«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بەزى شەھەرلەردە ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا خاتىرىلەندى

مۇخبىرىمىز سادا
2019-07-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس قانلىق ۋەقە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 5-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشىدە بىر مەيدان خاتىرە نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەنىدى. دەل شۇ كۈندە يەنە ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك ۋە سان-فرانسىسكو شەھەرلىرىدىمۇ بۇ كۈنگە ئاتاپ ھەرخىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان.

5-ئىيۇل كۈنى يەنە ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى دۇنياغا مەشھۇر «دەۋر مەيدانى» دا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقى ۋە لاگېر مەسىلىسىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر پائالىيەتنى «ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى» ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىدىن باشقا، نيۇ-يورك ۋە پېنسېلۋېينىيە شتاتىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر، تۈرك بولۇپ جەمئىي 20 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان.

نيۇ-يوركتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مەمەت ئىمىن ئەپەندى كۆرگەزمىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، «دەۋر مەيدانى» غا كەلگەن كىشىلەرنىڭ مەزكۇر پائالىيەت ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققەت-ئېتىبارىنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

5-ئىيۇل كۈنى يەنە ئامېرىكادىكى كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەشكىللىشىدە بىر مەيدان نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

نۆۋەتتە سان-فرانسىسكو شەھىرىدە 5-نۆۋەتلىك «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانىدى. شۇ سەۋەبتىن ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ياشلىرىمۇ بۇ نامايىشقا ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلغان.

كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ لوس-ئانجېلىس شەھىرىدىن نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ۋە سۆز قىلغان ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوپتىكا ئىنژېنېرى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ نامايىش ئۇيغۇرلار سان-فرانسىسكودا ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ نامايىشلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

5-ئىيۇل كۈنى يەنە ياۋروپادىكى گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» غا ئاتاپ خاتىرە نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

شۇ قاتاردا ئاۋسترىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ 7-ئىيۇل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 10 يىل ئاۋۋالقى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇشىغا قارىتا بىر نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان ۋە شۇ ئارقىلىق شۇ يەرلىك خەلقلەر ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان. مەزكۇر نامايىش ئاۋستىرىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

7-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە باشلانغان نامايىشتا نامايىش قوشۇنى ئاۋىسترىيە پايتەختى ۋىئېننا شەھىرىنىڭ داڭلىق كوچىلىرىنىڭ بىرى بولغان مارىيەخىلفەر كوچىسىدىن باتۇرلار مەيدانىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان. قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە «ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۈچ مىليون ئۇيغۇر خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «شىنجاڭ خىتايغا تەۋە ئەمەس» دېگەندەك پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلارنىڭ جەڭگىۋار شوئارلىرى كوچىلارنى لەرزىگە كەلتۈرۈۋەتكەن.

نامايىش جەريانىدا مەزكۇر نامايىشنى تەشكىللىگەن ئاۋىسترىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇغېنى ياقۇپ ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغان.

ئابدۇغېنى ياقۇپ ئەپەندى ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

مەزكۇر نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەردىن ئاۋىسترىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى مەۋلان دىلشاتمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر نامايىشقا شۇ يەردىكى تۈرك تەشكىلاتلارنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى ۋە ئىنتايىن يۇقىرى كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن ھازىرغىچە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان نامايىشلارنىڭ بىر ئورتاق نۇقتىسى بولسا، شۇ دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىغا بېرىپ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ۋە شوئارلارنى توۋلاشتۇر. ھالبۇكى ئاۋىسترىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن. ئابدۇغېنى ياقۇپ ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ۋىئېننانىڭ داڭلىق كوچىلىرىدا يۈرۈش قىلىشنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە تەقىبلەش سىياسىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا تېخىمۇ چوڭ رولى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت