2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىققا «شاۋگۇەن ۋەقەسى» سەۋەب بولغانىدى. شۇ يىلى قەشقەر توققۇزاقتىن شاۋگۇەندىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا مەجبۇرىي ئىشچىلىققا يۆتكەپ كېلىنگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بەزىلىرى-26 ئىيۇن كېچىدە يەرلىك خىتايلار تەرىپىدىن كالتەك-توقماقلار بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، خىتاي دائىرىلىرى جىنايەتچىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ.
5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە، خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئادالەت ئىزدەپ تىنچ يولىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشى، ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى توپىلاڭغا ئايلاندۇرۇشى ۋە قانلىق باستۇرۇشى بىلەن ئاياغلىشىدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتاينىڭ چوڭ تۇتقۇنى باشلىنىپ مىڭلارچە ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار سوتسىز، قانۇنسىز ئېغىر جازالىنىدۇ. ۋەقەدىن بىر قانچە كۈن كېيىن خىتاي يەنە ئۇيغۇر دىيارىنى 10 ئايلارچە چەتئەل بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، سىستېمىلىق باستۇرۇشىنى داۋام قىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقنى يېپىش ئۈچۈن، مەزكۇر ۋەقەنى ئۇيغۇرلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېتنىك توقۇنۇشتەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، قىسمەن چەتئەل مۇخبىرلىرىڭ ئۈرۈمچىدە زىيارەت قىلىشىغا يول قويغان. چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۈرۈمچىدە 7-ئىيۇل كۈنى، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلىنغان مەھەللىلەردىن ئۈرۈمچىنىڭ ئات بەيگە مەيدانىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىكى ئاياللارنىڭ، خىتاينىڭ بىگۇناھ ئەرلىرى، بالىلىرى، قېرىنداشلىرىغا ئادالەت تەلەپ قىلىپ، ئېلىپ بارغان نامايىشىغا ئۇدۇل كەلگەن.
بۇ قۇرۇق قول، ھەتتا قۇچاقتا بالىلىرى بار ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ، ئالدىنى توسقان قوراللىق خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا باش ئەگمەستىن كۆرسەتكەن جاسارىتى، نەق مەيداندىكى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تارتقان سۈرەتلىرى ئارقىلىق، دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ، خەلقئارانىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ماھىيىتىگە بولغان تونۇشىدا زور بۇرۇلۇش پەيدا قىلغانىدى.

شۇ قېتىملىق نامايىشقا ئائىت رەسىملەرنىڭ بىرىدە، چېچىنى بوغۇۋالغان، كۆك مايكىلىق بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ نامايىشچىلار توپىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، خىتاي ئەسكەرلىرىگە قولىنى شىلتىۋاتقان مەردانە كۆرۈنۈشلىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ تارقالغانىدى.
خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرىگە «يوقال» دەپ كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىققان «كۆك مايكىلىق» ئۇيغۇر قىزى ۋە يەنە ھاسا تاياقلىق جەسۇر ئانا تۇرسۇنگۈلدەك پىداكار، جەسۇر ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ سىماسى، ئۇيغۇرلارنىڭ 5-ئىيۇلدىكى جاسارىتى ۋە غۇرۇرىنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىكى بۇ سىمۋوللۇق يارقىن ئوبرازنىڭ بىرىگە ئايلانغان كۆك مايكىلىق قىزغا ئاتاپ، «كۆك مايكىلىق ئاي-چولپان» دېگەندەك گۈزەل شېئىر ۋە داستانلارنى يازدى. گەرچە ئۇ قىزنىڭ كىملىكى كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئېنىق بىر ئۇچۇر بولمىسىمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇ جەسۇر قىزنى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىكى ئابىدە سۈپىتىدە ئەسلەپ خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگىنىگە 14 يىل تولغان بۇ خاتىرە كۈنلەردە، مۇھاجىرەتتىكى رەسسام ئەكرەم ئىمىن ئەپەندىنىڭ5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان كۆك مايكىلىق قىزغا ئاتاپ سىزغان رەسىملىرى ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ رەسىملەر ھازىر قايتىدىن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھەمبەرلىنىپ تارقىتىلىپ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى خاتىرىلەشنىڭ سەنئەتلىك بىر ۋاسىتىسىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئەكرەم ئىمىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ 7-ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ھەﺗﺘﺎ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ئېھﺘﯩﻤﺎللىقىنى ئويلىماستىن، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮىنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ ھەمشىرىلىرىنى قوغدىغان بۇ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔجاسارەتلىك روھىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى، ئۆزى ئۈچۈن بۇ قىزنىڭ ئەڭ گۈزەل غۇرۇرلۇق ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزىنىڭ سەنئەتلىك شەكىلدە ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن سىزغان سۈرەتلەرنىڭ-5 ئىيۇلنىڭ ھەقىقىتىنى دۇنيا ئاڭلىتىشنى توختىتىپ قويمايدۇ دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىكى جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خۇددى خىتاينىڭ 2017-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاشكارىلىغان لاگېر شاھىتلىرى مەيدانغا چىققىنىدەك، 14 يىل ئاۋۋالقى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ سىرلىرىمۇ نۇرغۇن شاھىتلار تەرىپىدىن پاش قىلىنىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاشتا زور رول ئويناۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىدىن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان قەلبىنۇر سىدىق خانىم، بۇ نۆۋەت زىيارىتىمىزنى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى. ئۇ گەرچە 5-ئىيۇل ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۇ ئۈرۈمچىدە بولسىمۇ، دۇنيانىڭ بۇ قىرغىنچىلىقتىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنىكەن. قەلبىنۇر خانىم ھەتتا كۆك مايكىلىق قىزغا ۋە تۇرسۇنگۈل خانىمغا ئوخشاش 5-ئىيۇل قەھرىمانلىرىغا ئايلانغان جەسۇر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئۈرۈمچىدە كۆرۈپمۇ باقمىغان، پەقەت چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن كۆرەلىگەن. ئۇ 5-ئىيۇل قەھرىمانلىرىنىڭ قورقماس روھىنىڭ ئۆزىنىمۇ جاسارەتلەندۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ «ھەقىقىي قەھرىمانلار يەنىلا شۇ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە» دېدى.
يىللاردىن بۇيان خەلقئارادا بۇ ۋەقە ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ تىلغا ئېلىنماقتا. ھازىرغا قەدەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى بۇ قانلىق پاجىئەنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىشىنى دۇنيا مىقياسىدا تەلەپ قىلىشنى توختىتىپ قويمىدى.