دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتارىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ 3-ئىيۇل كۈنى 2009-يىل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلىدى. خاتىرىلەش مۇراسىمى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئالمۇتا شەھىرىنىڭ «ئاقجول» رېستورانىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيەلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر، زىيالىيلار، دىنىي زاتلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، خانىم-قىزلار ئاكتىپلىرى، ياشلار بولۇپ، 200 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.
مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى رەھىمجان مەنسۇروف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مەزكۇر پائالىيەتتە قارىلىدىغان مەسىلىلەرنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىدىن كەلگەن ۋەكىلى سەدىردىن ئايۇپوف مۇراسىمنىڭ مەقسىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەپ پائالىيەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بىزمۇ شۇلار قاتارىدا. پەقەت دۇئالىرىمىزدىلا ئەمەس، كېچە-كۈندۈز ئانا-ۋەتىنىمىزنىڭ كېلەچىكىنىڭ پارلاق، مۇستەقىل بولۇشى ئۈچۈن؛ مىللىتىمىزنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەپ، ئەركىن ۋە ھۆر ياشىشى ئۈچۈن؛ ئەۋلادىمىزنىڭ بەخىتلىك ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقى ۋە مۇسۇلمانلىقى بىلەن ياشىشى ئۈچۈن، مۇشۇ پائالىيەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتىمىز.»

خاتىرىلەش مۇراسىمدا شېھىت بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تېلېۋىزىيەسى تەييارلىغان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ناملىق فىلىم كۆرسىتىلدى.
خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەخمەتوف باشلىق بارلىق كىشىلەرگە ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئۇ ئۈچ مەسىلە، يەنى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»، گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى، شۇنىڭدەك ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋاقەلەر بويىچە دوكلات بەردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تالغىر ناھىيەسىدىن كەلگەن ۋەكىلى، قىزىل غەيرەت يېزىلىق خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى گۈلبانۇم باقىيېۋا خانىم، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بار مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىپ، «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» غا بېغىشلانغان بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ناھىيەلەردىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ بۇ مۇراسىمدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئۆز يۇرتلىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئويغىنىپ، ھەر بىرسىنىڭ ۋەتەنگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنىڭ ئويغىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ئوخشاش بىزنىڭ بۇ يەردە ئۆز بايراقلىرىمىزنى ئاسىدىغان ئۇنداق مۇمكىنچىلىكىمىز يوق. شۇنداق بولسىمۇ، رېستورانلاردا نەزىر-چىراق ئۆتكۈزۈپ، ‹ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى› شېھىتلىرىنى ئەسكە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىۋاتىمىز. بىزنىمۇ باشقا خەلقلەرگە ئوخشاشلا ۋەتىنىمىزگە كۆك بايرىقىمىزنى تىكلەپ، شۇ ئانا ۋەتىنىمىزدە ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇشقا بۇيرىسۇن!»
مۇراسىمدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى تۇرسۇنجان سېيىتوف، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ماددىي جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋەتلەش مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇر ئەيسانىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە يوللىغان مىننەتدارلىق سالىمىنى يەتكۈزدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى غەيرەت يېزىسى ياشلار مەشرىپى ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بەختىشات مەمەتباقىيېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى› غا بېغىشلانغان خاتىرە مۇراسىمىنى بىز يەنە شۇ ئېغىر مۇسىبەت بىلەن ئۆتكۈزدۇق. سەۋەبى خىتاي باسقۇنچى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقىمۇ تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلەرگە قاراتقان باستۇرۇش، يەنى قىرغىنچىلىق سىياسىتى تېخىلا داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى مۇراسىمدا ھەقىقەتەنمۇ خەلقىمىزنىڭ بىرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ھەققىدە يەنە كۆپ سۆزلەر بولۇپ ئۆتتى. ھازىر دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىرلەشكەن ھەم ئىتتىپاقلاشقان چاغدىلا، ئادىن بىزنىڭ مىللىي داۋادىكى ھەرىكەتلىرىمىز نەتىجە بېرىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بىز مانا شۇ ‹ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى› دا ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، مەيدانغا چىققان ئونلىغان، يۈزلىگەن، مىڭلىغان سەپداشلىرىمىزنىڭ، ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قېنىنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.»
خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان «ئاتايۇرت پىدائىلىرى» بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىلى ئېربول دەۋلېتبېك باشلىغان بىر گۇرۇپپا قازاق پائالىيەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئادالەت، مۇستەقىللىق، ئۇيغۇر دەۋاسى، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە بىرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. مۇراسىمدا يەنە قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن چېلەك رايونىدىن كەلگەن ۋەكىل ئابدۇقېييىم ئاخۇنوفقا تون كىيدۈرۈلۈپ، ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى.