ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2009-يىلى 5-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قارا ماتەم كۈنگە ئايلاندى.
پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەكتە. قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى 4-ۋە 5-ئىيۇل كۈنلىرى قاراسۇ ۋە بىشكەك شەھەرلىرىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسى خاتىرىلەش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزدى.
4-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قاراسۇ شەھىرىدە ئۈچ ناھىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، يەنى ئوش، ئۆزگەن، جالال ئاباد شەھەرلىرىنىڭ ۋە قەشقەر قىشلاق يېزىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاھالىلىرى بىرلىكتە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتكە قەشقەر قىشلاق يېزىسىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ھەمدۇللا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جالال ئاباد ۋىلايەتلىك ئاق ساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوف ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەت توغرىسىدا توختىلىپ، كېلەر قېتىمقى خاتىرىلەش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇش نۆۋىتى ئۆزگەن شەھىرىنىڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
شۇنى ئەسكەرتىش مۇمكىنكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوش ۋە جالال ئاباد ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز تارىخى ۋەتىنىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان.
5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بىشكەك شەھىرىنىڭ ئالامېدىن مەھەللىسىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەد ئابدۇلباقىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار «بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى چەشمەم مۇختاروۋا ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدىكى يېزىلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 150 تىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىن روزىمۇھەممەد ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىپ، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى بىلەن ئېچىلدى.
يىغىندا سۆز قىلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دا مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەر ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
مەزكۇر يىغىندا ئاساسلىق دوكلاتنى پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف قىلدى. ئەكبەرجان ئەپەندى ئۆز دوكلاتىدا مەزكۇر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە توختىلىپ، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى نامىدىن نارازىلىق بىلدۈردى.
يىغىن داۋامىدا «ئىنسان ھوقۇقلىرىنى قوغداش» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندى قوشۇمچە دوكلات قىلدى. ئۇ ئۆز دوكلاتىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن ئوچۇق قىرغىنچىلىقنى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن تارتىپ يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. .
نۆۋەتتە سۆز قىلغان سىياسىي مەسىلىلەر ئانالىزچىسى رەھىمجان ھاپىزى ئۇيغۇر خەلقى جىددىي تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىگە ئائىت بىر نەچچە پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. .
مۇراسىمدا سۆزگە چىققان چەشمەم مۇختاروۋا، تۇرسۇنئاي ئىسلام، ئابۇبەكرى تاھىروف ۋە باشقىلار ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، لاگېرلار مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاق ساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئابدۇقېيۇم روزى ئەپەندى مەزكۇر يىغىندىن = ئالغان تەسىراتلىرىنى ئىزاھلاپ، يېقىندا ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا مۇكاپات بېرىشى ۋە بۇ مۇكاپاتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تاپشۇرۇۋالغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىگە بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىغا بوي سۇنۇپ، ئۆزلىرىگە لايىق دەرىجىدە ئۆز پائالىيەتلىرىنى يۈرگۈزمەكتە. شۇ جۈملىدىن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى يىللاردىن بۇيان 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى، 1997-يىلى، 5-فېۋرال غۇلجا قانلىق ۋەقەسى، 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى «مىللىي ئارمىيە كۈنى» ۋە 12-نويابىر «ئىككى جۇمھۇرىيەت» كۈنلىرىنى خاتىرىلەش قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.
قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ۋە ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى بىر قەدەر ياخشى ساقلىغان مەملىكەتتۇر. «ئىتتىپاق جەمئىيىتى» چىقىرىۋاتقان رەسمىي قانۇنلۇق گېزىت- «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ سەھىپىلىرىدە بولسا رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت مۇھىم خەلقئارالىق خەۋەرلەر، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى باشقا تۈرلۈك مەسىلىلەر تونۇشتۇرۇپ كېلىنمەكتە. مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي تەقىبلەشلىرىگە ئائىت تەنقىد ماقالىلىرى ۋە پىكىرلەر داۋاملىق ئېلان قىلىنماقتا. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئات ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۇقىرىقىدەك پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە مەتبۇئاتلارنى يولغا قويۇشىغا يول قويۇۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلماقتىكەن.
0:00 / 0:00