خىتاينىڭ «يەر شارى تېلىۋىزىيە تور قانىلى» لاگېردا ئەمەسلىكىنى ۋە نورمال ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ سىن كۆرۈنۈشىشى كۆرسەتكەن كىشىلەردىن بىرى قەشقەر دۆلەتباغدا ئولتۇرۇشلۇق 70 نەچچە ياشلىق خېنىمخان تۇردى ئىدى. بۈگۈن خېنىمخان تۇردىنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان نەۋرىسى ئېلى يۈسۈپ رادىيومىزغا مەلۇمات بېرىپ، مومىسى خېنىمخان تۇردىنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن مەجبۇرى سۆزلىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ چوڭ بىر جەمەت ئىككەنلىكى، 3 ئاكا-ئۇكا ئائىلىسىنىڭ چوڭ بىر قورۇدا ياشايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئېلى يۈسۈپ مەزكۇر خەۋەردىكى كۆرۈنۈشتىن بوۋىسى بىلەن مومىسىنىڭ چوڭ قورۇدا ئۇششاق نەۋرىلەر بىلەنلا قالغانلىقىنى، قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنىڭ ئايدىڭلاشقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ئىلگىرى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن لاگېردا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان 66 كىشى ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
0:00 / 0:00