«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.
د ئۇ ق چاقىرىقى بىلەن 5-ئىيۇل كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىتاينىڭ ميۇنخېن شەھرىدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، 5-ئىيۇل شېھىتلىرىنى خاتىرلىدى ۋە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
نامايىشقا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نامايىش مۇقەددىمىسىدە ئۇيغۇرچە ۋە گېرمانچە نۇتۇق سۆزلەپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرنى قاتتىق سۆكتى.

نامايىشقا 2008-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرۇپ سۆز قىلىۋاتقان باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ماركوس ئەپەندىمۇ قاتناشقان ئىدى. ئۇ نامايىش جەريانىدا سۆز ئېلىپ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان دەھشەتلىك باستۇرۇش سىياسىسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئىسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ئىلھام توختى ئىنىستىتۇتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ سۆز ئېلىپ، خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.
بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىس پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ نامايىشنىڭ ناھايىتى ھاياجانلىق ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. نامايىش ئىشتىراكچىلىرىدىن ئىلچىن ئەپەندىمۇ ئۆز تەسىراتلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.