«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 11 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئىستانبۇلنىڭ ساراچخانا باغچە مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستانغا دائىر فوتو سۈرەتلەر ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. 5-ئىيۇل كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىش بىلەن باشلانغان بۇ پائالىيەت 3 كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
بۇ پائالىيەتتە «5ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە مۇناسىۋەتلىك فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىگە قويۇلۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرى، چالغۇ ئەسۋابلار، قول ھۆنەر-سەنئەتلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرى ۋە كىتاپ-ژۇرناللار تارقىتىلدى.
ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ-ساراچخانا باغچىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرگەن ھالدا قاتناشتى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىغا بولغان نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەپ، ھەر خىل شوئارلار توۋلىدى.
مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا دوغان خەۋەر ئاگېنتلىقى، رويتېرىس ئاگېنتلىقى ۋە ئەل-جەزىرە قاتارلىق كۆپ ساندىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بايانات ئېلان قىلدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئالدى بىلەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ تىنچلىق بىلەن ھەق-ھوقۇق تەلەپ قىلغان مىڭلىغان نامايىشچىلارنىڭ يول ئوتتۇرىدا قىرغىن قىلىنغانلىقىنى، بۇ قانلىق ۋەقەدە خىتاي تەرەپنىڭ 196 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، يالغان سۆزلىگەنلىكى ھەمدە دۇنيا جامائىتىنى ئالداشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك ئەھۋاللىرى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا توختالدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە چەكلىملىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا مىليونلىغان ئىنسانلار ناھەق تۇتۇلۇپ ياتماقتا. خىتاينىڭ ھەر خىل تۈردىكى مەدەنىيەت ئاسسىملاتىسىيە پائالىيەتلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىماقتا. ئۇيغۇرلارنى ئىسلامدىن چىقىشقا قىستىماقتا. ئاياللارنىڭ ئىسلامىي كىيىملەرنى كىيىشى، ئەرلەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى ۋە دىنى قىياپەتلەر چەكلەنمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئەجنەبىي خىتايلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئائىلىنىڭ ئىززەت-ئابرويى ۋە ئىپپەت-نۇمۇسى دەپسەندە قىلىىنماقتا. ئۇيغۇر قىزلىرى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا. لاگېرلار ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرى ئورگان ئەتكىسچىلەرنىڭ تىجارەت قۇربانى بولماقتا. پۈتكۈل مەسجىدلەر ئىبادەت قىلىشقا تاقالدى. قۇرئان كەرىم قاتارلىق ھەر خىل دىنىي كىتابلار ۋە بەلگىلەر پۈتۈنلەي يىغىۋېلىنىپ كۆيدۈرۈلدى. ئانا تىلدا تەلىم ئېلىش چەكلەندى. ئۆسمۈرلىرىمىزنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەجبۇرى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يىغىۋالدى. شەرقىي تۈركىستانغا قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ياش قىز-ئوغۇللار قارا ئىشچى سۈپىتىدە خىتاينىڭ ئىچكى رايونلىرىغا يۆتكەلمەكتە. ئۈچ يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىغا ساياھەت قىلىش پۈتۈنلەي چەكلەندى.»
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىنى بىرلىكتە خىتاينى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باياناتىنىڭ ئاخىرىدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە شېھىت بولغانلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «2009-يىلىدىكى ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى› نى ئونۇتمىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز ئۇنۇتمايمىز. ئۈرۈمچى قەتلىئامىدا شېھىت بولغان ۋە شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئازادلىق كۆرۈشى يولىدا شېھىت بولغان پۈتكۈل قەھرىمانلىرىمىزنى مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمىز. ئۇلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز. ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!»
پائالىيەتتە سۆز قىلغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي 11 يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزدى. مەن بىر تارىخچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى دىيەلەيمەكى، دۇنيادا شەرقىي تۈركسىتاندا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمغا ئوخشاش ھېچ بىر زۇلۇم يۈز بېرىپ باقمىدى. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئىشكەنجىسى ۋە زۇلۇملىرى ئادەتتىكى ئەھۋالغا ئايلاندى. ئۆسمۈرلەر خىتايلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلاندى، ئىززەت-ئابرۇي، ئىپپەت-نۇمۇس ئاياغ ئاستى قىلىندى. بۈگۈن خىتاي دۇنيا ئۈچۈن بۈيۈك تەھدىت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ دۇنياغا كېڭەيمىچىلىك قىلىشىنى توسۇيدىغان تەبىئىي قەلئە ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي تۈركسىتاندىن ئىبارەت بۇ قەلئە يوقالسا، پۈتكۈل دۇنيا خەۋپ ئاستىدا قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەدبىر ئالمىسا، كەلگۈسىدە پاكىستان، بىرما ۋە باشقا ئافرىقا ئۆلكىلىرىگە ئوخشاش خىتاي تەھتىدى ئاستىدا قالىدۇ.»
پائالىيەتتە سۆز قىلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراشتىكى تۈپ سەۋەبنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقى ۋە ئىشغال قىلىۋالغان بۇ جۇغراپىيەنى ئەبەدىي ئۆزىنىڭ بىر قىسمى قىلىۋېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان دۆلەت تېرورلۇقىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىنىڭ تۈپ مەقسىتى تۇپراق كۈرىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
بۇ پائالىيەتتە تۇغقانلىرى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بىر قىسىم ئاياللارمۇ سۆز قىلىپ، خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەشتى.
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇم ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم سۆز قىلىپ، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئاياللارنى ئەسلەپ ئۆتتى.
بىز بۇ ھەقتە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلغان بىر قىسىم زىيارەتچىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بۇ كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان بۇ مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنىڭ تۈركىيە جامائىتىگە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغان ئىستانبۇلدىكى ۋېلىسپىتچىلەر كۇلۇبىنىڭ باياناتچىسى ئەكرەم قۇبۇلاي قارادېڭىز ئەپەندى ئۇزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دەستەكلەش ئۈچۈن ئۈسكۈدەر مەيدانىدىن كۆك بايراقلارنى كۆتۈرگەن ھالدا 11 سەپدىشى بىلەن 11 كىلومتېر يول يۈرۈپ، ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 11-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ساراچخانا مەيدانىدا ئېچىلغان ئۈرۈمچى ۋەقەسى فوتو سۈرەت ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە ۋېلىسىپىت بىلەن كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەكرەم قۇبۇلاي ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «رەسىم كۆرگەزمىسىدە ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا ئالاقىدار قانلىق سۈرەتلەرنى كۆردۇق. ئىلگىرى ھېچ كۆرۈپ باقىمىغان سۈرەتلەرنى كۆردۇق، ئەسلىدە بۇ سۈرەتلەر شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم يوقلۇقىنى داۋا قىلىۋاتقان بەزى گۇرۇپپىلار ۋە كىشىلەرگە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى ئىسپاتلىق جاۋاب ئىدى. زۇلۇمنى ئىپادىلىگەن سۈرەتلەر ۋىجدانىمىزنى ئېچىندۇرسىمۇ، ئۇ يەردىكى زۇلۇم توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن بولدى. بۇ سۈرەتلەر بەك مۇھىم ئىدى. بىز ۋېلىسپىتچىلەر كۇلۇبى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر زامان ھەر يەردە شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشكە تىرىشچانلىق قىلىمىز.»
0:00 / 0:00