2009-يىلى 26-ئىيۇن كۈنى شاۋگۇەندە يۈز بەرگەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلارغا ھۇجۇم قىلىش، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ۋە يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى مەسىلىسىدە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇنى ئادىل بىرتەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن 5-ئىيۇل يالغۇز ئۈرۈمچىدىلا نامايىش پارتلىغان بولماستىن، بەلكى 6-ئىيۇلدا قەشقەر ھېيتگاھ مەيدانىدىمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نامايىش ئېلىپ بارغانلىقى ۋە ئوخشاشلا باستۇرۇلغانلىقى مەلۇم ئىدى. ئەپسۇسكى قەشقەردىكى بۇ نامايىش ئۆز ۋاقتىدا پەقەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان بىر قانچە پارچە سۈرەت ۋە قىسقا ئۇچۇر بىلەنلا چەكلەنگەن بولغاچقا ئاخباراتلاردىنمۇ يەر ئالمىغانىدى.
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، قەشقەردە يۈز بەرگەن مەزكۇر نامايىشنىڭ تەپسىلاتىمۇ سۇ يۈزىگە چىقماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى قوراللىق ساقچى ۋە ھەربىي قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۈرۈمچىدە 2009-يىلى 5-ئىيۇل نامايىشىنى قاتتىق باستۇرغاندىن كېيىن، 6-ئىيۇل كۈنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نامايىشىغا سەۋەب بولغان «26-ئىيۇل شاۋگۇەن ۋەقەسى «نى ئادىل بىر تەرەپ قىلىش تەلىپىگە جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرىنى تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەتكەن.
نۇر بەكرى مۇنداق دېگەن: «26-ئىيۇن ۋەقەسى تىپىك ئاممىۋى بىخەتەرلىك دېلوسى، ئەمما دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەر بۇنىڭدىن يامان غەرەزدە پايدىلىنىپ، ئامالىنىڭ بارىچە جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلدى. ھەقىقەتنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنى قۇترىتىش ئارقىلىق نامايىش ئېلىپ باردى. مىللەتكە ئېغىر زىيان سالدى. ئىتتىپاقلىق ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى بۇزدى «.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدىكى نامايىشنىڭ خاراكتېرىنى» ئېغىر دەرىجىدىكى بۇزۇپ-چېقىش، كۆيدۈرۈش جىنايىتى «دەپ بېكىتىپ، ئۈرۈمچىدىكى نامايىشقا قاتناشقان، ئۇنى كۆرگەن ۋە باشقا ئۆزى گۇمانلىق دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننى باشلىغان. دەل بۇ پەيتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنىڭ سىمۋوللۇق مەركىزى ھېسابلىنىدىغان قەشقەرنىڭ ھېيتگاھ مەيدانىغا ئۇيغۇر ياشلىرى يىغىلىپ نامايىش ئېلىپ بارغانلىقى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي باستۇرۇلغانلىقى شۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدىغان بىرقىسىم تورلاردا قىسقا ئۇچۇرلار ئارقىلىق تارقالدى ۋە كېيىن توسۇۋېتىلدى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر قەشقەردىكى ۋەقەنى ئېنىقلاش ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى پۈتۈنلەي قامال قىلىشى سەۋەبلىك بۇ ھەقتە مەلۇمات يوق دېيەرلىك بولغاچقا، قەشقەردە 2009-يىلى 6-ئىيۇلدا نېمىلەر يۈز بەرگەنلىكى ھازىرغا قەدەر دۇنياغا تونۇلماي كەلگەنىدى.
يېقىندا بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگەن، فەيسىبوكتا» ھېكىم سالام «تەخەللۇسى قوللانغان بىر ياش بۇ ھەقتە بىزنى مەلۇماتلار بىلەن تەمىن ئەتتى.
ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتىن تەتىل قىلىپ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن مەزگىلى بولۇپ، قەشقەر ھېيتگاھ يېنىدىكى بازارنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە جايلاشقان دۇكاندا ئائىلىسىگە ياردەملىشىۋاتقان مەزگىلى ئىكەن. بۇ دۇكاننىڭ بالكونى دەل ھېيتگاھ جامەسىگە قارايدىغان بولۇپ ئۇ شۇ كۈنىدە يۈز بەرگەن نامايىش ۋە ئۇنىڭ باستۇرۇلۇش جەريانىنى ئېنىق كۆرگەن ھەتتا تېلېفوندا ۋېدىيوغىمۇ ئېلىۋالغانىكەن.
مۇخبىر: 2009يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە، 6-ئىيۇل قەشقەردە نامايىش بولىدىغانلىقىدىن خەۋىرىڭىز بارمىدى؟
شاھىت: بار ئىدى، كيۇ كيۇ تورىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە نامايىش بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارالغاندىن كېيىن، داۋاملىق تۈردە-6 ئىيۇل قەشقەردە نامايىش بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر توختىماي تارقىلىپ تۇرغانىدى.
مۇخبىر: ھېيتگاھتا 6-ئىيۇل نامايىش بولدىمۇ؟ ئۇ جايدا نېمىلەر يۈز بەردى؟
شاھىت: 7-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتى كەسكىن، ھەر يەردە ساقچى ماشىنىلىرى، قوراللىق خىتاي ئەسكەرلىرىنى توشۇيدىغان ماشىنىلار ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ ھەيۋە كۆرسىتىپ ئايلىنىپ يۈرەتتى.
چۈشكە يېقىن ھېيتگاھ مەيدانغا يىغىلغان ياشلارنىڭ سانى مېنىڭ تەخمىنىمچە 100-200 ئەتراپىدا. . . ئۇلار «. . . قويۇپ بەرسۇن! . .» دەپ ۋارقىراپ شوئار توۋلىدى. ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولغاچقا باشقا يەنە نېمە دېگەنلىكىنى ئېنىق ئاڭقىرالمىدىم. . .
مۇخبىر: بۇ نامايىش قانچە ئۇزۇن داۋام قىلدى؟
شاھىت: ئۇزۇن بولمىدى. بىر دەمدىن كېيىنلا ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولغا ساقچى ماشىنىلىرى ۋە كالتەك توقماق، قوراللىق جابدۇنغان خىتاي ئەسكەرلىرى يېغىپ كەتتى. بۇ، قوراللىق ساقچىلار قانداقتۇر بۇيرۇق كۈتۈپ تۇتۇشۇۋاتقانىدى. يىغىلغان ئۇيغۇر ياشلىرى نامايىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى. تۇيۇقسىز قاتتىق ۋارقىرىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، بەلكىم «تۇتۇڭلار!» دېگەن بۇيرۇق بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇ ياشلار توپىنىڭ يېنىدا يېقىن تۇرغان پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار ئاكتىپ باشلامچىلىق قىلىۋاتقان ياشلارنى تۇيۇقسىز يەرگە يىقىتىپ قولىنى كەينىگە قىلىپ باغلىدى. بۇيرۇق ئاۋازى بىلەن تەڭ، قوراللىق ساقچى ۋە ھەربىيلەر ياشلار توپىغا يوپۇرۇلۇپ كەلدى. قاچالىغان ياشلار ھېيتگاھ جامەسىنىڭ يېنىدىكى كوچىلارغا قاراپ قېچىشتى، تۇتۇلغانلارنى ماشىنىغا سېلىپ ئەپ كېتىشتى، ئاندىن كېيىنلا نەچچە ئۈستى ئوچۇق كوزۇپلۇق ماشىنىدا قوراللىق ئەسكەرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن توشۇپ ئەكېلىپ ھېيتگاھ مەيداننى تولدۇردى.
مۇخبىر: ھېيتگاھ جامەسى بەكمۇ ئاۋات بىر جاي، ۋەقە چۈشتە بولغانىكەن، ئەتراپتا ئادەم خېلى كوپ بولۇشى كېرەك، ئۇلارنىچۇ، ساقچىلار ئۇلارنى قانداق قىلدى؟
شاھىت: جامەنىڭ ئىچىدىكى ناماز ئوقۇشقا كىرگەن كىشىلەرنى چىقىرىۋېتىپ ئىشىكىگە قۇلۇپ سالدى، شۇ ئەتراپتىكى پۈتۈن دۇكانلارغا كىرىپ، دۇكاندارلارنى دۇكانلىرىنى تاقاپ ئۆيگە كېتىشكە بۇيرۇق قىلدى.
شۇ ئەسنادا بىزمۇ دۇكاننى يېغىپ ئۆيگە قايتىشقا مەجبۇر بولدۇق.
مۇخبىر: ئۈرۈمچى نامايىشى بولۇشتىن ئىلگىرىلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇش تەييارلىقى كۆرگەنلىكى مەلۇم، سىزنىڭچە ھېيتگاھ مەيدانىدىكى نامايىشتىن دائىرىلەرنىڭ خەۋىرى بارمىدۇ؟
شاھىت: ئۇنىڭ ئالدىدا 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى نامايىش خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، قەشقەردىكى ياشلارنىڭمۇ ھېيتگاھ مەيداندا يىغىلىپ نامايىش قىلىدىغانلىقى كىيۇ-كىيۇ توپلىرىدىن تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەنىدىم.
مېنىڭچە ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمەت شۇ ئىشلاردىن باشلىنىشتىن بۇرۇنلا خەۋەر تاپقان ۋە ئالدىنى ئالالايتتى. ئەمما بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ئېنىقلا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەمەس، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش، قەستەن شۇ ئۇيغۇر ياشلارنىڭ يىغىلىشقا يول قويۇپ، شۇنى باھانە قىلىپ نۇرغۇن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۈرمىگە سولاپ يوقىتىش. چۈنكى مېنىڭ ئېنىق كۆرگىنىم، ياشلار توپىغا ياندىن پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنى ئورۇنلاشتۇرغانىكەن. شۇنىڭ ئۆزىلا مەقسەتلىك ۋە پىلانلانغانلىقىغا كۇپايە.
مۇخبىر: ۋەقەدىن كېيىن قەشقەر ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟
شاھىت: شۇ كۈنى كېچىسىدىن باشلاپ قەشقەر شەھىرىدە كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش باشلاندى. كېچىدە سىرتتا يۈرگەن كىشىلەرنى، مېھماندارچىلىق ئۈچۈن توپلانغان كىشىلەرنى، شۇ كۈنكى يىغىلىشقا قاتناشقان ۋە ئەتراپتا شۇ ئىشلارنى كۆزىتىۋاتقان كامېراغا چۈشۈپ قالغانلارنى ئۆيلىرىدىن تۇتۇپ ئەپ چىقىپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق. بىزنىڭ مەھەللىدىكى بىر دوستىمىزمۇ شۇ كۈنى شۇ ياشلارنىڭ نامايىشنى كۆرۈش ئۈچۈن ھېيتگاھ ئەتراپىدا تۇرۇپتىكەن ئۇمۇ خېلى بىر ۋاقىتقىچە دەككە-دۈككە ئىچىدە يۈرگەنىدى.
مۇخبىر: سىز ئالغان ۋىدىيو قانداق بولدى؟
شاھىت: مەن شۇ ۋىدىيونى تاكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ماڭغان ۋاقىتقىچە كومپيۇتېرىمدا ساقلىغانتىم، كېيىنچە تېلېفون تەكشۈرۈش، كومپيۇتېر تەكشۈرۈش باشلانغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتكەنىدىم. ئېسىمگە كەلگەنلىرى مۇشۇ.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزىنىڭ 2014-يىلى تۇتقۇن قىلىنغاندا، ئەينى ۋاقىتتا، يەنى 2009-يىلى-6 ئىيۇلدا قەشقەر ھېيتگاھتا يۈز بەرگەن ياشلار نامايىشىدا تۇتۇلۇپ، كېسىلگەن ۋە جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىنمۇ يەنە قايتا تۇتۇلغانلار بىلەن بىر تۈرمىدە ياتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بەزى مەنبەلەردىن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە نامايىش يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلغانلىقى مەلۇم. ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنىڭ سالمىقى بىر قەدەر زور ۋە خىتاينىڭ ئۇنى باستۇرۇشتا قوللانغان پەۋقۇلئاددە قاتتىق ۋاسىتىلىرى دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، 5-ئىيۇلغا ئۇلىنىپ، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى دېگەندەك، بىر قانچە كۈنگىچە داۋاملاشقان ئەگەشمە ۋەقەلىكلەر ئۈرۈمچىنى پۈتۈن مەتبۇئاتلارنىڭ ئاساسلىق دىققەت مەركىزىگە ئايلاندۇرغان. بۇنىڭ بىلەن 2009-يىلى 6-ئىيۇلدا قەشقەر ھېيتگاھ مەيدانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەر سىر بولۇپ كەلگەن.
ئابدۇۋەلىنىڭ قەيت قىلىشىچە، قەشقەردىن ئىبارەت ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان سىمۋوللۇق بىر شەھەردە، بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدىكى نامايىش قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەتىسىلا قەشقەر ياشلىرىنىڭ داۋاملىق نامايىش ئېلىپ بېرىشى كىچىك ۋەقە ئەمەس ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى باستۇرۇشدىن كېيىنلا ئۇچۇر ۋە ئاخباراتنىڭ قامال قىلىنىشى بىلەن بۇ ۋەقە كۆپ بىلىنمىگەنىدى.