ئالمۇتادا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» خاتىرىلەندى
2023.02.07
5-فېۋرالدا ئالمۇتانىڭ «ئاقجول» رېستورانىدا 1997-يىلى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 26 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا ئالمۇتا شەھىرىدىن، ناھىيەلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر بولۇپ 100 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. مۇراسىمنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى ئۇيۇشتۇردى.
مەزكۇر مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى رەھىمجان مەنسۇروف رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئادەتتىكىدەك ئالدى بىلەن شېھىتلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى غەيرەت يېزىسىدىكى ياشلار مەشرىپى ئاساسچىلىرىدىن بىرى غەيرەت مەمەتباقىيېف غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە دوكلات قىلدى. ئاندىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى گۈلىستان ھەمرايېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئوقۇلغان دوكلاتتا غۇلجا ۋەقەسىنىڭ كېلىپ-چىقىش تارىخى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن. بۇ ۋەقەنىڭ بىۋاسىتە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىدىن كېلىۋاتقان مىللىي ئەنئەنىسى-مەشرەپ بىلەن زىچ باغلانغانلىقى ئېيتىلغان. يەنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان مەشرەپ ئەھلىنى قويۇپ بېرىشنى، دىنىي ئەركىنلىكنى ۋە ئىنسان ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچ نامايىشىنىڭ ئوققا تۇتۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان يەنە بىر چوڭ جىنايىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. بولۇپمۇ قاتتىق سوغۇقدا قامالغان ياشلارنى چوڭ-كىچىگىگە، ئەر ياكى بولمىسا ئايال ئىكەنلىكىگە قارىماي، تىرىك يالىڭاچ يېشىندۈرۈپ، باغلاپ قويۇپ، ئېسىپ قويۇپ، ئۈستىلىرىگە سوغۇق سۇ چېچىپ، ئۇرۇپ-سوقۇپ، قىينىغانلىقى، خورلىغانلىقى شەخسەن مەن ئۈچۈن دەھشەت بىلىندى. راست، غۇلجا ۋەقەسى ئۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمىدى. يىللار بويى ئەركىنلىكنى، ئادالەتلىكنى تەلەپ قىلغان، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە باش ئەگمىگەن قېرىنداشلىرىمىزنى تۈرمىلەرگە قامىدى، ئاتتى، قىينىدى. بۇ، بۈگۈنگىچە داۋام قىلىۋاتىدۇ. دۇنيا بۇ ۋەھشىيلىكتىن بىخەۋەر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇشۇنداق پاجىئەلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىكى، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قۇربان بولغانلار قەلبىمىزدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ».
«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ خاتىرىلەش مۇراسىمى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىدىمۇ ئۆتكەن. بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئالمۇتادىكى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغان ئۇيغۇرلار ناھىيە مەركىزى چونجا يېزىسىدا بىر ئۆيدە جەم بولۇپ، شېھىتلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلغان. باشقىمۇ يېزىلاردىن ۋەكىللەر قاتناشقان بۇ مۇراسىمنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى سەيدالىم ئامۇتوف ئۇيۇشتۇرغان.
سەيدالىم ئامۇتوف ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ۋەھشىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بۈگۈنگىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، يۈزلىگەن، مىڭلىغان تىنچلىقسۆيەر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەنە شۇ سىياسەتنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغان خىتاي بىزگە ياشاشقا كۈن بەرمەي، خەلقىمىزنى شەھەرلەردە، يېزىلاردا قىرىپ كەلمەكتە. ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقىمۇ تەشكىلاتلار ناھايىتى تىرىشچانلىق بىلەن ئەمگەك قىلماقتا. ئاخىرقى تۆت-بەش يىلنىڭ ئىچىدىلا پۈتۈن دۇنيا بىزنى تونۇدى. كانادادا بولغان ۋەقە بىزنى ناھايىتى خۇرسەن قىلدى. شۇنداق ۋەقەلەر كۆپ بولۇۋەرسە، ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقىمۇ يېقىنلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆم بولۇشىمىز، بىرلىككە كېلىشىمىز كېرەك. خەلقىمىزنى بىرلىككە چاقىرىمەن».
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ھەر يىلى 1997-يىل 5-فېۋرالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكەن تىنچ نامايىشتا قۇربان بولغان ياشلارنى ئەسلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. قازاقىستاندا ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز نامايىش ئۆتكۈزۈش قەتئىي مەنىي قىلىنغانلىقتىن مۇنداق پائالىيەتلەر نەزىر شەكلىدە ئۆتمەكتە.