دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «9-دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» دە كەڭ-كۆلەملىك نامايىش قىلىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

12- ئاينىڭ 2- كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئومۇمىي ۋەكىللەر يىغىنى چاقىرىپ، « 9- دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى» كۈنىدە دۇنيا مىقياسىدا كەڭ-كۆلەمدە نامايىش قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،« 9- دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» نى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىغىنىدا، 9-دېكابىر كۈنىنى «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى كۈنى » قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە خاتىرىلىتىش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە نامايىش ۋە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قارارى ئېلىندى.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى، ئاتاقلىق ئادۋوكات سىر جېفرېي نايىس(Sir Geoffrey Nice) ئەپەندى سوت ھۆكۈمىنى جاكارلىماقتا. 2021-يىلى 9-دېكابىر، لوندون.
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى، ئاتاقلىق ئادۋوكات سىر جېفرېي نايىس(Sir Geoffrey Nice) ئەپەندى سوت ھۆكۈمىنى جاكارلىماقتا. 2021-يىلى 9-دېكابىر، لوندون. (RFA/Hebibulla)

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى زۇبەيرە شەمسىددىن خانىممۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، « 9-دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» ھەققىدە كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق نىڭ ئومۇمىي ۋەكىللەر يىغىندا ئېلىنغان قارارلار بويىچە، 9-دېكابىر گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىش پىلانلانغان؛ قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قۇرۇلتاي تور تېلېۋىزىيەسىدىن مەخسۇس چاقىرىق ئېلان قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا، 11-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس يىغىن ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ياپونلۇقلار بىلەن بىرگە ھەرقايسى شەھەرلەردە نۇتۇق سۆزلەش ، تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىش ۋە نامايىش پائالىيەتلىرى، لوندوندا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرگە بىرلەشمە نامايىش، تۈركلەرگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە 11-دېكابىر قانۇن مەكتىپىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش پائالىيىتى، شۇنداقلا، كانادا، شىۋېتسىيە ، نورۋېگىيە، ئاۋسترالىيە ، فىرانسىيە ، بېلگىيە، شىۋېيتسارىيە ، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا بۇ كۈننى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر خىل پائالىيەت ۋە نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىكەن.