«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نيۇ-يوركتىكى ب د ت باش شىتابى ئالدىدا نامايىش ئارقىلىق خاتىرىلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.02.07
new-york-5-fewral-namayish-1.jpg «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شتابى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 5-فېۋرال.
Photo: RFA

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق خاتىرىلەپ كېلىۋاتقان خاتىرە كۈنلەرنىڭ بىرى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ قىرغىنچىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشنىڭ بىر قېتىملىق بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلار تەشكىللىگەن تىنچ نامايىشنىڭ قوراللىق باستۇرۇشقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىغان ئىدى. چۈنكى 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى غۇلجا شەھىرىنىڭ چوڭ كوچىسىدا كوللېكتىپ نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مەشرەپ» پائالىيىتىنى چەكلىگەنلىكى ھەمدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىگۇناھ قولغا ئالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ خىل تىنچ شەكىلدىكى تەلەپ قويۇش ھەركىتىنى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۇرۇنۇشى» دەپ خۇلاسىلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ۋە مۇنتىزىم ئارمىيە ئارقىلىق بۇ ياشلارغا ئوق چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نامايىش باستۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆيمۇ-ئۆي ئادەم تۇتۇپ، غۇلجانىڭ بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى ئەڭ زور بىر قېتىملىق باستۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قىسىم ياشلارنى ئۆلۈمگە ۋە ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلغان. بىر قىسىم شاھىدلار «ئاز دېگەندىمۇ مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى. يۈزدىن ئارتۇق ئادەم ئېتىپ تاشلاندى» دەپ قارايدىغان بۇ ھادىسە، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا «5-فېۋرال قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتالغان ئىدى.

«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شتابى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 5-فېۋرال.

2023-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەشتىكى بىر مۇھىم پائالىيەت 5-فېۋرال كۈنى نيو-يورك شەھرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شىتابى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ نامايىشتا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە «5-فېۋرال قىرغىنچىلىقى» دىكى بىر قىسىم شاھىدلارنىڭ باش سۈرەتلىرى ئالاھىدە نامايەن قىلىندى. نامايىشقا يەنە جەنۇبىي موڭغۇلىيە مۇستەقىلچىلىرى ۋە بىر قىسىم يەھۇدى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، «5-فېۋرال قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا «بىز بۇ مەيداندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېميەىسىنىڭ رەئىسى دوكتۇر رېشات ئابباس، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن تۇردى غوجا، ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، ئارسلان ھىدايەت قاتارلىقلار سۆز ئېلىپ، بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئۆزلىرى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ب د ت دىن ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سوراققا تارتىش، ئەينى ۋاقىتتا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنى كۈچلەندۈرگەنگە ئوخشاش خىتاينىڭ فاشىستىك تەبىئىتىنى كۈچەيتىدىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىگە چەك قويۇش، خىتاي ھەققىدىكى خام خىياللاردىن ئويغىنىشنى تەلەپ قىلدى.

«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شتابى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 5-فېۋرال.

نۇتۇق پائالىيىتىدىن كېيىن نامايىشچىلار «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «ئۇيغۇرلار ئادالەت ئىزلەيدۇ»، «لاگېرلار تاقالسۇن»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» دېگەندەك مەزمۇندا شوئار توۋلىدى.

نامايىشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا نامايىشچىلار خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بىناسى ئالدىغا توپلاندى. بۇ جايدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى قاتارلىق رېئاللىق ھەققىدە نۇتۇقلار سۆزلەندى. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئارلار توۋلاندى.

نامايىشتىن كېيىن ئىلشات ھەسەن ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نامايىشنى ب د ت بىناسى ئالدىدا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بولغان دىققەتنى قوزغاش مەقسەت قىلىنغانلىقنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئىلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ خىلدىكى نامايىشلار يالغۇز شېھىدلەرنى خاتىرىلەشتىن باشقا يەنە ياشلارنى تەربىيەلەشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. شۇڭا ئۇ شارائىتى يار بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆز قەھرىمانلىرىنى يادلاش مەجبۇرىيىتى ئارتىلغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

بۇ يىلقى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، جۈملىدىن ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىرقانچە شەھەردىمۇ ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئوخشىمىغان شەكىللەردە بۇ كۈننى خاتىرىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.