ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومېسسارى مېشىل باچىلوتنىڭ نىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىش تەلىپى 2018-يىلى دېكابىردىن بۇيان ئىزچىل رەت قىلىنىپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە ب د ت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ۋلادىمىر ۋورونكوف 13-ئىيۇندىن 15-ئىيۇنغىچە خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ۋە ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 15-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇ قېتىملىق زىيارەت ھەققىدە سۆز قىلىپ، «ئىككى تەرەپ خەلقئارالىق ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى› ۋە بۇ جەھەتتە ھەمكارلىشىش ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇق ھەم ئورتاق پىكىرگە كەلدۇق» دېگەن، ئەمما تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان.
بىز ۋلادىمىر ۋورونكوفنىڭ نېمە سەۋەبتىن خىتايدا زىيارەتتە بولغانلىقى ھەققىدىكى بەزى تەپسىلاتلارنى بىلىش مەقسىتىدە ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا يازما شەكىلدە جاۋاب بەردى.
ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق بەش دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ، ۋلادىمىر ۋورونكوف ئىزچىل خىتاينى كۆزدىن كەچۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان ئىكەن. بۇ قېتىم ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى بىلەن بېيجىڭ ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان ئىكەن.
خەلقئارادا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش دولقۇنى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە ۋلادىمىر ۋورونكوفنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جون ساللىۋان 14-ئىيۇن كۈنى ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇترېسقا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋلادىمىر ۋورونكوفنىڭ خىتاي زىيارىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن. شۇ كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بىر يازما بايانات ئېلان قىلغان.
باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، جون سالىۋان ئانتونىيو گۇترېسقا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى ئەمەلدارىنىڭ خىتايدىكى بۇ زىيارىتىنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە «ب د ت ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ بۇ قىلمىشى مەزكۇر ئورگاننىڭ ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› ۋە ‹كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش› جەھەتتىكى ئىناۋىتى ھەم نام-شۆھرىتىگە داغ تەگكۈزىدۇ،» دېگەن.
ئۇ سۆزى ئاخىرىدا يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ۋە تۇتقۇنلارنى نازارەتسىز ۋە ئوچۇق-ئاشكارا زىيارەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان.
ۋلادىمىر ۋورونكوفنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە مۇھاجىرەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئىنكاس قايتۇرغان. شۇ قاتاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۋىتتېردا بىز يازما بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ۋلادىمىر ۋورونكوفنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىنغان بىر مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇرنى ئاتالمىش ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى، دەپ ۋەزىيەتنى بۇرمىلىدى. ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇترېس خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى يوشۇرۇشىغا ياردەم قىلماسلىقى كېرەك.»
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ۋلادىمىر ۋورونكوفنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغانلىق ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالىي ئەمەلدارىنى ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولۇشىغا يول قويغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋلادىمىر ۋورونكوفنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى ‹تېررورچى› قىلىپ كۆرسىتىشتىكى بىر تەستىقلاش دەپ قوللىنىدۇ ھەم قوللىنىپ بولدى. مېنىڭچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ب د ت ئوتتۇرىسىدا بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن خېلى چوڭ ئىختىلاپ مەۋجۇت. يەنى ئامېرىكا ب د ت دىن ئۈمىدسىزلەنمەكتە. ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى كۈچلۈك دەرىجىدە قوللىدى. ھالبۇكى، ب د ت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى باشلىقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارىتى يۇقىرىقى تەلەپنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي تاراتقۇلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئاللىقاچان بىر نۇقتىغا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان خەۋەرلەرنىمۇ ئېلان قىلىپ بولدى.»
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمىگە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچى نەيسان سەيلس 22-ماي كۈنى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقىنى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› كۈرىشى ئەمەس، بەلكى بىر يىرگىنچلىك باستۇرۇش» سەرلەۋھىلىك بىرلەشمە ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن خەلقئاراۋى ئاتالغۇنى سۇيىئىستېمال قىلىپ كەلگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى شۇنداقلا «بىز قايتا-قايتا تەكرارلايمىزكى: خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەرگىزمۇ ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› كۈرىشى ئەمەس» دەپ كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرگەن ئىدى.
غەرب ئەللىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يۇقىرىقىدەك كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقان پەيتتە ب د ت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى باشلىقىنىڭ خىتاي زىيارىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى قوللاش دەرىجىسىنى ئاجىزلاشتۇرامدۇ؟ خەلقئارا جەمئىيەت زادى قايسى تەرەپتە تۇرۇشى مۇمكىن؟ سوفىي رىچاردسون بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ۋە بىزگە ئوخشايدىغان بەزى تەشكىلاتلار، ئۇيغۇرلار پائالىيەتچىلەر ۋە ئاخباراتچىلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن پاكىتلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. مېنىڭچە، كىشىلەر ب د ت نىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپلارنى بايقىۋالالايدۇ. لېكىن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش ئىسلام تەشكىلاتلىرى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن كۆپ قۇتۇپلىشىۋاتقان دۇنيانىڭ بىر نۇقتىغا كېلەلىشى قىيىن، ئەلۋەتتە.»