قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» قۇربانلىرىنى ياد ئەتتى

0:00 / 0:00

4-ئىيۇل كۈنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان مەسچىتكە جەم بولغان ئۇيغۇرلار 2009-يىلى 5-ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. مۇراسىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرلدى. ئۇنىڭغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر، يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى، زىيالىيلار، ياشلار بولۇپ، يۈزدىن ئوشۇق ئادەم قاتناشتى.

مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى رەھىمجان مەنسۇروف دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشلار قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستان قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلغان ھالدا، ئەركىنلىك، ئازادلىق ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەملىكەت بويىچە كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلەشكەن بىر ۋاقتىغا توغرا كەلگەنلىكىدىن كۆپ ئادەم توپلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ۋە بارلىق بىخەتەرلىك چارىلىرىنى ساقلاشنى ئاگاھلاندۇردى.

2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىل 4-ئىيۇل، ئالمۇتا.

دەسلەپتە دىنىي زات مەھەممەتجان ھاجىم ئۈرۈمچى قانلىق پاجىئەسىدە قۇربان بولغانلارغا بېغىشلاپ قۇران تىلاۋەت قىلدى.

ئاندىن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى مەزكۇر مۇراسىمنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئەركىن ئەخمەتوفنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىنغان ھالدا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 72 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلىدە پەقەتلا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قەھرىمان غوجامبەردى 2009-يىل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ماھىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇ ئامېرىكا باشلىق دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى مەملىكەتلىرىنىڭ، بەزى خەلقارا تەشكىلاتلارنىڭ، دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ، زىيالىيلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت بۆلۈۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتە دولقۇن ئەيسا رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆپلىگەن ئىش-پائالىيەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سەھنىگە چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىپ، بارلىق كۈچىنى مىللىي مائارىپنى ساقلاپ قېلىشقا، مەدەنىيەتنى راۋاجلانلۇرۇشقا، زامان تەلىپىگە لايىق ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش ئىشىرىغا سەرپ قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى نۇرمۇھەممەت سادىقوف خىتاينىڭ ئۇيغۇر زېمىنىنى زور قوراللىق كۈچ ۋە مۇتىھەملىكى بىلەن بېسىۋالغانلىقىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر تەقىپلەش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن ئۆز مەملىكەتلىرىنى قۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەن دەۋاسىنىڭ، مۇستەقىللىك، ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى، تىجارەتچى تۇرسۇنئاي تېيىپوۋا خانىم مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە بولۇپ ئۆتكەن نامايىشتا ناھەق قىرىلغان ئۇيغۇر خەلقىمىزنى خاتىرىلەش كۈنىگە يىغىلىپ ئولتۇرىمىز. بىز يۈز يىللاپ ۋەتەن ئۈچۈن قان تۆكۈۋاتىمىز. ھازىرمۇ تۆكۈلۈۋاتىدۇ، كۆز ياشلىرىمىز دەريا بولۇپ ئېقىۋاتىدۇ. مەن چوقۇم ئىشىنىمەن، ۋەتەن ئازاد بولىدۇ. دولقۇن ئەيسا ناھايىتى دۇرۇس ئىشلەۋاتىدۇ. مەن ئويلايمەن، بىز چوقۇم غەلىبە قازىنىمىز. مىللەت ئۈچۈن ھەر بىرىمىز نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز؟ ھەر بىر ئۇيغۇر قولىدىن نېمە كەلسە، شۇنى قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك. بۈگۈن يىغىن ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. ئارمان بىرلا-ۋەتەن ئازادلىقى.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى رەھىمجان مەنسۇروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «نەزىردە 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق پاجىئە، شۇنىڭدا تىنچلىق نامايىشقا قاتناشقان ياشلىرىمىزنىڭ، ئانىلىرىمىزنىڭ، بالىلىرىمىزنىڭ قەھرىمانلىقى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىلىق كۆپلىگەن پىكىرلەر ئېيتىلدى. شەخسەن مەن ئۆزۈم بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەندىم. سۆزگە چىققانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىپلىدى.»

مۇراسىمدە سۆزگە چىققان ئاتاغلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى ئارۇپجان تۇرسۇنوفلار 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە باغلىق ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدەك «تىنچلىق دۇنياسى» قازاق ئىجادىي بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى ئابېن نۇرمانوف، تۈركىيەدىن كەلگەن مېھمانلار خەيرۇللا ئەفەدىگىل، تۇرسۇن سۈيدۈڭ، شۇنداقلا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، يىگىت باشلىرى ۋە باشقىلار ئۆزلىرىئىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى، مىللىي كىملىك ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەزكۇر مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.