1989-يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنى خىتايدا دېموكراتىيە ۋە ئادالەتنى تەلەپ قىلىپ پارتلىغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قانلىق باستۇرۇلغان كۈن بولۇپ، بۇ زور تارىخىي پاجىئەگە 31 يىل بولدى. بۈگۈنكى كۈندە خىتايدىكى دېموكراتىيە مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى؟ ئەينى چاغدا ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەتئەللەردە تۇرۇپ خىتايدا دېموكراتىيە بولۇشىنى ياقلاپ، خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قوللىغان ئۇيغۇرلار بۈگۈنمۇ يەنە خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىشىدىن، ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق بەرمىسىمۇ ئەركىنلىك بېرىشىدىن ئۈمىد كۈتەمدۇ؟ بىز بۇ ھەقتە ئەينى چاغدا تيەنئەنمېندىكى بۇ ۋەقەلەرگە شاھىت بولغان، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئاسىيە خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.
دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن پاجىئەسى» يۈز بېرىشنىڭ ئالدى كەينىدە بېيجىڭدا ئون نەچچە كۈن تۇرۇپ قالغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئۆزىنىڭ كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پاجىئە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئۇ ئامېرىكادا تۇرۇپ، خىتايدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى توغرۇلۇق خەۋەرلەرگە ھەر كۈنى دىققەت قىلىپ تۇرغان. بۇ كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتتىن كېيىن خىتاي مۇقەررەر يوسۇندا دېموكراتىيەلىشىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ دەپ زور ھاياجان ۋە ئۈمىد بىلەن بىر نەچچە ئاينى ئۆتكۈزگەن.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئامېرىكاغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىرىدىن ئۆركەش دۆلەت، ۋاڭ دەن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن. ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ چاغدىكى ئورتاق چۈشەنچە خىتايدا دېموكراتىيە بولۇپ قالسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرىنى شۇ يەردىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر ئۆزى قارار قىلىدۇ دەيدىغان چۈشەنچە ئىدى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى يەنە خىتايدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇلغان 31 يىللىق تارىخقا نەزەر سالغاندا، خىتايدا دېموكراتىيىگە يول يوق ئىكەنلىكى، ھازىرقى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىگە كەلگەندە يول قويمايدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى خىتاي دېموكراتلىرىغا يەتمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەسىلىسىنى چوقۇم ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلىشتىن 4 يىل بۇرۇن، يەنى 1985-يىل 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە دېموكراتىيە شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ نامايىش قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ 1989-يىلدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىنى قوللىشىدىكى سەۋەب، ئەينى چاغدا پۈتۈن دۇنيادا كوممىزىم ئىدېئولوگىيىسىگە ۋە مۇستەبىت سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە قارشى ھەرىكەت ئەۋج ئالغانىدى. ئەگەر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى غەلىبە قازىنىپ، خىتايدىكى مۇستەبىت تۈزۈم ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەن بولسا، بەلكىم ئۇيغۇرلارغىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مىللەتلەردەك ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پۇرسىتى كېلىشى مۇمكىن ئىدى.
ئاسىيە خانىم «ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە خىتايدا دېموكراتىيە ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، ئۇيغۇرلار يەنە خىتايلار بىلەن بىرگە ياشىيالامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. مېنىڭچە، خىتاي دېموكراتىيەگە ماڭسۇن، قانداق ياخشى بىر دۆلەت بولۇپ قۇرۇلسۇن، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ بىرگە ياشاش يولى پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى. مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان مىللەتلەرنىڭ بىرگە ياشاش ئىمكانى يوق، شۇنداقلا مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەتنىڭ ئاتالمىش دۆلەت پۈتۈنلۈكى دېگەندەك مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيە ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق».
ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان مىللەتلەر «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ۋە ب د ت نىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدىكى 1514-نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن خىتايدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىشقا تامامەن ھەقلىق ئىكەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن پاجىئەسى» يۈز بېرىپ 31 يىلدىن بۇيان خىتايدا دېموكراتىيەدىن چۆچۈش، دېموكراتىيەنى تىلغا ئالماسلىق ياكى ئۇنى خىتايچە دېموكراتىيە دەپ بۇرمىلاش ئاساسلىق ئېقىم بولۇپ قالغان بولۇپ، پۇقرالىرىنىڭ ئېڭىغىمۇ «خىتاي ئاۋۋال غەرب ئەللىرىدەك تەرەققىي قىلىشى كېرەك»، «خىتاي پۇقرالىرى قالاق، ئۇلارغا دېموكراتىيە ماس كەلمەيدۇ» دېگەندەك ئىدىيەلەر سىڭدۈرۈلگەن. ھالبۇكى، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن خىتاي دېموكراتىيەلىشىش يولىغا ئەمەس، مۇستەبىت سولچىللىق، چوڭ مىللەتچىلىك، جاھانگىرلىك يولىغا ماڭغان.
0:00 / 0:00