ياپونىيە پايتەختى توكيودىكى ئەڭ ئاۋات رايونلارنىڭ بىرى بولغان شىنجۇكۇ پويىز ئىستانسىسى ئالدىدا 4-ئىيۇل كۈنى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە خوڭكوڭلۇقلار ھەم موڭغۇل جەمئىيىتىنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 12 يىللىق خاتىرە كۈنىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ نامايىشقا توكيو ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىن كېلىپ توپلانغان ئۇيغۇرلار، موڭغوللار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە بىر قىسىم يەرلىك ياپونلارمۇ قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشقا 150 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، نامايىش ئالدى بىلەن 5-ئىيۇلدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋىتى قىلىنغاندىن كېيىن باشلانغان. قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار «خىتاي 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە قېتىل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسابىنى بەرسۇن»، «خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «خىتاي جازا لاگېرلىرىنى تاقىۋەتسۇن»، «قېرىنداشلىرىمنى قايتۇرۇپ بەر»، «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ ئەتراپنى لەرزىگە سالغان.

نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان نۆۋەتتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشنى كۆرگەن ياپونلارنىڭ بارماقلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇ قېتىمقى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق نامايىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۇ قانلىق ۋەقەنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايەندە قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەلۇمكى، ياپونىيە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى نىسبەتەن ئاز بولۇپ كەلگەنىدى. بىراق، بۇ قېتىم كۆپەيگەن. ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى بۇ نامايىشنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇنداق نارازىلىق نامايىشلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ ياپونىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تونۇلۇشى، خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزىنىڭ ياپونىيە جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىنىشىدا ئەھمىيىتى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى» ۋەقەسى 2009-يىلىدىن تارتىپ ياپونىيەدە ئىزچىل ھالدا خاتىرىلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەر يىلى دېگۈدەك بۇ ۋەقە توغرىسىدا ھازىرلانغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىلغان ۋە ياپونلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلگەن. بۇ يىلمۇ شۇنداق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى قوللىنىلدى.