3-ئىيۇل ۋە 5-ئىيۇل كۈنلىرى ياپونىيەدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغان.
3-ئىيۇل كۈنى، توكيونىڭ شىبۇدى رايونىدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ تىپتىكى نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ قېتىملىق نامايىش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىش جەريانىدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» خاتىرىلەنگەن ۋە يېقىندا ئاشكارا بولغان «خىتاي ساقچى ھۆججەتلىرى» كۆرگەزمە قىلىنغان.
نامايىشقا ياپونىيەنىڭ ھەرجايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ياپونىيەلىكلەر ۋە پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان. ھاۋانىڭ ئىنتايىن ئىسسىق بولۇشىغا قارىماي، نامايىش پائالىيىتى ئىنتايىن جانلىق ئېلىپ بېرىلغان. نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ماھىيىتى چۈشەندۈرۈلگەن تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلغان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ساۋۇت مەمەت زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قېلىپ، بۇ قېتىم ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرلەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

5-ئىيۇل كۈنى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى خىتاينىڭ توكيودىكى ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ قۇربانلىرىنى ياد ئېتىش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۇيۇشتۇرغان. نارازىلىق نامايىشى ئېنتايىن كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن داۋام قىلغان بولۇپ، نامايىشقا قاتناشقان ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى ئۇمېدا ماساخىرو (Umeda Masahiro) ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
«مەن بۇلتۇر 7-ئايدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ نامايىشىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى بىلمەيتتىم. 2009-يىلى 7-ئايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پاجىئەلىك قىرغىنچىلىق، خىتاي ئارمىيەسى تەرىپىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىنمۇ ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. مەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا دائىر تەپسىلاتلارنى ئۆگەندىم. بىز بۇ ھەقىقەتنى داۋاملىق سۆزلىشىمىز، شۇنداقلا ئېتىراز بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. مەن بىر ياپۇنىيەلىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنى ‹دۇنياۋى چوڭ قىرغىنچىلىق› دەپ قارايمەن.»
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ياپۇنىيەدىكى يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ياپون خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇشى ۋە قىزىقىشى بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتىكەن. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇكىرەم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. ئابدۇكېرىم ئەپەندىنىڭ ئىيتىشىچە، نۆۋەتتە ياپونىيەدە خىتايغا بولغان قارشى ئاۋازلار بارغانسېرى كۈچەيگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بىلىدىغانلارنىڭ سانى داۋاملىق كۆپەيمەكتىكەن.