ئۆتكەن ئايدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا كورلىدىكى «جاھان پۇل مۇئامىلە شىركىتى» نىڭ ساھىبى ۋە «606 تىل مەكتىپى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، كارخانىچى ھەسەنجان ئىسمائىلنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. ئۇ قۇرغان مەكتەپنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئېلىپ بارغان كېيىنكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، مەزكۇر مەكتەپتىكى 6 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ، قەشقەر ۋە خوتەندىن كورلىغا ئىشلەمچىلىككە كەلگەن ئاھالىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
تۇتقۇندىكى كارخانىچى ھەسەنجان ئىسمائىلنىڭ كورلىدىكى «606 تىل تېخنىكا» مەكتىپى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلىشلىمىز داۋامىدا، كورلىدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى، مەزكۇر مەكتەپنىڭ 6 نەپەر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى 10 -ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كورلىدا ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن بىرلىكتە، بەلگىلىك ئىجتىمائىي ئۈنۈممۇ ھاسىل قىلغان بۇ مەكتەپ، كارخانىچى ھەسەنجان ئىسمائىل تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە خوتەن ۋە قەشقەردىن كورلىغا ئىشلەمچىلىككە كەلگەن ئاھالىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتقانلىقى ۋە بۇ ھەقسىز ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئالتۇنگۈل ئىسمائىل قاتارلىق 6 نەپەر ئوقۇتقۇچىسى جىنايەتچىلەرگە ھېسداشلىق قىلىش گۇمانى بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن.
كورلىدىكى ئالاقىدار خادىملار، «606 تىل تېخنىكا مەكتىپى» ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلدى.
«606 تىل تېخنىكا مەكتىپى» نىڭ يەنە بىر قۇرغۇچىسى، تۇتقۇندىكى كارخانىچى ھەسەنجان ئىسمائىلنىڭ شېرىكى، نۆۋەتتە بىلگىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئېلىجان ئەمەت، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئەينى چاغلاردا، قەشقەر ۋە خوتەندىن ئىشلەمچىلىككە كەلگەن ئاھالىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتقانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەينى چاغدا ئىشلەمچى ئاھالىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدە ئوقۇشى تەلەپ قىلىنغاچقا، ئۇلار كورلىدىكى پاختا تېرىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جىددىي مەزگىللىرىدە ئوقۇشسىز قالغان. مەزكۇر مەكتەپ، ئۇلارنى ھەقسىز تەربىيەلەش ئارقىلىق بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ قىممەتلىك مەزگىلىنىڭ نابۇت بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. ئېلىجان ئەمەتنىڭ دېيىشىچە، «606 تىل تېخنىكا مەكتىپى» قۇرۇلۇش جەريانىدىلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم توسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. ئېلىجان ئەمەت، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئالتۇنگۇل ئىسمائىل، ئەخمەتجان، تۇرغۇن ۋە ئابدۇسالام قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن ئۆزىنىڭمۇ يېقىندا خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئالتۇنگۈل ئىسمائىل تۇتقۇندىكى كارخانىچى ھەسەنجان ئىسمائىلنىڭ سىڭلىسى بولۇپ، ئۇ يولدېشى ئابدۇسالام بىلەن بىرلىكتە، 1-ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، يولدىشى بىلەن بىرلىكتە، ئاكىسى تەسىس قىلغان «606 تىل مەكتىپى» دە ئىشلەۋاتقان ئىكەن.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقۇرىدا «606 تىل تېخنىكا مەكتىپى» نىڭ 6 نەپبەر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.