«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ۋە بارغانچە كۈچىيىۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكى

0:00 / 0:00

2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەڭسىز مىللىي سىياسىتىگە قارشى تىنچ ئۇسۇلدىكى نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن ئىدى. ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان بۇ نامايىش 12 يىلدىن بۇيان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دەپ خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر نامايىشنى باستۇرغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا زور تۇتقۇن ئېلىپ بارغان. ھۆكۈمىتى شۇ قېتىملىق ئۈرۈمچى نامايىشىغا ئوت پىلتىسى بولغان «شاۋگۈەن ۋەقەسى» ۋە 2009-يىلى 7-ئىيۇل كۈنى تاياق-توخماق كۆتۈرگەن خىتايلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىگە قارىتا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىزاھات بەرمەي كەلمەكتە.

ھالبۇكى، «شاۋگۇەن ۋەقەسى» ۋە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەققىدە يۇتۇپ قاتارلىق خەلقئارالىق تور مۇنبەرلىرىدە ئۆز ۋاقتىدا تورغا قويۇلغان نۇرغۇنلىغان سۈرەتلەر ۋە سىن كۆۈنۈنۈشلىرى ساقلىنىپ كەلمەكتە.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكادىكى «پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى ئاددىي ھالدا «شاۋگۈەن ۋەقەسى» گىلا باغلاپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇزۇن مەزگىللىك تەڭسىز سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدىن كۆرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى› نىڭ يۈز بېرىشىگە ئوت پىلتىسى بولغان ‹شاۋگۇەن ۋەقەسى› ھەققىدە توختىلىپ كۆرەيلى. مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئۆزىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك كەمسىتىش تەشۋىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مېنىڭچە، ‹شاۋگۇەن ۋەقەسى› 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە پەقەتلا ئوت پىلتىسى بولۇش رولىنى ئوينىدى، خالاس. كىشىلەر ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› نى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلى 26-ئىيۇن كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن خىتايلار بىلەن ئۇيغۇر ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشنى ئادىل بىر تەرەپ قىلماسلىقى نەتىجىسىدە پارتلىغان نارازىلىق ھەرىكىتى دەپ قاراشماقتا. ئەمما مەن ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى› نى خىتاينىڭ رايوندىكى مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك كۆپ خىل ئامىللارغا باغلايمەن.»

ياڭ جىيەنلى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «خىتايلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھېچقانداق ھەقىقىي ئاپتونومىيەلىك ھوقۇق بولغان ئەمەس. بۇ مۇقەررەر. رايوندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئۈزلۈكسىز ھالدا مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىل، دىنىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى، ئىچكىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرى ۋە خىزمەت پۇرسىتىنى ئىگىلىۋېلىشى، شەرقىي تۈركىستان بايلىقلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ھوقۇقسىزلىقى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى بارغانچە كۈچىيىپ بارغان. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك باراۋەرسىز مىللى سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان.»

«تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» 5-ئىيۇل كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ كۆرسەتكەن.

مەزكۇرجەمئىيەتنىڭ باشلىقى، ئادۋوكات خې چاۋدوڭ ئەپەندى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاينىڭ مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى سەۋەپ بولغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا «مىللەت بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، 2009-يىلدىكى ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى› نى ‹ئۈرۈمچى زور قىرغىنچلىقى› دەپ ئاتاش كېرەك. مېنىڭ بىلىشىمچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خىتاي مىللىتىنى ئاساسلىق خەلق دەپ ھىساپلايدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى مىللىي ئاسسىمىلىياتسىيەنى تەرغىپ قىلىدۇ، ئۇ رايوندا مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى مىللىي زىديەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەپ كەلدى. ئۇ يەنە ھەرقايسىي مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان دىنىي ئېتىقادىي، تىلى، مىللى مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى خىتايلارغا سىڭدۈرۈۋېتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. شۇڭا بۇ يىللاردا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىمۇ ئۇلارنىڭ يوقىتىش نىشانىغا ئايلاندى. ‹5-ئىيۇل نارازىلىق نامايىشى› ئەسلىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹شاۋگۇەن ۋەقەسى› نى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان مىللىي كەمسىتىشكە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرال كۈچى بىلەن بۇ نارازىلىق ھەركىتىنى قانلىق باستۇردى. شۇڭا مەن مەزكۇر ۋەقەنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا پۈتكۈل مىللەت بويىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، دەپ قارايمەن.»

ئامېرىكىدىكى «شاڭخەي مىللى پارتىيەسى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باشلىقى خې ئەنچۈەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندا ئۆزى قاتناشقان بىر تور مۇنازىرە پائالىيىتىدە، ئۆزىنىڭ مەخسۇس «خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ زىيىنى» ھەققىدە توختالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خې ئەنچۈەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مىللىي سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى بولۇپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ۋەقەنى قانلىق باستۇرۇش بىلەنلا توختاپ قالمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ رايوندىكى مىللىي سىياسىتىدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا، ئاتالمىش «جۇڭخۇا بىرلىكى» نامىدىكى خىتاي مىللەتچىلىكىنى تەرغىپ قىلغان. خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنى ئېرىتىپ تۈگىتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدا مەۋجۇت بولغان بۇ خىل باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىش ئېڭى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭلا تەشۋىقات نەتىجىسى ئەمەس ئىكەن. ئۇ ئەمەلىيەتتە خىتايلاردا 2000 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە خىتاي خەلقىنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ كەتكەن مىللەتچىلىك خاھىشىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى ئىكەن.