» دېگەننى يېتەكچى ئىدىيە قىلغانلىقىنى، نەتىجىدە 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ «ئانارگۈلى پىلانى» نىڭ ئوبيېكتى تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇر گۆدەكلىرىگە قارىتىلىشقا باشلىغانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان يەنە بىر ۋىدېيودا، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتايچە جىددىي تەلەپپۇزدا «مەن خىتاي پۇقراسى» ، «خىتاينى سۆيىمەن» ، «جۇڭخۇا مىللىتى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن» ، «ئەسكەر بولۇپ خىتاينى قوغدايمەن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، بۇ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، يۇقىرىقى شوئارلارنى توۋلىغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ خىل ۋىدېيولاردىكى ئالامەتلەر بىر تەرەپتىن لاگېر ھەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى خىتايچە مائارىپ ۋە ئاڭ بىلەن مېڭە يۇيۇۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتى ئىكەن.

2013-يىلى يۇرتى ئاقسۇدىن ئايرىلىپ دەسلەپ تۈركىيەگە، ئاندىن فىرانسىيەگە يەرلەشكەن ئابدۇراخمان توختى 2019-يىلى ئۆكتەبىردە ئۆز ئوغلىنى تاسادىپىي ھالدا خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تارقىلىپ يۈرگەن بىر تەشۋىقات ۋىدېيودىن تونۇپ قالغان. ۋىدېيودا ئۇنىڭ ئوغلى «ئىسمىم ئابدۇلئەزىز، بۇ يىل تۆت ياش» ، «مەن جۇڭگولۇق» دەپ مۇئەللىمگە خىتاي تىلىدا جاۋاب بېرىۋاتقان ئىكەن.

1-ئىيۇن بالىلار بايرىمى كۈنى ئابدۇراخمان تېلېفون زىيارىتىمىزنى قايتا قوبۇل قىلىپ، ۋەتەندە قالغان ئوغلى ھەققىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ئويلىغانلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىغا بەرگەن سۆھبىتىدە، ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىپ، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانا مېھرىدىن مەجبۇرىي مەھرۇم قالدۇرۇلۇشى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر بالىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ پاجىئەلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.

نۇرى تۈركەل شۇ قېتىملىق سۆھبەتتە «مېنىڭ بالىلىرىم ياكى باشقا بىراۋنىڭ پەرزەنتلىرى بالىلىقىمدا مەن كۆرگەننى كۆرمىسىكەن، دەيمەن. چۈنكى بۇ بىر زور قاباھەت! » دېگەنىدى. ئۇ يەنە «ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئارىسىدىكى بىللە ئۆتىدىغان ۋاقىتنىڭ تارتىۋېلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان روھىي كەمتۈكلۈكنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ تولدۇرغىلى بولمايدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن ئىدى.

قاغىلىق ناھىيەلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى پاسونىدىكى كىيىملەر كىيدۈرۈلۈپ، خىتاي ئەدەبىياتى ئۆگىتىلمەكتە. 2018-يىلى ئۆكتەبىر.
قاغىلىق ناھىيەلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى پاسونىدىكى كىيىملەر كىيدۈرۈلۈپ، خىتاي ئەدەبىياتى ئۆگىتىلمەكتە. 2018-يىلى ئۆكتەبىر. (xjyc.gov.cn)

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ پاك قەلبىنى زىدىلەۋاتقان روھىي جاراھەتلەر

ئامېرىكادىكى بالىلارنىڭ پىسخىكىلىق جاراھەتلىرىنى داۋالاش جەھەتتە 35 يىللىق تەجرىبىگە ئىگە پسىخولوگ، دوكتور كەتىي مالچىئونى خانىم ئىلگىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بولغاچقا، ئۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلاردا بولىدىغان پسىخىكىلىق كېسەل ياكى زەخىملىنىشنىڭ تەسىرى چوڭقۇر ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك بولىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

تۈركىيەنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى ئەزىز نەسىن «بىز بالىلارنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ياشايمىز، تېخىمۇ چوڭقۇر قىلىپ ئېيتقاندا، بىز بالىلارنىڭ ھاياتى ئىچىدە ياشايمىز، بالىلارنىڭ بۈگۈنىدىن بىز ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولىمىز» دېگەن ئىدى. ئۇنداقتا، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق بۈگۈنىدىن ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى قانداق كۆرىدۇ؟

پارىژدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇراھمان توختى ھەر يىلى 1-ئىيۇن كۈنىدىكى بالىلار بايرىمىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ ئازابلىنىدىغان بىر كۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش» پىلانىنىڭ بىۋاسىتە نىشانىغا ئېلىنغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى يېقىنقى يىللاردا يىلتىزلىرىدىن پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىنىش، ئومۇميۈزلۈك مېڭە يۇيۇشقا ئۇچراشتەك پاجىئەلىك جەريانلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەرىكىتىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرىلا «يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، مەنبەسىنى بۇزۇپ تاشلاش» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن تەسۋىرلىگەن ئىدى.

قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ئارال يېزىسىدىكى بالىلار ئويۇن قويماقتا، 2023-يىلى 1-ئىيۇن
قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ئارال يېزىسىدىكى بالىلار ئويۇن قويماقتا، 2023-يىلى 1-ئىيۇن (zgkashi.com)

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەتتا قۇرامىغا يەتمىگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاشكارا بولۇۋاتقان خەۋەرلەر، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ خىلدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بەزىلىرىدە، ئۇيغۇر بالىلىرى ئېغىر ئەمگەكتىن باش كۆتۈرمەي ئىشلەۋاتقانلىقى ئىپادىلەنسە، يەنە بەزىلىرىدە بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن تەڭ خىتايلارنىڭ زاۋۇتلىرىدا ناھايىتى ئەرزان ئىش ھەققى بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ياشاش ۋە ياشىتىش-يوقىتىلىشقا قارشى تەدبىر

ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆز قىلغاندا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىپ، «قايتا تەكرارلانمايدۇ» دېگەن ئەھدىنىڭ قۇرۇق ۋەدىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ شاھىتى سامى ستېيگمەن (Sami Steigmann) رادىيومىزغا پىكىر بايان قىلغاندا، «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ زىيانكەشلىك فاشىزم دەۋرىنى ئەسلىتىدۇ» دېگەن ئىدى.

مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنىڭ ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە رىشتىنى بۇزۇپ تاشلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلاد بىلەن ئەجدادنى ئۈزۈپ تاشلاشتەك يىلتىزىدىن يوقىتىش غەرىزىنى ئاشكارىلاپ كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

5-ئاينىڭ 8-كۈنى خوڭكوڭ ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ۋاشىنگتون ئىشخانىسى مۇدىرى ئولىۋىيە ئېنوس (Olivia Enos) «فوربېس» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىستىقبالىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ ماقالىسىدە «ئانىلىق رىشتە دۆلەت چېگراسى ئايرىمايدۇ. بىز سۆيۈملۈك بالىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرىمىز. بىز ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئەركىنلىككە چىقىپ ئۆز ئارزۇسىغا يەتمىگۈچە، بۇ يولدىن قايتمايمىز» دەپ يازغان.

ئابدۇراخمان توختى ئاخىرىدا 1-ئىيۇن بالىلار بايرىمى كۈنى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنىڭ ۋەتەندە قالغان پەرزەنتلىرى بىلەن كۆرۈشۈۋېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيانلىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئۇلار ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قۇرۇپ، ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاشنى ئۆزىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئەڭ زور مەجبۇرىيىتىنىڭ بىرى سۈپىتىدە داۋام قىلماقتا. بۇ خىل روھ ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق، شۇنداقلا ھۆرلۈككە بولغان ئىشەنچ ئۇلارنى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەشكە، تېخىمۇ ياخشى ياشاشقا، ئەۋلادلىرى ئۈچۈن يەنىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىشقا جاسارەتلەندۈرمەكتە.