خىتاي دېموكراتلىرى «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىمۇ تەكلىپ قىلدى.
3-ئىيۇن كۈنى شىمالىي ئامېرىكا، ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق 4 قىتئەدىكى بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرى «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىدېيولۇق تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىنغا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ياپونىيە، تەيۋەن، خوڭكوڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى خىتاي سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ھەم چەتئەللىكلەر قاتناشقان. يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رېشىت قاتناشقان.
بۇ قېتىمقى يىغىن گېرمانىيەلىك پوپ رولاند كۈھنەنىڭ 1989-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانىدا قىرغىن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىشى بىلەن باشلانغان. يىغىنغا «خىتاي مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى لياۋ تيەنچى رىياسەتچىلىك قىلغان. «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ يېتەكچىلىرىدىن ۋاڭ دەن، تەيۋەننىڭ گېرمانىيەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ باش ئەلچىسى شيە جىۋېي، ياپونىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ماكىنو شىڭشۇ، د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت قاتارلىق 13 كىشى نۆۋەت بىلەن نۇتۇق سۆزلىگەن.
«خىتاي مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى لياۋ تيەنچى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئالدى بىلەن مەزكۇر يىغىننىڭ ۋۇخەندىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك دۇنيا پاراكەندە ھالەتتە تۇرۇۋاتقان، خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتى يامانلىشىۋاتقان، ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرىدا نالە-پەريات چېكىۋاتقان بىر ناچار ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
لياۋ تيەنچى مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي خوڭكوڭدا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نى يولغا قويۇش ئارقىلىق خوڭكوڭلۇقلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغماقچى بولۇۋاتىدۇ. خىتايدا كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھۆكۈم سۈرۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى مىسالغا ئالساق، 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ‹قايتا تەربىيىلەش مەركىزى› ناملىق جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ قىينىلىۋاتىدۇ. خىتايدىكى ۋەزىيەت ئىنتايىن يامان. بىزنىڭ بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىدىمىزنىڭ بىرى ‹4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى› نىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلەش بولسا، يەنە بىرى خىتاينىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئانالىز قىلىش ئۈچۈندۇر.»
«4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا د ئۇ ق مەخسۇس مەكتۇپ ئەۋەتىپ، خىتاي دېموكراتىك كۈچلىرىنى 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنى ئۇنۇتمىغانغا ئوخشاش 2009-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» كەبى قانلىق ۋەقەلەرنىمۇ ئۇنۇتماسلىققا چاقىرغان ھەمدە خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە ئاكتىپ قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ يىغىنغا د ئۇ ق رەئىسىگە ۋاكالىتەن ئىشتىراك قىلغان باياناتچى دىلشات رېشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپنى ئىگىلىگەن. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەمدە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.
0:00 / 0:00