«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دە قورغاستا تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان 7 قەھرىمان
1997-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» 24 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەرھابا خانىمنىڭ ئەسلىمە قىلىشىچە، ئۇ ئىلگىرى ۋەتەن زىيارىتىدە بولغىنىدا، قورغاس قوشئېرىق يېزىسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى دۆڭلۈككە جايلاشقان كىچىك قەۋرىستانلىقنى كۆرگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قەۋرىستانلىققا 1997-يىلى يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان 7 نەپەر ئۇيغۇر ياش دەپنە قىلىنغان بولۇپ، يەرلىك ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «7 قەھرىماننىڭ زاراتكارلىقى» دەپ ئاتىلىدىكەن.
خىتاينىڭ 1997-يىلىدىكى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرى ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم شاھىتلار ئېلان قىلغان دوكلات-يازمىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجا ياشلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقان ھەق-ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىشى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، پۈتكۈل ئىلى ۋىلايىتىدە چوڭ تۇتقۇن باشلانغان.
شۇ قېتىملىق تۇتقۇندا قورغاس ناھىيەسىدىنمۇ زور تۈركۈمدە ئۇيغۇر ياشلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. «5-فېۋرال ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنى 1999-يىلى 1-ئانىڭ 25-كۈنى قورغاس ناھىيىسىدە 37 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئۈستىدىن سوت ئېچىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى ئابدۇشۇكۇر نۇرۇللام، ھەسەنجان مۇساجان، نۇرمەمەت ئىسمائىل، ئابلىمىت مەمەت، ئابلىز ئوسمان قاتارلىق يەتتە ياشقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئۇلار شۇ كۈنى ئېتىپ تاشلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن بۇ 7 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ مېيىتى قورغاستىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ نازارىتىدە مەجبۇرىي ھالدا قورغاس ناھىيەسى قوشئېرىق كەنتىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى يانبۇلاق يولىنىڭ بويىغا كۆمۈۋېتىلگەن ۋە بۇ قەبرىستانلىقىنى خەلقىنىڭ يوقلىشىنى قاتتىق چەكلىگەن.
مەرھابا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ قورغاستا زىيارەتتە بولغان مەزگىللەردە، يەرلىكلەر ئۇنىڭغا يەنە گەرچە ھۆكۈمەت بۇ دۆڭلۈكتىكى قەبرىلەرنى يوقلاشنى چەكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما يەرلىكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قەبرىستانلىقىنى يوشۇرۇنچە يوقلايدىغانلىقىنى، بۇ دۆڭلۈكتە ھەر يىلى ياز پەسلىدە رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ ئېچىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن
مەرھابا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2016-يىلى ئاخىرقى قېتىم ۋەتەن زىيارىتىدە بولغىنىدا مەزكۇر دۆڭلۈكنىڭ تۈزلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرگەن بولۇپ، تونۇشلىرى ئۇنىڭغا كېيىنچە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «مەزكۇر دۆڭلۈك يولغا توغرا كەلىپ قالدى» دېگەن باھانىدا تۈزلىۋەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىكەن
ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى چاغدا قورغاستا 37 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتتا دائىرىلەر يەنە پەرھاد موللاخۇن، ھەسەنجان مەمەت ئىسىملىك ئىككى ياشنى مۇدەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. نەبى مەمەت، ئەركىن ئەمەت، مەمەتجان ئابدۇرېھملار 20 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى 20 يىلىقتىن تۆۋەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
«كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى تۇيغۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى «5-فېۋرال ۋەقەسى» گە ئائىت ئۇچۇرلارنى چەكلەپ، ۋەقە ھەققىدە سۆزلەشنى، 5-فېۋرال قۇربانلىرىنىڭ قەۋرىسىنى يوقلاشنى چەكلىگەن بولسىمۇ، ئەل قەلبىنىڭ سېغىنىشىنى ۋە ئەسلىشىنى تۇسۇپ قالالمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇلارنىڭ ئارمانلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۇيغۇن ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 24 يىللىقىنى خاتىرلەش چاقىرىقىغا ئاساسەن «كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى» نىڭ 5-فېۋرال كۈنى كانادانىڭ تورۇنتو، مېلبورنى، ۋانكوۋېر قاتارلىق بىرقانچە شەھرىدە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.