قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك ۋە جالال-ئاباد شەھەرلىرىدە غۇلجا 5-فېۋرال قۇربانلىرى ياد ئېتىلدى
2023.02.07
![bishkek-5-fewral-xatire-wekiller.jpg bishkek-5-fewral-xatire-wekiller.jpg](https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/5-fewral-02062018174348.html/bishkek-5-fewral-xatire-wekiller.jpg/@@images/4e38d611-6625-4bb5-96c9-5994262e8213.jpeg)
5-فېۋرال كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ۋە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالال-ئاباد شەھىرىدە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1997-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنىڭ 26 يىللىقى خاتىرىلىنىپ، شېھىتلارغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان قىلىندى. بىشكەكتە ئۆتكەن مۇراسىمغا شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-رايونلاردىن كەلگەن 300 دەك كىشى قاتناشتى. جالال-ئاباد شەھىرىدە بولسا 20 دىن ئوشۇق ئاقساقال جەم بولۇپ دۇئا قىلىشتى.
بىشكەك شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇراسىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئادەتتە يىغىن قىرغىزىستان دۆلەت مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى بىلەن رەسمىي ئېچىلىدۇ، بۇ سەپەرمۇ رىياسەتچى قاتناشقۇچىلارغا سالام يوللاپ يىغىننى رەسمىي ئاچتى. ئالدى بىلەن روزىمۇھەممەت ئەپەندى ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇشقا تەكلىپ قىلدى، كېيىن رىياسەتچى تەپسىلىي دوكلات ئوقۇشقا ئاق-ساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ۋە «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى ئوسمانجان تۇردىيېفنى تەكلىپ قىلدى. ئۇ، ئۆز دوكلاتىدا پاجىئەنىڭ باشلىنىش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ تىنچلىق نامايىشىغا چىققان ياشلارنى خىتاي ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئوق چىقىرىپ قىرغىن قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئوسمانجان ئەپەندى دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى نامىدىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرقىي-قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
يىغىن داۋامىدا سۆزگە چىققان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف، بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر جامائىتى ئېلىپ بارغان مۇراسىملارنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر يىغىنغا يەنە قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ سابىق ئەزاسى تۇرسۇنتاي سەلىموف قاتنىشىپ ئۆز پىكىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. تۇرسۇنتاي ئەپەندى غۇلجا ۋەقەسى ئۇيغۇر تارىخىدا مەڭگۈ يېزىلغان كۈن دەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى 1940-1945 يىللىرى يەھۇدىيلار باشتىن كەچۈرگەن قىرغىنچىلىق بىلەن سېلىشتۇردى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆم بولۇشقا ۋە بىلىملىرىنى ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلدى
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى سودا قىلمايدىغان ئاممىۋى تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىقتىسادى بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشماقتا. مەزكۇر پائالىيەت بىر توپ ساخاۋەتچىلەرنىڭ كۈچ چىقىرىشى ۋە ئاياللار كومىتېتىنىڭ خىزمىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف ئىختىيارىي سۆزگە چىقىپ تۇرسۇنئاي ئىسلامنىڭ باشلىقىدىكى ئاياللار كومىتېتىغا ۋە ھارماي خىزمەت كۆرسەتكەن يىگىتلەرگە ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈردى.
غۇلجا 5-فېۋرال قانلىق ۋەقەسى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالال-ئاباد شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىنمۇ خاتىرىلەندى. مۇراسىمدا ھازىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېغىر تەھدىتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەم تونۇشتۇرۇلدى. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ جالال-ئاباد شۆبىسى رەئىسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوف ئۆزى تۈركىيەدە بولسىمۇ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئارتىق ھاجىم بىلەن غۇلجا قانلىق ۋەقەسى ھەققىدە ۋىدېيو ئارقىلىق دوكلات بېرىشتى.
جالال-ئابادتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھازىر ئانچە كۆپ ئەمەس، 19-ئەسىرلەردە قەشقەر تەرەپلەردىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئاساسەن دېگۈدەك ئۆزبېكلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن بولۇپ ئۇلارنىڭ ئاز بىرقىسمىلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قالغان. ئەمما ئۇلار ھەر يىلى غۇلجا 5-فېۋرال قىرغىنچىلىقى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا تۈرلۈك خاتىرە كۈنلەرنى ھەر خىل شەكىلدە خاتىرىلىمەكتە. ئۇيغۇرلار يەنە قىرغىزىستان جەنۇبىدىكى ئوش ۋىلايىتىگىمۇ تارقالغان. لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسمى بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىغا مەركەزلەشكەنىدى.