2023-يىللىق «يەتتە دۆلەت گۇرۇھى» مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئالدى

0:00 / 0:00

دۇنيا ۋەزىيىتىدە كۆپ قىرلىق جىددىي ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈۋاتقاندا «يەتتە دۆلەت گۇرۇھى» نىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 16-ئاپرېلدىن 18-ئاپرېلغىچە ياپونىيەدە 2023-يىللىق يىغىننى چاقىردى. يىغىندا مەزكۇر گۇرۇھقا ئەزا بولغان ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن ئورتاق خەۋپسىزلىك مەسىلىسىگە ئايلىنىۋاتقان تېمىلار بويىچە كەڭ-كۇشادە پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە بەزى مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى. بولۇپمۇ خىتاي ۋە رۇسىيە تۈپەيلىدىن خەلقئارا ۋەزىيەتتە كۆرۈلۈۋاتقان بەزى جىددىي مەسىلىلەر يىغىن جەريانىدا نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى.

بۇ قېتىمقى يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان بىر نۇقتا ئۇلار بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلغان قوشما بايانات ھېسابلىنىدۇ. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 19-ئاپرېلدىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان بايانات «تولىمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە خىتاي ۋە رۇسىيەگە قارشى مۇستەھكەم بولغان يېڭى بىرلىكنىڭ ھاسىل بولغانلىقى» نى نامايان قىلغان. قوشما باياناتتا ئېنىق قىلىپ «بىز دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا كوللېكتىپ ھەرىكەتتە بولۇش، ئوچۇق ۋە ئەركىن بولغان خەلقئارا تەرتىپنى ھىمايە قىلىش، شۇنىڭدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئەھدىنامىسىگە ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدىكى مەجبۇرىيەتلەرنى تولۇق ئىجرا قىلىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم جاكارلايمىز. ئورتاق ھالدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەتنى بەرپا قىلىش ساھەسىدە داۋاملىق يېتەكچىلىك رول ئوينايمىز» دېيىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى كەسكىن تەنقىدلەندى. شۇ قاتاردا بۇ مەسىلە ئايرىم ئورۇن ئېلىپ: «بىز خىتاينىڭ مەلۇم بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن داۋاملىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. جۈملىدىن شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى ۋەزىيەت شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئاراغا بەرگەن قانۇنىي ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە چاقىرىمىز» دېگەن قۇرلار شەكلىدە جاكارلاندى. بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى يوشىماسا خاياشى (Yoshimasa Hayashi) مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «بىز رۇسىيەگە قارشى جازا تەدبىرىنى ئىجرا قىلىش، شۇنىڭدەك رۇسىيەنى ئۈچىنچى بىر دۆلەت ئارقىلىق ھەربىي قورال بىلەن تەمىنلەشكە چەك قويۇش مەسىلىسىدە زىچ ھەمكارلىشىشقا كېلىشتۇق» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن(Antony Blinken) ئەپەندى G7 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2023-يىلى 18-ئاپرېل، توكيو، ياپونىيە.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن(Antony Blinken) ئەپەندى G7 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2023-يىلى 18-ئاپرېل، توكيو، ياپونىيە. (AP)

يىغىن جەريانىدا خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تەۋەسىدىكى زومىگەرلىكى تەنقىدلىنىپ «خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا زومىگەرلىك قىلىشىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي مەۋجۇت ئەمەس» دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ ھەقتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي ھەققىدە قانداق مۇزاكىرىلەرنىڭ بولغانلىقى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ھازىر كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن سىياسىي، ئىقتىساد ۋە ھەربىي ساھەلەر بويىچە ئوخشىمىغان مۇناسىۋەتلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇ قاتاردا «يەتتە دۆلەت گۇرۇھى» غا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە بېيجىڭغا زىيارەتكە بارغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «خىتاينىڭ تەڭسىز سودا پائالىيەتلىرى پۈتۈن دۇنيا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا تەرتىپنى بۇزۇشقا يوچۇق ئېچىۋاتىدۇ. بىز بىرلىكتە خىتايغا شۇنى ئېنىق جاكارلايمىزكى، تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇشقا بىز بىرلىكتە قارشى تۇرىمىز» دېدى.

«ياپونىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 19-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى يوشىما بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە: «يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق ئاساسلىق پىكىر ئىختىلاپلىرىغا خاتىمە بېرىلدى. يىغىنغا قاتناشقان مىنىستىرلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە بىرلىك بۇنىڭدىن ئىلگىرى زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر سەۋىيەدە ئوتتۇرىغا چىقتى» دېگەن. ئوبزوردا بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب قاتارىدا خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشى يېقىن كەلگۈسىدە خۇددى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىدەك بىر ھادىسە بولۇپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىش خاھىشى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭدەك خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەھدىتلىرىنىڭ بۇ خىل پىكىر بىرلىكىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئەمەلگە ئاشۇرغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

بۇ قېتىمقى قوشما بايانات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا دەرھاللا ئىنكاس قايتۇردى. «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 19-ئاپرېلدىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ باياناتنى «تولىمۇ كۆرەڭلىك، يان بېسىش ۋە دۆلىتىمىزگە قارشى زەھەرلىك سۆز-ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭدەك بىر قىسىم جايلاردا تېزدىن «ياپونىيەگە قارشى نامايىشلارنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى» نى بۇنىڭغا دەلىل قىلغان. ئوبزورنىڭ ئاخىرىدا بولسا «بۇ ھال ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى سىياسىي-جۇغراپىيەلىك قورالنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى» دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان.

بۇ قېتىمقى قوشما بايانات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن ئاز-تولا ئۈمىدنىڭ شولىسىنى كۆرگەندەك بولدى. بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى بۇ باياناتتىكى ئىبارىلەرنىڭ ئۆزلىرى كۈتكەندەك كۈچلۈك شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، «يەتتە دۆلەت گۇرۇھى» نامىدىن تارقىتىلغان مۇشۇنداق بىر باياناتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز بولۇشنىڭ ئۆزى بىر تۈرلۈك ئىجابىي ھادىسە.

«يەتتە دۆلەت گۇرۇھى» 1975-يىلى قۇرۇلغان خەلقئارالىق ھۆكۈمەتلەر بىرلىكى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەت مۇقىم ئەزا ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا «ساناقتا ئاتالماس ئەزا» سۈپىتىدە مەزكۇر تەشكىلاتقا قوشۇلغان. «يەتتە دۆلەت گۇرۇھى» دۇنيا نوپۇسىنىڭ 10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، دۇنيا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 43 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.