قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2021.07.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرلىدى د ئۇ ق نىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالاتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېف ئەپەندى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 5-ئىيۇل، بىشكەك.
RFA/Féruze

5-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالاتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېفنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بىشكەك شەھىرىدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

ئەپسۇسكى، كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى سەۋەبلىك كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە كۆپ كىشى قاتنىشالمايدىغان بولغاچقا، بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن بولۇپ 50 كە يېقىن ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.

مۇراسىم قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. رىياسەتچى «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرلەش پائالىيىتى باشلىنىشى بىلەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا سالام يوللاپ، ئۇلارغا ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈردى، ئاندىن ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ۋە مۇستەقىللىقى يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلارغا ئاتاپ خەتمە-قۇران ئوقۇلدى.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.  2021-يىلى 5-ئىيۇل، بىشكەك.

مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتى داۋامىدا پەلسەپە پەنلەرنىڭ نامزاتى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوۋ ئاساسلىق دوكلاتنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ دوكلاتىدا «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى قارا كۈن بولسىمۇ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا بۇ ۋەقە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ جىددىيلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە قاراتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پائالىيەت داۋامىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېف مۇشۇ ئېغىر كۈنلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇم سىياسىتىدىن ئازاپ چېكىۋاتقان قېرىنداشلارنى ئەسلەپ ئۆتتى. روزىمۇھەممەت ئەپەندى يەنە بۈگۈنكى كۈنلەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردىكى پائالىيەتلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە

ئەنگلىيە پايتاختى لوندون شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇرلاشقان نوۋوپوكروۋكا يېزىسىنىڭ يىگىت بېشى غەيرەت جاھانوۋ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى مىللىي روھ ۋە ۋەتەنپەۋەرلىك تۇيغۇسى بىلەن تەربىيەلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرسۇنئاي ئىسلام زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز كېلەچىكى ئۈچۈن بىرلىك ۋە ئۆملۈك بىلەن ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

نۆۋەتتە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ئۇيغۇر تارىخىدىكى زور ۋەقەلەرنى خاتىرىلەپ، كېلەچەك ئەۋلاتلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدا تەربىيەلەشكە تىرىشماقتا. شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلى، مىللىي كىملىكى، ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى ۋە مىللىي تارىخ تۇيغۇسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.