دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 24-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى، سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارنى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى توغرىسىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ۋە بۇ ئارقىلىق شېھىتلارغا بولغان ھۆرمەت ۋە ساداقىتىنى ئىپادىلەشكە چاقىردى. قۇرۇلتاي ئېلان قىلغان مەتبۇئات باياناتىدا 1997-يىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىش ھەرىكىتىنى «غۇلجا ئىنقىلابى» دەپ ئاتىغان.
باياناتتا مۇنۇلار دېيىلگەن: «ئەزىز قېرىنداشلار، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور سىياسىي ھادىسىلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان ۋە 1997-يىلى يۈز بەرگەن 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ 24-يىللىق خاتىرە كۈنى كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز 5-فېۋرال ئىنقىلابى جەريانىدا مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلغان قەھرىمان شېھىتلىرىمىزغا، غازىيلىرىمىزغا چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى ۋە چەكسىز سېغىنىشىمىزنى بىلدۈرىمىز!

بۈگۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق زور بىر مەسىلىگە ئايلىنىشى ئەنە شۇ ۋەتەن ئىچىدىكى قەيسەر خەلقىمىزنىڭ تۆلىگەن ئېغىر بەدەللىرىنىڭ، ھاياتى بەدىلىگە ئېلىپ بارغان تىنىمسىز كۈرەشلىرىنىڭ، زۇلۇمغا ۋە ئۆلۈمگە تىز پۈكمەيدىغان شانلىق روھىنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلى ۋە نەتىجىسىدىن ئىبارەت! شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مىللىتىمىزنىڭ ھۆرلۈكى، ئەركىنلىكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلغان قەھرىمانلىرىمىزنى قەلبىمىزدە ئەبەدىي ياشنىتىش، ئۇلارنىڭ كۈرەشچان ئىرادىسى ۋە مىللىي روھىغا ۋارىسلىق قىلىش بولسا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي ۋە ۋىجدانى بۇرچىدىن ئىبارەت!
5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى پۈتۈن تەشكىلاتلىرىمىز، سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىز ۋە ئاۋام خەلقىمىز بۇ شەرەپلىك كۈننى ھەرخىل نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە ئىزچىل خاتىرىلەپ كەلگەن ئىدۇق، ئەپسۇسكى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن پۈتۈن دۇنياغا يامرىغان كورونا ۋاباسى كەلتۈرگەن ئىنتايىن پايدىسىز شارائىت ۋە ھەرقايسى ئەللەردە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئېغىر كارانتىن تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن ئۆتكەن يىلدىن بۇيان كەڭ كۆلەمدە نامايىش ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈشتىن مەھرۇم قالدۇق، بۇ جەرياندا كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى ياكى بۇ نىجىس كېسەللىككە گىرىپتار بولدى!
ئەمما، شۇنداقتىمۇ بىز شارائىتىمىز يار بەرگەن ۋە ئۆزلىرىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى يول قويغان دائىرە ئىچىدە 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 24-يىللىقىنى خاتىرىلەشكە ۋە بۇ ئارقىلىق ئەزىز شېھىتلىرىمىزغا بولغان ھۆرمەت ۋە ساداقىتىمىزنى نامايان قىلىشقا غەيرەت قىلىشىمىز لازىم».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا پۈتۈن دۇنيادىكى تەشكىلات ۋە ئاۋام خەلقنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ شەرت-شارائىتى يار بەرگەن ئاساستا 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 24-يىللىقىنى خاتىرىلەشكە چاقىرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 24-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تور ئارقىلىق مەخسۇس مۇھاكىمە ۋە خاتىرىلەش يىغىنى ئۇيۇشتۇرماقچى، باشقا تەشكىلاتلىرىمىز ۋە پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭمۇ ھېچ بولمىغاندا يالغۇز كىشىلىك نامايىشلارنى ۋە تور يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈشىنى، سىرتقا چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ئۆيلىرىدە شېھىتلىرىمىزنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەزىز قېرىنداشلار، ئەينى چاغدا قەيسەر غۇلجا خەلقى نۆلدىن تۆۋەن 30 گىرادۇسلۇق قەھرىتان سوغۇققا ۋە مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىلتىق-زەمبىرەكلىرىگە پىسەنت قىلماي مەردانىلەرچە كۆكرىكىنى كېرىپ مەيدانلارغا تۆكۈلۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈككە بولغان تەشنالىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە پۈتمەس-تۈگىمەس بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى نامايان قىلىشقانىدى، شۇڭا بىز مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋەتەن ئىچىدىكى باتۇر ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئېزىلىۋاتقان ۋە قىرىلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ دات-پەريادلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تۇيغۇزۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور پىداكارلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم! پۈتۈن ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ روھى شاد بولسۇن!».
. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ‹5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى›نى خاتىرىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ يىلمۇ ‹كورونا ۋىرۇسى› خەۋپىگە قارىماستىن تەدبىر ئالغان ھالدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە غۇلجا ياشلىرى ئەنە شۇ يىللاردا جەمئىيەتتە يامرىغان زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش ئۈچۈن مەشرەپ پائالىيەتلىرىنى كېڭەيتكەن ۋە بۇ مەشرەپتىن تەھدىت ھېس قىلغان خىتاي دائىرىلىرى مەشرەپتە يېتەكلەش رولى ئالغان دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلغان. بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر گۇرۇپپا ياش نامايىش قىلغان. مەزكۇر نامايىشىنى باستۇرۇشتا خىتاي دائىرىلىرى سوتسىز ئېتىۋېتىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە تۈرمىلەردە قېيىن-قىستاققا ئېلىشتەك دۆلەت زوراۋانلىقىنى قوللانغان. نېمە ئۈچۈن خىتاي بۇنداق قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇردى؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممىلا يېرىدە شېھىت قانلىرى بارلىقىنى، ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلارنى خاتىرىلەشنىڭ ھەر ئۇيغۇرنىڭ مىللىي ۋە دىنىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
1997-يىلى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» توغرىسىدىكى سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى تۈركىيەدىكى ئا ت ۋ قانىلىدا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە شەھەرلىرىدە مىڭلىغان كىشى قاتناشقان نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلگەنىدى. دۇنيادا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈش كۈچەيگەنىدى. بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزى قۇرۇلغان. شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركىيەدە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەنلىكىنى، دەۋانىڭ خەلقئارالىشىشىىنى تېزلەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.