ھەبىبۇللا ئىزچى: «ئۈرۈمچى سايباغ قاماقخانىسى ۋە 3-تۈرمىدىكى ‹5-فېۋرال تۇتقۇنلىرى› ئۇچرىغان قىيناقلارنى ئۇنتالمايمەن»
1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجا ياشلىرىنىڭ تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىشى قانلىق باستۇرۇلدى. نامايىشتىن كېيىن ئىلى ۋىلايىتى بويىچە بىر يىلغا سوزۇلغان چوڭ تۇتقۇن داۋاملاشتى. 24 يىلدىن بۇيان ئەينى چاغدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۈرمىدە ئۇچرىغان دەھشەتلىك قىيناقلار ھەققىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا رىۋايەت تۈسىدىكى ھېكايىلار كۆپلەپ تارقالغان ئىدى.
نۆۋەتتە ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەتتە ياشاۋاتقان ھەبىبۇللا ئىزچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 1997-يىلى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» مەزگىلىدە، سىياسىي جىنايەت گۇماندارى سۈپىتىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق سولاقخانىغا قامالغان. ئۇ تۇتقۇن قىلىنغان مەزگىل دەل 1997-يىلى يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دىن كېيىنكى چوڭ تۇتقۇنغا توغرا كەلگەن. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن ئۇ «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن بىر كامىرغا قامىلىش قىسمىتىگە يولۇققان.
ھەبىبۇللا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 1997-يىلى 3-ئايدا 2-قېتىم كۇچادا تۇتقۇن قىلىنىپ، 4-ئايدا سوراق ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەر سايباغ رايونلۇق قاماقخانىغا يۆتكەلگەن. بۇ مەزگىلدە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» گە قاتنىشىپ، ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەلگەندىن كېيىن، تۇتقۇن قىلىنغان غۇلجا قورغاسلىق خەيرۇللام ۋە غۇلجا شەھەرلىك بىرقانچە نەپەر ئۇيغۇر ياش بىلەن 10 نەچچە كۈن بىر كامىردا ياتقان. بۇ جەرياندا ئۇ خەيرۇللا قاتارلىقلار ئۇچرىغان قىيىن-قىستاقلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە خەۋەردار بولغان.
كېيىن ھەبىبۇللا كېسەل سەۋەبىدىن ئۈرۈمچى 3-تۈرمە دوختۇرخانىسىدا بىر مەزگىل داۋالانغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنىپ سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى 3-تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېلىنگەن 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشنىڭ 3-تۈرمە مەيدانىدا ئۇچرىغان دەسلەپكى دەھشەتلىك قىيىن-قىستاق مەنزىرىگە شاھىت بولغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدىكى دەھشەتلىك ئەسلىمىلەر ئۇنىڭ خاتىرىسىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن. ئۇ ھەر قېتىم ئۆزىنىڭ تۇتقۇن ھاياتىنى ئەسلىگەن چېغىدا، ئۆزى كۆرگەن «5-فېۋرال» تۇتقۇنلىرىنىڭ تۈرمىدە يەنە قانداق ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە يولۇققانلىقىنى ھەر ۋاقىت ئەسلەپ ئۇلارنى ياد ئېتىپ تۇرىدىكەن.
ھەبىبۇللا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ 1996-يىلى 6-ئايدا سىياسىي جىنايەت گۇماندارى دېگەن باھانىدا ئۈرۈمچى-غۇلجا سەپىرىدە سۈيدۇڭدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئەمما ئىسپات يېتەرلىك ئەمەس دېگەن ھۆكۈم بىلەن 1997-يىلى 2-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن ۋە يۇرتى كۇچاغا قايتۇرۇلغان. ئەمما 1997-يىلى غۇلجادا يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۇ جەمئىيەتتىكى «گۇمانلىق» ۋە «خەتەرلىك شەخسلەر» قاتارىدا 1997-يىلى 3-ئايدا يۇرتى كۇچادا 2-قېتىم قايتا تۇتقۇن قىلىنغان. 1998-يىلى ئۇ «جىنايى پاكىتى تولۇق ئەمەس، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر» دىگەن سەۋەپ بىلەن سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنماي، داۋالىنىش ئۈچۈن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، يۇرتى كۇچاغا قايتۇرۇلغان. كېيىن ئۇ ئۆز ئالدىغا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. 2012-2013-يىللاردىكى پاسپورت ئېلىش ئاسانلاشقان يىللاردا پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىپ، 2016-يىلى چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن ئىكەن.