گېرمانىيەدە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-02-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 23 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. 2020-يىلى 5-فېۋرال. ميۇنخېن، گېرمانىيە.
«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 23 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. 2020-يىلى 5-فېۋرال. ميۇنخېن، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

گېرمانىيەدە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 23 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزسىدىن ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۈگۈن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 23 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزسىدىن نامايىش ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزمەكتە. گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىمۇ بۈگۈن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

ميۇنخېندىكى نامايىشنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، مەزكۇر نامايىشقا قاتناشقان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ ئۆتتى.

ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى بۇ نامايىشنىڭ مەقسىدى توغرىسىدا قاراشلىرىنى بايان قىلدى. د ئۇ ق كاتىپى زۇمرەت ئۇيغۇرمۇ بۇ ھەقتە تەسىراتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

بۇ قېتىمقى نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00-17:00 گىچە داۋام قىلدى. نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلچىن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختالدى. د ئۇ ق فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندى نامايىشنىڭ ناھايىتى نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ھاجىممۇ بۈگۈنكى بۇ نامايىشقا يۇقىرى باھا بەردى.

تولۇق بەت