2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 10 يىلدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ قانلىق ۋەقەنى ھەر يىلى خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردە بۇ نامايىشنى «5-ئىيۇل توپىلىڭى» ياكى «5-ئىيۇل ئۇرۇش، چېقىش ۋە زوراۋانلىق ۋەقەسى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغان.
«شىنجاڭ خەۋەر تورى» نىڭ 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىدە خىتاي مەملىكەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ سىمىن شۇ كۈنى مۇخبىرلارغا ئېلان قىلغان قىلغان باياناتى بېرىلگەن. ۋۇ سىمىن شۇ كۈنكى باياناتىدا «ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ‹ئۇرۇش، چېقىش ۋە بۇلاش ۋەقەسى› دە 7-ئاينىڭ 16-كۈنىگە قەدەر 197 ئادەم ئۆلدى. 68 مىليون 950 مىڭ يۈەنلىك قىممەتكە ئىگە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىدى. 108 جەسەتنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن 39 كىشى ئۈچۈن 8 مىليون يۈەن نەپىقە ۋە ھەر بىر كىشى ئۈچۈن 560 مىڭ يۈەندىن دەپنە پۇلى بېرىلدى. ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە 400 مىڭ يۈەندىن نەپىقە بېرىلىشكە باشلىدى» دېگەن.
ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قامال قىلغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە «ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولغان ۋە 197 نەپەر خىتاي پۇقراسى ئۆلتۈرۈلگەن» دېگەندەك مەلۇماتلار خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن نەقىل ئېلىپ بېرىلگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يەنە «ئۇيغۇر توپىلاڭچىلىرى كۆپلىگەن بىگۇناھ خىتاي ئاممىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن» دېگەن مەزمۇندىكى خەۋەرلەر بىلەن ۋاڭ لېچۈەن، نۇر بەكرى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى لى جىنىڭ ئەيىبلەشلىرى كەڭ تارقىتىلغان.
2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل نارازىلىق نامايىشى» نىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە مۇنداق دېيىلمەكتە: 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىكى نامايىشنىڭ نىڭ يۈز بېرىشىگە خىتايلارنىڭ شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئىشچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆلتۈرۈشى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى بىۋاسىتە سەۋەب بولغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شاۋگۇەن قانلىق ۋەقەسى ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› نىڭ يۈز بېرىشىگە بىۋاسىتە پىلتا بولغان ئامىلدۇر. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى قوزغىغان ھەقىقىي سەۋەبتۇر.»
ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرى 2009-يىلى 6-ئىيۇل كۈنى تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، 5-ئىيۇل كۈنىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچ ئۇسۇلدا باشلانغان نامايىشىنى «توپىلاڭ» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ «دىيارىم»، «ئالتۇن تارىم»، «ئۇيغۇربىز»، «شەبنەم»، «سەلكىن» قاتارلىق ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى «26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى» ھەققىدە قۇتراتقۇلۇق قىلىش خاراكتېرلىك خەۋەر تارقاتقان دېگەن. نۇر بەكرى يەنە يۇقىرىقى ئۇيغۇرچە تور بەتلەر ۋەقەنىڭ ئەمەلىيىتىدىن بىخەۋەر ئاممىنى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشكە قۇترىتىپ ئۇقتۇرۇش تارقاتقان دەپ ئەيىبلىگەن.
ھالبۇكى، ئەينى چاغدىكى «دىيارىم» تورىنىڭ چەتئەلدىكى باشقۇرغۇچىسى ۋە تور ساھىبلىرىدىن بىرى بولغان دىلمۇرات ئاتامان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىشى پۈتۈنلەي ئورۇنسىز تۆھمەت» دېدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە ئارتىپ، ئىنىسى دىلشات پەرھاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاتارلىق 240 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر تور ساھىبلىرى ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئەينى چاغدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى لى جىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى كۈشكۈرتۈپ نۇتۇق سۆزلىگەنلىكى، لى جىنىڭ سۆزلىرىدىن جاسارەتلەنگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك كالتەك كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقىپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەمدە نۇرغۇن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
2009-يىلى بەزى تاراتقۇلار مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىدە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ، ئىككى كۈن ئۆتكەندە خىتايلارنىڭ توپ-توپ كوچىغا چىقىپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن ئىدى. ھالبۇكى، بۇ خىل ئۇچۇرلار ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تېگىشلىك يەر ئالالمىدى. ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى، ھەقىقىي جەريانى ۋە كېيىنكى پاجىئەلىك نەتىجىلىرى ھەققىدە پاكىتلار تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان، سىرلار تولۇق ئېچىلغان، مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ خەۋەر بەرگەن ئىمكانىيەتلەر بولمىدى.
ئەينى چاغدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى ۋە باشقا بىر قىسىم خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە نەق مەيداننى زىيارەت قىلىپ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدا 5-ئىيۇل نامايىشى بولغان كۈنى كېچىدە خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چىراغلىرىنى ئۆچۈرۈپ كېچىچە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە-كوچىلاردا ئېتىش ۋە تۇتۇش ئېلىپ بارغانلىقى خەۋەر قىلىندى. چەتئەل مۇخبىرلىرى 6-ئىيۇل كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان ئەرلىرى ۋە غايىب بولغان بالىلىرىنى ئىزدەپ كوچىغا چىققان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كوچىغا چىقىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشى ھەققىدە نەق مەيداندىن خەۋەر بەردى. مەزكۇر ۋەقەدە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئېنىق ئۇچۇرلىرى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى تەرىپىدىن دەلىللىنىپ، ئاشكارا قىلىندى.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلگەن، غايىب قىلىۋېتىلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئاشكارا قىلمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىزچىل تۈردە تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇشى ۋە قامال قىلىشى سەۋەبلىك مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى كۆپلىگەن ئەھۋاللار يەنىلا سىر پېتى تۇرماقتا.
0:00 / 0:00