خىتاينىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتى بولغان CGTN قانىلى «StillNoInfo#» ھەرىكىتىنى قارىلاشقا ئۇرۇنماقتا
2019.12.30

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ چەتئەللەرگە قاراتقان تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولغان CGTN قانىلى، يەنى «خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى» ئۆزىنىڭ يۇۋتۇب ۋە تىۋىتتىردىكى ھېسابلىرى ئارقىلىق قىسقا ۋىدىيولارنى تارقىتىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى 2-3 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكىنى قىلالمايۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ ۋىدىيولاردا يېقىندا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئىشلىتىۋاتقان «StillNoInfo#» يەنى «تېخىچە ئۇچۇر يوق» ھەرىكىتى ئاساسلىق نىشان قىلىنىپ تۇرۇپ: «تېخىچە ئۇچۇر يوق خەشتەگ ھەرىكىتىگە زەربە، بىز ئۇنى تاپتۇق»، «تېخىچە ئۇچۇر يوق، كىم يالغان سۆزلەۋاتىدۇ» قاتارلىق تېمىلاردا ۋىدىيو تارقاتقان.
CGTN قانىلى 26-دېكابىر كۈنى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ۋىدىيودا ئۆزىنى مۇخبىر دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئايال تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلىدۇ: «يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى تور بەتلەردە خىتايدىكى يوقاپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىزدەش ھەرىكىتى قوزغالدى. بۇ شەخسلەر ۋە ئورگانلار تېخىچە ئۇچۇر يوق، دېگەن خەشتەگنى قوللىنىپ تۇرۇپ چىقارغان ئۇچۇرلىرىدا تەربىيەلەشنى تۈگەتكەن تۇغقانلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى. CGTN شىنجاڭغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئاتالمىش يوقاپ كەتكۈچىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى» دەيدۇ.
CGTN قانىلى ئۆز ۋىدىيولىرىدا چەتئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەرىپىدىن سۈرۈشتۈرۈلگەن ماھىرە، خېنىمخان تۇردى ۋە ئەزىز نىياز قاتارلىق كىشىلەرنى ئۆيلىرىدە ۋە ئاتالمىش ئىش يەرلىرىدە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ «يوقاپ كەتمىگەنلىكى»، ئەكسىچە نورمال ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «تېخىچە ئۇچۇر يوق» ھەرىكىتىنىڭ يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان.
«تېخىچە ئۇچۇر يوق» خەشتەگى بىلەن باشلانغان بۇ ھەرىكەت ئەسلى ئامېرىكادا ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ داۋا قىلىۋاتقان ياش پائالىيەتچى بەھرام سىنتاشنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان تور ھەرىكىتى ئىدى. ئۇ بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، CGTN ئەگەر ھەقىقەتەن «تېخىچە ئۇچۇر يوق ھەرىكىتىنىڭ يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولسا، ئالدى بىلەن بۇ ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسى بولغان مېنىڭ تۇغقانلىرىمنى، يەنى مېنىڭ دادامنى ماڭا كۆرسەتسۇن»، دېدى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 3-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىنى مۇتلەق كۆپ سان ئاۋاز بىلەن قوللىغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى دەرھال بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرغان. 9-دېكابىردىكى ئاخبارات يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بايانات بېرىپ، ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ «ئوقۇش» پۈتتۈرۈپ، ئۆيلىرىگە قايتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. نەتىجىدە چەتئەللەردە ھېلىھەم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان ئۇيغۇرلار بەھرام قۇربان سىنتاشنىڭ ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشنى كۈچەيتكەن.
بەھرام بۇ ھەقتىكى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ تەشۋىقات ھەرىكىتىڭمۇ خۇددى ئىلگىرىكى ھەرىكەتلىرىدەك مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن نورمال ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلمەي تۇرۇپ، پەقەت بىر قانچە ئۇيغۇرنى ئاندا-ساندا ۋىدىيولاردا كۆرسىتىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچكىمنى ئالدىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دەرۋەقە، يۇقىرىدىكى بۇ ۋىدىيولارغا نۇرغۇن تىۋىتتىر قوللانغۇچىلىرى ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ بۇنداق ساختا ۋە سەھنىلەشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەر بىلەن ئەمدى ھېچكىمنى ئالداپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۇرۈشكەن ۋە يۇقىرىدىكى بۇ ئاتالمىش «مۇخبىرلار» نى تەنقىد قىلغان.
CGTN قانىلى خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى CCTV گە قاراشلىق بولغان قانال بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنگىلىزچىدىن باشقا يەنە، ئەرەبچە، لاتىنچە ۋە روسچە تارقىتىشلىرى بار. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 2018-يىلى سېنتەبىردە قارار چىقىرىپ، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە تورى CGTN قانىلىنى مۇستەقىل خەۋەر ئورگىنى ئەمەس، بەلكى «چەتئەل ئاگېنتلىرى» يەنى «چەتئەل ۋاكالەتچىسى» قاتارىدا تىزىملاش ھەققىدە بۇيرۇق چىقارغان.
«ۋال-سىترىت ژورنىلى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، «چەتئەل ۋاكالەتچىلىرىنى تىزىملاش قانۇنى» ئامېرىكىدا 1938-يىلىدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، قىسقارتىلىپ FARA دەپ ئاتىلىدىكەن. مەزكۇر قانۇن چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئامېرىكا جامائەت پىكىرىگە ۋە بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن، يەنى مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنى بولمىغان، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قانىتى بولغان ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق رولىنى ئويناپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان.