«ئاپتونومىيە» نىڭ تەۋەللۇتى ۋە ئۇنىڭ 65 يىللىق مۇساپىسى (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-10-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ھۆرمەت قاراۋۇللىرى  تيەنئەنمېن مەيدانىدا خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا. 2020-يىلى 1-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
خىتاي ھۆرمەت قاراۋۇللىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدا خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا. 2020-يىلى 1-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
REUTERS

20-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا كۆرۈلگەن ئەڭ زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى 1955-يىلى 1-ئۆكتەبىر كۈنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ قۇرۇلۇشى بولدى. «ئاپتونومىيە ھوقۇقى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى خۇددى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ 1940-يىللىرىدىن باشلانغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش» دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن بىر قاتار سىياسىي ئارزۇ ۋە ھەربىي ئىنتىلىشلىرىگە خاتىمە بېرىپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدەك يېڭى بىر باسقۇچنىڭ پەردىسىنى ئاچتى. شۇنىڭدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى «ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇشى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى» نى «قوش بايرام» شەكلىدە خاتىرىلەشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ يىلمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقى» نىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئاچتى ھەمدە سابىق رەئىسلەردىن ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرۇشىتلارنى بېيجىڭدىن يىغىنغا تەكلىپ قىلدى. ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى بارلىق يازما خەۋەرلىرىدە خىتاي ئارمىيىسى، «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋەكىللىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقى ئۈلگىسى» دېگەندەك سەككىز سىياسىي ساھەدىن تاللاپ چىقىلغان ۋەكىللەرنىڭ «65 يىل مابەينىدە خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى رەھبەرلىكىدە قولغا كەلگەن بۈيۈك نەتىجىلەرگە مەدھىيە ئوقۇشى» دىن باشقا سۆز بولمىغان. شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۇەنگونىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىغا تويۇنغان «پارلاق بىر دەۋر» نىڭ يارىتىلىشى ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ئەگىشىپ ماڭغاندىلا ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىككە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇزۇن نۇتقىدىن باشقا ئالاھىدە مەزمۇنمۇ كۆزگە چېلىقمايدۇ.

ھالبۇكى، ئۆتكەن يىگىرمە نەچچە يىل مابەينىدە قايتا-قايتا تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن ئاتالمىش «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدا بارلىققا كەلگەن ئالەمشۇمۇل غەلىبىلەر» ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن سىر ئەمەسلىكى مەلۇم. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ «شانلىق ئۇتۇقلار» نى «چەتئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەر ۋە بۆلگۈنچى كۈچلەر كۆرۈشنى خالىمىغان» ھەمدە مۇشۇ ھەسەت سەۋەبلىك بارلىققا كەلتۈرگەن بىر قاتار ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەنبەسى قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنىدى. لېكىن ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار بولسا دەل مۇشۇ «ئاپتونومىيە» نى ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىقنىڭ ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئوتتۇرىغا چىققان بىر قاتار پائالىيەتلەرنىڭ ئەڭ تۈپ مەنبەسى، دەپ قاراپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرشۇناس ئالىملاردىن گاردنېر بوۋىڭدون ئۆزىنىڭ «شىنجاڭدىكى ئاپتونومىيە» ناملىق ئەسىرىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئارقا تىرەك قىلغان خىتاي مۇستەملىكىچى كۈچلىرىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا تۇتقان خوجايىنلىق پوزىتسىيەسى بۇ جايدىكى بارلىق مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزى» دەپ خۇلاسە چىقارغانىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئىزدىنىشلىرى دۆلەت بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدا بىر تۈرلۈك مۇرەسسە ۋە ھەر ئىككى تەرەپ رازى بولىدىغان ھەمكارلىق بەرپا قىلىش رولىغا ئىگە ئاپتونومىيە ۋاسىتىسىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ «خىتاي خەلقىنىڭ مۇتلەق نوپۇزى ھەمدە ‍ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق ئىتائىتى» ئاساسىدىكى مېخانىزىمغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى نامايان قىلغان.

جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس جېيمىس مىلۋاردمۇ بۇ جەھەتتە ئۆتكەن يېرىم ئەسىرلىك تارىخنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇرلار دىيارىدا بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ ماڭغان «خىتاي مىللەتچىلىكى» بولغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇق ساھەسىدە «ئاپتونومىيە» ۋاسىتىسى ئارقىلىق تېخىمۇ ھوقۇقسىز قىلىپ قويۇلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

«ئەنە شۇنداق تۆۋەندىن باشلاپ ئاۋۋال ناھىيەلەردە، كېيىنچە ئوبلاستلاردا قۇرۇلغىلى تۇرغان بۇ ئاپتونومىيە بىرلىكلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئۆلكە دەرىجىلىك بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ ئەمەلىيەتتە تولىمۇ ئۇستاتلىق بىلەن قۇرۇپ چىقىلغان ھەمدە بىر تەرەپنىڭ تۈپلۈك مەنپەئەتىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان سىستېما ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭدا تاجىك، موڭغۇل، قازاق، تۇڭگان دېگەندەك سانى ئۇنچە كۆپ بولمىغان مىللەتلەرگە تۆۋەنرەك دەرىجىدىكى ئاپتونومىيە ناھىيىسى ياكى ئوبلاستلىرى ھەدىيە قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن بۇ مىللەتلەر تەبىئىي ھالدا يۇقىرىراق دەرىجىدىكى ئاپتونومىيە بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا قارشى كۈچلەر بولۇپ قالدى. شىنجاڭدىكى بۇ خىل ۋەزىيەت ئاپتونومىيە قۇرۇلغان 1950-يىللاردىن باشلاپ 1980-يىللارغىچە ئاساسەن مۇشۇ قېلىپتا داۋام قىلدى. بۇ جەرياندىكى ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق شىنجاڭدىكى خىتاي بولمىغان بۇ مىللەتلەرنى قانداق قىلىپ ‹بۈيۈك جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسى›گە سىڭدۈرۈۋېتىش بولدى. ئۇلار مانا مۇشۇ خىلدىكى ئاپتونومىيە بىرلىكلىرى ئارقىلىق بۇ مىللەتلەرنى ئۆز رازىمەنلىكى بىلەن خىتايلارغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. ئاپتونومىيە قۇرۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا خاس نۇرغۇن ساھەلەرگە، جۈملىدىن تىل، مەدەنىيەت ۋە دىن ساھەسىگە تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى. شۇڭا ئۇيغۇرلارمۇ 1950-يىللاردىن باشلاپ داۋام قىلغان نۇرغۇن سىياسىي پائالىيەتلەرگە، مەسىلەن، يەر ئىسلاھاتى دېگەنلەرگە قارشىلىق كۆرسەتمىدى. ئەمما ماۋ زېدوڭ باشلىغان سىياسىي كۈرەشلەرنىڭ قايناملىرىدا ھەممىلا نەرسە يالىڭاچ تۈس ئېلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ‹چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش›تىن تاكى ‹تۆت كىشىلىك گۇرۇھ› ئاغدۇرۇلۇپ دېڭ شياۋپىڭ ھوقۇقنى قولغا ئالغان 1980-يىللارغىچە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەقىب شىددەت بىلەن يۇقىرىغا قاراپ ماڭدى».

پروفېسسور جىم مىلۋاردنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگەن ھەمدە ئۇلارغا بۇنىڭ قانچىلىك «توغرا يول» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغان مەزگىللەر «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نامىدىكى ئەڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە بىرلىكى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا ئاخىرلىشىپ قالغان. چۈنكى خىتاي مىقياسىدا پارتلىغان سىياسىي كۈرەشلەرنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن مۇشۇنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ھەمدە ئۇيغۇرلارنى «ئاپتونومىيە» رامكىسىدىن چىقارماي تۇرۇپ تېخىمۇ ھوقۇقسىز قىلىۋېتىشنىڭ پۇرسىتىنى ياراتقان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ.

«ئەنە شۇ تەرىقىدە خىتايدىكى ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى›نىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسەتلىرى بۇرۇنقىدىن كۆپ چىڭىپ كەتتى. تىل، مەدەنىيەت ۋە دىن ساھەسىدىكى ئەركىن دەۋرلەر بارغانسېرى ئۆتمۈشكە خاس شېرىن ئەسلىمىلەرگە ئايلىنىپ قېلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك زۇلۇملار ئەمدىلىكتە بارغانسېرى ئاشكارا تۈس ئېلىشقا باشلىدى. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرىگە ئاپتونومىيە قۇرۇپ بەرگەن ۋاقىتلىرىدىكى ۋەدىلىرىنىڭ بارغانسېرى ئۇنتۇلۇپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇنداقلا شىنجاڭدا خىتايلارنىڭ تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي شوۋىنىزىمىنىڭمۇ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولدى. بىز ياخشى بىلىدىغان ‹مەسچىتلەرنى چوشقا قوتىنىغا ئايلاندۇرۇش› ھەرىكىتى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چۈمپەردىسىنى يىرتىپ، ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇتىنى قىرقىش قىلمىشلىرى دەل ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا بارلىققا كەلدى. بۇ ھادىسىلەر ‹كونىلىققا قارشى تۇرۇش› نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە خاس بەلگىلەرنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشى شەكلىدە داۋام قىلدى. دەرۋەقە بۇ ۋاقىتلاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ بۇتخانىلارنى چېقىپ تاشلاپ، كلاسسىك خىتاي مەدەنىيىتىگە خاس شەيئىلەرنى يوقىتىش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن. ئەمما بىز قارايدىغان بولساق شىنجاڭدىكى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئوخشاش ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرى ۋە مەزمۇنىدا بەلكىم چوڭ پەرقلەرنىڭ بولغانلىقىنى كۆرىمىز: ‹كونىلىققا قارشى تۇرۇش› تا شىنجاڭدىكى خىتايلار ئۇيغۇرلارغا خاس مىراسلارنى ۋەيران قىلغان بولسا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئەھۋال بۇنىڭدىن پەرقلىق بولدى».

دەرۋەقە دېڭ شياۋپىڭ خىتاينىڭ يېڭى رەھبىرى بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاپتونومىيە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى بىر قېتىملىق نەپەس ئېلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئەمما كېيىنكى ئەمەلىيەت بۇ قىسقىغىنە نەپەس ئېلىۋېلىشنىڭ بەدىلى بەكمۇ ئېغىر بولغانلىقىنى روشەن كۆرسەتكەن.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت