ئىنكاس: 2009-يىلى سېنتەبىردە ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ئۇنتۇلمىسۇن

0:00 / 0:00

2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بىر قانچە كۈندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خەلقئارالىق تېلېفون ئالاقىسىنى 10 ئايچە پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغانىدى. بۇ مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى باشلاش بىلەن تەڭ، بارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى تاقاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسى يانفون كومپيۇتېرلىرىغا قارىتا چوڭ تازىلاش ئېلىپ بارغانلىقى، 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە دائىر بارلىق ئۇچۇر ۋە سۈرەتلەرنى بىردەك ئۆچۈرۈپ تاشلىغانلىقىدەك ئەھۋاللار مەلۇم بولغانىدى.

شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان ھەقىقىي ئۇچۇرلارمۇ ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ كەلمەكتە. ئەمما يېقىنقى يىللاردا، ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىغا ئۇلانغان بىر قىسىم پاجىئەلىك ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ئۈرۈمچىدىن چەتئەللەرگە چىققان بىر قىسىم شاھىتلار تەرىپىدىن ئايدىڭلاشماقتا.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار رادىئومىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئىككى ئايدىن كېيىن سېنتەبىرنىڭ باشلىرىدا، ئۈرۈمچىدە خىتايلارنىڭ توپلىشىپ ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشىدەك پاجىئەلىك ۋەقەلەرگە شاھىت بولغانلىقلىرىنى ئاڭلاتتى.

ئامېرىكانىڭ مەلۇم شتاتىدا ياشاۋاتقان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۆرۈمىچىلىك ئۇيغۇر قىز: «9002-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى ئىشنى پەقەت ئۇنتۇپ قالالمايمەن» دەپ سۆزىنى باشلىدى، ئۇ شۇ مەزگىلدە يېڭىلا تېخنىكومغا ئوقۇشقا كىرگەن بولۇپ، 6-سېنتەبىر كۈنى مەكتەپ ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپتىن ئايرىلماسلىقنى، ئۈرۈمچىدىكىلەرنى ئۆيلىرىگە مەكتەپ ئاپتوموبىلى ئارقىلىق ئۆزلىرى ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئۇ، مەكتەپ ئاپتوموبىلىدا ئۆيىگە بارغۇچە يول بويى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ھارۋا سۆرەپ باققالچىلىق قىلىدىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ كوچىدا خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنىكەن.

بۇ قىزنىڭ ئېيتىشىچە توپلىشىپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى 4-سېنتەبىر كۈنىدىن 7-سېنتەبىر كۈنلىرىگىچە، خىتايلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئوخشىمىغان مەھەللە ۋە رايونلاردا يۈز بەرگەن. خىتاي ھۇجۇمچىلار ھەتتا ئۇيغۇر نارەسىدە بوۋاق بالىلارغىمۇ رەھىم قىلمىغان. تۆمۈر يول ىىدارىسدىكى 5 ئائىلە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە گەپ بولغان بولسىمۇ بۇ كۈنلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتى كۈز يۇمغان ھەتتا قەستەن يول قويغانلىقى بىلىنگەن شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ئېغىز ئاچالماس بىر ۋەزىيەت يارىتىلغان. كەيندىنلا يەنى 12-سېنتەبىردىن باشلاپ ئاپتوبۇسلاردا سىرلىق يىڭنە سانجىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ قويۇلۇشى بىلەن، ئۇنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان قاتىللىق ۋەقەلىرى سۈرۈشتە قىلىنماي بېسىقتۇرۇلغانىكەن.

4-سېنتەبىر ئۈرۈمچى دوستلۇق يولىدا، خىتايلارنىڭ كوچىدىكى ئۇيغۇرلارغا توپلىشىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، ئۆزىنىڭمۇ شۇ كوچىدا ئىكەنلىكى. خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئاراندا قېچىپ قۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلغان ئامېرىكادىكى يەنە بىر ئۇيغۇر ياش، ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىنىڭ ئۇرۇش رايونىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، يالغۇز ئەسكەر ۋە قوراللىق ساقچىلارنىڭلا ئەمەس ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالارنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا بولغان دۈشمەنلىكى ئوچۇق ئاشكارا ئىپادىلەنگەن. ئەينى ۋاقىتتا خىتايچە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇ، ئۆزىنىڭمۇ ھەر زامان خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى تونۇپ يەتكەندە، تۇنجى قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئېنىق چۈشەنگەندەك بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ،

بۇ پاجىئەلىك ۋەقەلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزى ۋە ئۆزىگە ئوخشاش يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى ئويغاتتى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2009-يىلى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خېلى بىر مەزگىللىرىگىچە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئىنتايىن قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ياشىغانلىقىنى ئەسكە ئالغان، ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىش، سىرلىق ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داۋاملىق غۇلغۇلا قىلىنىدىغان ۋەقە بولۇپ قالغان. ئۇنىڭغا ئەڭ تەسىر قىلغىنى، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان قەلبىنۇر سېنتەبىردە مەكتەپلەر يېڭى دەرس باشلىغان بۇ ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى ئەتىگەن ئىشقا ماڭغىنىدا، مەھەللىدىكى كوچا تازىلايدىغان ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك باغچىلاردىن، كوچىدىكى ئەخلەت ساندۇقلىرىغا، ھەر خىل رازمېردىكى ئەر ئاياللار ھەتتا بالىلارنىڭ ئاياغلىرى توشۇپ كېتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىشى بولۇپ، ئەجەبا بۇ ئاياغلار ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاياقلىرىمىدۇ؟ دەپ ئويلىغىنىدا تېنى شۈركۈنۈپ قورقۇنچ باسقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

7-ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە خىتايلارنىڭ تەشكىللىك ھالدا قوللىرىغا

ئوخشاش توقماق، كالتەك ۋە كېسەكلەرنى ئېلىپ ئۇيغۇر مەھەللىرىگە باستۇرۇپ كىرىشى ۋە كۈزىگە چېلىققان ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلىكى، ئەتراپتا ساقچى ۋە ھەربىيلەرنىڭ بولسا، ئۇلارنى توسماقتا يوق، پەرۋاسىز قاراپ تۇرغانلىقىدەك نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلانغانىدى.