شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىسىدە 1997-يىلدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» (2)

0:00 / 0:00

1997-يىلدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا «توپىلاڭ» دەپ بېكىتىلگەن. تۇتقۇن قىلىنغان نامايىشچىلار ۋە ئۇلارغا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلار، ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر ۋەقەدە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ كونكرېت سانى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇلغانلار سانىنىڭ 1300 ئەتراپىدا، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلار سانىڭ 200 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەزكۇر ۋەقە بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنىڭمۇ خىتاي ئاشكارىلىغان ساندىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» شاھىتلىرىدىن بىرى. ئۇ ئەينى چاغدا غۇلجا شەھىرىدىكى مەلۇم ھۆكۈمەت ئىدارىسىدە ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 5-فېۋرال ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى 3000 دىن 5000 غا قەدەر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

لېكىن، «5-فېۋرال غۇلجا نامايىشى» مەزگىلىدە غۇلجىدا ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن، نۆۋەتتە كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى بەختىيار شەمشىدىن ئەپەندى تۇتقۇنلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلۈكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، 5-فېۋرال ۋە 6-فېۋرالدىن باشلانغان بىرقانچە ئايلىق تۇتقۇندا غۇلجا شەھىرى ۋە ناھىيەلەردىكى تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ھەققىدە تارقاتقان يالغانلىرىنىڭ پەقەت يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ھەققىدىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە نامايىش باشلامچىلىرىدىن ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىتنىڭ چاپچالدىكى تۈرمىدە كېسەل بىلەن ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئەمما، ئۇيغۇر شاھىتلىرى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ھەققە چەتئەللەردە ئېلان قىلىنغان ئەسلىمىلىرىدە ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىتنىڭ چاپچال تۈرمىسىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىلمەي كۆمۈۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

نورۋېگىيەدىكى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى مەزكۇر ۋەقە شاھىتلىرىدىن بىرى. ئۇمۇ ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىتنىڭ تۈرمىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇخېلىلنىڭ تۇغقانلىرىدىن كانادادىكى ئابدۇراخمان ۋە بەختىيار شەمشىدىن قاتارلىقلار نامايىش يېتەكچىسى ئابدۇخېلىلنىڭ چاپچالدىكى تۈرمىدە قىيناپ سوراق قىلىنىش سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئەينى چاغدا ئۆزلىرى بىلگەن ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

بەختىيار شەمشىدىن ئەپەندى بايانىدا، نامايىش باشلامچىسى ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىتنىڭ سوراق جەريانىدا قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ ئەينى چاغدا غۇلجىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلارنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىت سوراق جەريانىدىكى قىيناقتا ئۆلگەن بولۇپ، مەرھۇمنىڭ جەسىتى غۇلجا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نورمال دەپنە قىلىشىغا بېرىلمەي ساقچىلار تەرىپىدىن چاپچالدا مەخپىي كۆمۈۋېتىلگەن. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە ئۇنىڭ قەبرىسىنى قوغداش ئۈچۈن بىر ئايدىن ئارتۇق قوراللىق ساقچىلارنى قويۇپ كېچە كۈندۈز نازارەت قىلغان.

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ ئېتىشىچە يەنە، ئەينى ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىتنى سوراق قىلىشقا قاتناشقان ئىلى ئوبلاستلىق ساقچىخانىنىڭ «تۇرسۇن گۇندىپاي» ناملىق سوراقچىسى ئابدۇخېلىلنىڭ سوراق جەريانىدىكى باتۇرلۇقىغا قايىل بولغانلىقىنى ھېكايە قىلىپ يۈرگەن ئىكەن.

يۇقىرىدا ئاڭلىغىنىڭلار بەزىدە «5-فېۋرال قىرغىنچىلىقى»، بەزىدە «5-فېۋرال غۇلجا نامايىشى»، يەنە بەزىدە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئە ھەققىدىكى ئازغىنە تەپسىلاتلاردۇر خالاس.

گەرچە، بۇ پاجىئە يۈز بەرگىنىگە بۇ يىل 23 يىل بولغان بولسىمۇ، بۇ پاجىئە ھەققىدىكى سىرلار تېخى تەلتۆكۈس ئېچىلمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ دەھشىتى بىگۇناھ قەلبلەرگە سالغان يوشۇرۇن يارىلارمۇ سەللىمازا ساقايغان ئەمەس. ۋەقە ھەققىدىكى يەنىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار ھەر بىرىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا كەلگۈسىدە يورۇق كۆرگۈسى.