«5-ئىيۇل قۇربانى» روزى زۇنۇننىڭ ئېيتىلمىغان پاجىئەسى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-07-07
Share
«5-ئىيۇل قۇربانى» روزى زۇنۇننىڭ ئېيتىلمىغان پاجىئەسى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق ئېلىپ بارغان نامايىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي قوراللىق كۈچلىرى ئۇيغۇرلارنى توسۇۋالغان كۆرۈنۈش. 20009-يىلى 9-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AP

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان قانلىق ۋەقەنىڭ يۈز بەرگىنىگە بۇ يىل 12-يىل بولدى. 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ۋە ئۇنىڭدىكى كېيىنكى كۈنلەردىكى ۋەقەلەر ھەمدە ئاشۇ كۈنلەردە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قېلىنغان ۋە كوچا-كويلاردا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاش جەريانىدا، شۇ كۈنى ئىشقا مېڭىش يولىدا ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن روزى زۇنۇن دېگەن كىشى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدۇق.

روزى زۇنۇن 30 نەچچە ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، ئۈچتاش ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتىدە قوغداش خىزمىتىنى قىلىدىكەن. 6-ئىيۇل كۈنى روزى زۇنۇن ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىشقا كەلمىسە ئىشتىن ھەيدىلىدىغانلىقى ھەققىدە تېلېفۇن تاپشۇرۇۋالغان. ئائىلىسىنى قامدايدىغان ئىش بۇ ئورنىدىن ئايرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇ جاننى تىكىپ قويۇپ يولغا چىققان.

ئەينى ۋاقىتتا روزى زۇنۇن قوغداش خىزمىتىنى ئىشلىگەن ئۈرۈمچى ئۈچتاش ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتىدە ئاپتوبۇس شوپۇرى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئالىمجان تۇردى ئەپەندى ئاشۇ كۈننى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئاشۇ كۈنى روزى زۇنۇن ئۆيگە كەلمەپتۇ. كەچتە ساقچىلار ئائىلىسىدىكىلەرگە روزى زۇنۇننىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىپتۇ. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بۇ خەۋەرنى ھېچكىمگە دېمەسلىكى، خەۋەرلەرگە چىقماسلىقى، بولمىسا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىكەن. روزى زۇنۇننىڭ جەسىتى ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا يەرلىكىگە قويۇلغان ئىكەن.»

ئەينى ۋاقىتتا روزى زۇنۇنىڭ نەزىرىسىگە قاتناشقان مۇھاجىرەتتىكى بىر خانىممۇ روزى زۇنۇن ھەققىدە ئالىمجان تۇردى ئەپەندى بىلەن ئوخشاش ۋەقەلەرنى ئاڭلاتتى ۋە يەنە مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: «ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ‹روزى زۇنۇن 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆلگەن› دېگەن ۋاراققا ئىمزا قويغۇزۇپ، ئاندىن مىيىتنى يەرلىكىگە قويۇشقا بەرگەنىكەن.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «7-ئاينىڭ 7-كۈنى خىتايلار كوچىغا تۆكۈلۈپ كەتتى. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇلار ئاشۇ كۈنى ئۆلۈپ كەتتى، لېكىن ئۇ كۈنى ھەققىدە ھېچقانداق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر بېرىلمىدى.»

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقى كۈنىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاشنى، ۋەقەدە ئ‍ۆلتۈرۈلگەن، غايىب بولغان، تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 5-ئىيۇل بېيجىڭدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ «دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى» ئىكەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى باستۇرۇپ، پۇقرالارنى قوغدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاخبارات يىغىنىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنىڭ «قاتتىق جازالىنىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇلار 2009-يىلى 6-ۋە 7-ئىيۇل كۈنلىرى كالتەك-توقماق كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان خىتايلارنىڭ قىلمىشىنى تىلغا ئالمىغان.

شۇ ۋاقىتتا كالتەك-توقماق بىلەن ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان خىتايلار تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن روزى زۇنۇننىڭ دادىسى بىلەن بىر مەھەللىدە ئولتۇرغان ئالىم ھامۇت ئەپەندى روزى زۇنۇن ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بەك يۇۋاش، ئوبدان يىگىت ئىدى، ئاتا-ئانىسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئادەملەر ئىدى.»

2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ سوتقا تارتىلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەينى ۋاقىتتا ھېچبىر سوتنىڭ ئادىل يوسۇندا ئىلىپ بېرىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن 2003-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى بولغان ئىدىم. 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەلىرىدە خىتاي ئادۋوكاتلار ۋە باشقا ئادۋوكاتلارنىڭ قولىغا ئالغان دېلولىرىدا ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇزۇش مۇمكىن بولمىدى. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى سوت مەھكىمىسىنىمۇ كونترول قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىدا يېزىلغانلىرى ئەمەلىيەتتە ئەمەلىيلەشمەيدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى سوتتا چىقىرىلغان ھۆكۈملەر ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاساسى قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «سىز ۋە سىزنىڭ خەلقىڭىز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئاشۇ ئىشلار ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەش مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم ۋە ۋەزىپەم.»

ئالىمجان تۇردى ئەپەندى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دوستى روزى زۇنۇن ھەققىدە تېخىمى تەپسىلىي مەلۇمات بىلىدىغانلار بولسا گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرغان.

ئۇ ئاخىردا باشقىلارنىڭمۇ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە بىلىدىغانلىرى بولسا، خەلقئاراغا ئاشكارىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت