ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق 23 دۆلەت ب د ت دا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.10.30
kerin-piyers-Karen-Pierce-bdt-uyghur.jpg ئەنگلىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى كېرىن پىيېرس خانىم ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 23 دۆلەتنىڭ ئورتاق باياناتىنى ئېلان قىلماقتا. 2019-يىلى 29-ئۆكتەبىر.
REUTERS

29-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 23 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېچىلىۋاتقان ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى 3-كومىتېت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرلەشمە بايانات بەردى. مەزكۇر بىرلەشمە بايانات ئەنگلىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى كېرىن پىيېرس خانىم تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئۇ باياناتىدا تۆۋەندىكىلەرنى دېدى:

«مەن تۆۋەندىكى 23 دۆلەتكە ۋاكالىتەن بۇ باياناتنى شەرەپ بىلەن ئوقۇپ ئۆتمەكچىمەن. ئۇلار، ئالبانىيە، ئاۋسترالىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، كانادا، دانىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، ياپونىيە، لاتۋىيە، لىخشتەنتەين، لىتۋا، لۇكسېمبورگ، گوللاندىيە، يېڭى-زېلاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە.

بىز 2018-يىلى 8-ئاۋغۇستتىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن ئىشەنچلىك دوكلاتلار ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، مىللىي ۋە دىنى پائالىيەتلەرنى چەكلەۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي نىشان قىلغان زور كۆلەملىك نازارەت ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يولغا قويغانلىقى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئەندىشىلىرىگە ئورتاقلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. بىز خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت قانۇنلىرى ۋە خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشىنى ۋە شۇنداقلا شىنجاڭ ۋە باشقا جايلاردا دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك بېرىلگەن 8 تۈرلۈك تەكلىپنى دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى ئاياغلاشتۇرۇشى كېرەك. يۇقىرىدىكى ئەھۋالغا ئاساسەن بىز بارلىق دۆلەتلەرنى ئىلتىجا قىلغۇچىلارنى كەلگەن دۆلىتىگە قايتۇرماسلىق ھەققىدىكى قانۇن پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز.

بۇنىڭدىن سىرت بىز يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا توسالغۇسىز ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىمىز.»

يۇقىرىدىكى بۇ بىرلەشمە بايانات دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا «بىز ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇننى توختىتىشى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلايمىز» دېدى.

بىراق ئۇلار يەنە، خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەندىشىلەر شۇنچە كۈچەيگەن بولسىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن تېخى ئۈنۈملۈك بىر نەتىجە چىقمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا باياناتتا «ئەسلى ۋەزىپىسى مۇشۇنداق كرىزىسلارغا قارشى ئاۋاز چىقىرىش بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن بولساقمۇ، ئەمما يۇقىرىقىدەك ئاۋازلارنىڭ داۋاملىق كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈش بىزگە ئۈمىد بېغىشلىدى» دېگەن.

بۇ يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ب د ت قارمىقىدىكى 22 ئەزا دۆلەت بىرلىكتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىغا قارىتىپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شۇ قېتىملىق مەكتۇپتىمۇ ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاراتقان نازارەت ۋە تەقىبلەشنى ۋە شۇنداقلا زور كۆلەملىك تۇتقۇننى دەرھال توختىتىشقا، ب د ت ۋە باشقا مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ رايوندا ھەقىقىي يوسۇندا توسالغۇسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسوننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئورتاق بايانات مانا بۇ مەكتۇپنىڭ ب د ت 'دا ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋەكىللىرى قاتناشقان چوڭ سورۇندا ئوقۇلۇشى، بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. سوفى خانىم بۇنى «بەك قالتىس ئىش بولدى» دەپ قارىشىدىكى سەۋەبلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلىدى:

«ئالدى بىلەن، بۇ دۆلەتلەر پەقەتلا مەكتۇپنى يوللاپ قويۇپ، جىم ئولتۇرۇۋالمىدى. بەلكى ئۇنى يەنىمۇ كەڭ ئاممىبابلاشتۇرماقچى بولدى. ئۇنى رەسمىيلەشتۈرۈپ، پەقەتلا جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئەمەس بەلكى يەنىمۇ كەڭ دائىرىگە ئىگە بولغان نيۇ-يوركتىكى ئومۇمىي كېڭەشتە ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇندىن قالسا بۇ، بۇ يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارلىقىنىڭ شىنجاڭنى چەكلىمىسىز ھالدا زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق بېسىم قىلىدىغانلىقىنىڭ شۇنداقلا رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇننى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى.»

خىتايمۇ شۇ كۈنى پاكىستان، رۇسىيە، مىسىر، سېربىيە، كونگو قاتارلىق 54 دۆلەت ئىمزالىغان ئورتاق باياناتنى بېلارۇسىيەنىڭ ب د ت تۇرۇشلۇق ۋەكىلىگە ئوقۇتقان. باياناتتا ئۇلار يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنى «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇردى، خىتاينى ئوچۇق-ئاشكارا سازايى قىلدى» دەپ تەنقىدلىگەن.

بۈگۈن يەنى، 30-ئۆكتەبىر كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ «ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق بىر ئۇچۇم غەرب دۆلەتلىرى شىنجاڭ مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ خىتايغا ھۇجۇم قىلدى. لېكىن شۇ مەيداندىكى 60 دىن ئارتۇق دۆلەت خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئەمەللىرىنى قوللاپ، كىشىلىك ھوقۇق نامى ئاستىدا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇردى» دېگەن.

ھالبۇكى، سوفى رىچاردسون خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خۇددى خىتايغا ئوخشاش ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بار دۆلەتلەرنىڭ ئاغزى ئارقىلىق بۇ باياناتنى بېرىشىنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوقلىغىنى، ئەكسىچە خىتاينىڭ ئۆزىنى كۈلكىلىك ئورۇنغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سوفى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمدىكى قەدەمدە ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر يولۇققان بۇ كرىزىسقا قارىتا ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئېھتىمالىنى زور، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.