قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019-07-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

2009-يىلى 5-ئىيۇلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي، مەدەنىي، دىنىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

يېقىندا، يەنى 3-ئىيۇلدا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ناھىيەلەردىكى ئۇيغۇرلار شەھەردىكى «قورغان» رېستورانىغا جەم بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلىگەنىدى. ئىگىلىشىمىزچە، مۇنداق خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى باشقىمۇ يېزا ۋە مەھەللىلەردە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنى ئۇيۇشتۇرۇشقا بولۇپمۇ يۇرت-جامائەتچىلىك ئىشتىراك قىلغان.

5-ئىيۇلدا ئەنە شۇنداق مۇراسىملارنىڭ بىرى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ جامبۇل ناھىيەسىگە قاراشلىق ئۇزۇناغاش يېزىسىدا بولۇپ ئۆتكەن.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇزۇناغاش يېزىسىنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىكى يىگىت باشلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە بۇ كۈنى باشقىمۇ يېزا ۋە مەھەللىلەردىن ۋەكىللەرنى، زىيالىيلارنى، جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلغان.

تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ھەم سىياسىي، ھەم دىنىي مۇراسىم بولدى. چوڭ تاختا قىلىپ، شۇ يەردە ۋەتەندە قامىلىپ كەتكەن، جازا لاگېرلىرىدا ئولتۇرغان تۇغقانلارنىڭ رەسىملىرىنى ئېسىپ، ئۇنىڭ سىرتىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق بايرىقىمىزنى تىكلەپ، ئۇ يەردە چوڭ ۋە ياخشى مۇراسىم ئۆتتى. ئاندىن سائەت 3 تە شەرقىي تۈركىستان باتۇرلىرىنىڭ بىرى غېنى باتۇرنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ، دۇئا-تەكبىر بولدى.»

ئۇ يەنە ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان گورنىي گىگانت مەھەللىسىدىكى يۇرت-جامائەتچىلىكنىڭمۇ 7-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىگە بېغىشلاپ چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلىدى. تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى بۇ مەھەللىنى باشقۇرغان سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ بىرى جامالىدىن قەمىردىنوف ھەمدە مىللەتپەرۋەر ئىنسان ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف باشقۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىكىدە كۆپلىگەن پائالىيەتلەر ئۆتكەن ئىكەن. ھازىر بولسا بۇ مەھەللىنى ياش يىگىت بېشى تارىم تايىروف باشقۇرۇۋاتماقتىكەن.

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن گورنىي گىگانت مەھەللىسىنىڭ «دىلناز» رېستورانىدا ئۆتكەن مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى تەلەت ھەمرايېف ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مۇراسىمغا گورنىي گىگانت ۋە باشقىمۇ يېزا-مەھەللىلەردىن قاتناشقانلار بولۇپ 400 ئەتراپىدا ئادەم يىغىلغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن قەھرىمان غوجامبەردى، شېرىپجان نادىروف ئوخشاش ئالىملار بۈگۈنكى ۋەقەلەر ھەققىدە سۆزلىدى. مۇراسىمغا ھەر تۈرلۈك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ ۋەكىللىرى كېلىپ، بىزگە كۆڭۈل ئېيتتى ۋە تەزىيە بىلدۈردى. باشقىلار قاتارىدا مەنمۇ سۆزگە چىقىپ، ئون يىل بۇرۇن نامايىش، نەزىر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قانچىلىك ھەرىكەتلەرنى قىلغانلىقىمىزنى سۆزلىدىم.»

گورنىي گىگانت مەھەللىسىدە ئۆتكەن مۇراسىمدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭدا سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ھاكىم مەمەتوف، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئەبەيدۇللا جاپپاروف ۋە باشقىلار سۆزگە چىققان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋال، خەلقئارا ۋەزىيەت، خىتاي سىياسىتى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

سۆزلىگەنلەر ئىچىدە «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى رەئىسى يېربول دائۇلېتبېك مۇنداق دېگەن: «بارلىقىمىز بىلىمىز، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئازابلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئىنسان ھوقۇقىنىڭ ساقلىنىشىنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى دەرىجىسى ئورۇن ئېلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئەنە شۇ ئەڭ تۆۋەنكى دەرىجىدە بولماقتا. ئاللاتائالا بىزگە ئەنە شۇنداق ئېغىر سىناقلارنى بېرىۋاتىدۇ. ئۇ يەردىكىلەر تىرىك يۈرەلمەيدۇ. بىزگە ئاللاتائالا مۇشۇنداق ئېغىر سىناقلارنى بېرىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ‹ئاتايۇرت پىدائىيلىرى› ئوغلانىمىز سېرىكجان بىلاشوغلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان كۆپلىگەن پاكىتلارنى يىغدى. بۇ دەۋر ئاخبارات دەۋرى. ئاخباراتى كۈچلۈك ئەلنىڭ ئىدېئولوگىيەسى كۈچلۈك بولدى. ئىدېئولوگىيەسى كۈچلۈك ئەلنى ھېچ كىم ئىستىلا قىلالمايدۇ. بىزنىڭ ئايرىم تەشكىلاتلاردىن، مەملىكەتلەردىن ياردەم سورايدىغان ھەققىمىز بار. سەۋەبى ئۆزىمىزنىڭ چامىسى يەتمەيدۇ. مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىز باشقىلاردىن ياردەم سوراشقا مەجبۇرمىز»

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئاقىۋىتىدىن، شۇنداقلا جازا لاگېرلىرىدا، تۈرمىلەردە قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ خاتىرىلەش مۇراسىملىرىدىن باشقىمۇ پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەتلەر قىلغان ئىكەن. بۇ ھەقتە تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېف مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر بىز ئالمۇتادىكى 3-5 مىڭ ئادەم پاتىدىغان مەيداننى ئېلىپ، چوڭ تىنچلىق نامايىشى ئۆتكۈزىمىز دەپ تەييارلىق قىلغان ئىدۇق. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر مىللىي بىرلەشمىسى ئىگىدارچىلىق قىلغان. بىز ھاكىمىيەت ئالدىغا كىرىپ، ئىلتىماس قىلغان ئىدۇق. ئۇلار ياق دېمىدى، لېكىن مۇشۇ كۈنگىچە ئارقىغا تارتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خەتمە قۇرئان قىلدۇق. بىز ۋەتىنىمىزدە مىللىتىمىزگە كەلگەن زۇلۇم ھېچ قانداق بىر مىللەتكە كەلمىگەن. ئاساسەن مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە باشقىلارمۇ سۈكۈتتە تۇرىدۇ. بىز بولساق قىرىلىپ تۈگەۋاتىمىز.»

تۇرسۇن ئارزىيېف ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنىڭ ئېغىر بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا مۇستەقىللىققا، ئازادلىققا بولغان ئۈمىد-ئىشەنچىسىنى يوقاتمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر خەلقىگە بىرلىك، ئىتتىپاقلىق تىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى پاجىئەسى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى، يەنى 2009-يىلى 19-ئىيۇلدا ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمارەتلەرنىڭ بىرى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزگەن. بەزى مەلۇماتلار بويىچە ئۇنىڭغا 8 مىڭغا يېقىن ئادەم يىغىلغان ئىكەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «قازاقىستان ھۆكۈمىتى نامايىشقا رۇخسەت بېرىدۇ. بۇ رۇخسەتنى شەھەرلىك ھاكىمىيەتتىن ئېلىش كېرەك. شەھەرلىك ھاكىمىيەت ھېچ قاچان رۇخسەت بەرمەيدۇ. گەپ مۇشۇ يەردە. ئاساسىي قانۇندا نامايىش قىلىشقا رۇخسەت دېيىلگەن. مەسىلەن، تۈنۈگۈن بەزى شەھەرلەردە كوچىغا چىققانلار بولدى. ئۇلار ھەممىسى تۇتۇلۇپ، بۈگۈن جازالىنىۋاتىدۇ. 2009-يىلقىنى بىز نامايىش دەيمىز، لېكىن ئۇ نامايىش ئەمەس. ئۇ جۇمھۇرىيەت سارىيى ئىچىدە بولغان يىغىن.»

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن قانداق قىلىپ ئاخبارات ئالىدۇ؟

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار، بىرىنچىدىن، شەخسەن ئۇنىڭ ئۆزى چىقىرىۋاتقان ئاخباراتنامىلەردىن، ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىر-چىراغ ۋە توي-تۆكۈنلىرىدە ۋە باشقىمۇ ھەر قانداق پائالىيەتلىرىدە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدىن ئالىدىكەن. ئۈچىنچىدىن، «ئەركىن ئاسىيا» رادىيوسىدىن بۇ ھەقتە مەلۇماتلار ئالىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس ئىكەن. قەھرىمان غوجامبەردى ئۆز سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنىڭ يەرلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر تىللىق مەتبۇئاتلاردا يورۇتۇلماي كېلىۋاتقانلىقىغا قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت