ئۇيغۇرلارنىڭ كوممۇنىست خىتايلارغا مەھكۇم بولغان تارىخىدا سۆزى سەۋەبلىك خورلانغان، قامالغان ۋە ھەتتا قەتلە قىلىنغان سەردارلىرى ئىزچىل چىقىپ تۇردى. ئەمما ھەقنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن تەقىب قىلىنغان، قاماققا ئېلىنغان شۇ قەھرىمانلار ئىچىدە ئىلھام توختىدەك دۇنيانىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغانلىرى يوق. ھەمدە ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى بىر تەتقىقاتچىنىڭ كۆزى بىلەن كۆزىتىپ، ئىلمىي تىل بىلەن بايان قىلىپ، ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىرىمۇ بولغان ئەمەس.
ئىلھام توختىنىڭ يېزىقچىلىق ئارقىلىق، سۆز ئارقىلىق قىلغان كۈرەشلىرىگە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن تارتىپ خەلقئارالىق سىياسىي گەۋدىلەرگىچە مەدەتكار بولدى. دۇنيادىكى زىيالىي ئالىملاردىن ناخشىچى سەنئەتكارلارغىچە ئىلھام توختىغا ئاتالغان پىدائىيلىقلىرىنى توختاتمىدى. ھازىر ئۇلار بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىلا ئەمەس قاماققا ئېلىنغان مىليونلىغان مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئىلھام توختى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ناھەق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى قاماققا مەھكۇم قىلىنغان مىليونلىغان ئىنساننىڭ بىگۇناھلىقىغا ئىسپات بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ئىلھام توختى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بوغۇلغان ئاۋازىنى 90-يىللاردىن باشلاپ خوڭكوڭدا چىقىدىغان مەتبۇئاتلار ۋە بېيجىڭدىكى ئىلمىي ژۇرناللاردا خىتايچە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى، ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىكى نوپۇسنىڭ خىتايلىشىش مەسىلىسى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى تارتىۋېلىش مەسىلىسى، ئۇيغۇر مائارىپىدىكى سېلىنما كەمچىللىك مەسىلىسى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەرسىزلىك مەسىلىسى، قوش تىللىق مائارىپتا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنى مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى مەسىلىسى قاتارلىقلارنى قەلەمگە ئالغان ئىدى.
شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى مەسىلىسى ھەققىدىكى بىر ماقالىسىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان بولساقمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھېچ بىر ئىلمىي ژۇرنال ياكى مەتبۇئاتنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولالمىغان ئىدۇق. شۇ چاغدا ئىلھام توختى بىزگە ئۇيغۇر تىلدىكى مەتبۇئاتلاردا ئەركىن پىكىرنىڭ بەكرەك چەكلىنىدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى.
ماڭا ئىلھام توختىنىڭ ھەر قانداق چاغدا مەسىلە ھەل قىلغۇچى، چارە تاپقۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان تەشەببۇسكارلىقى، مەسىلىلەردىكى ئەمەلىيەتچانلىقى بەكرەك تەسىر قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ھەل قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە پۇتلىشىپ تۇرۇۋاتقان، ئەمما ھېچ بىر زامان شىرەلەرگە بىر دوكلات سۈپىتىدە قويۇلۇپ باقمىغان مەسىلىلەر ئىدى.
ئۇ مەيلى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلار مەسىلىسىگە ئارىلاشسۇن، ياكى خروئىن چېكىپ نابۇت بولغان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ پاجىئەسى ھەققىدە تەكشۈرۈش قىلسۇن، ۋە ياكى ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلسۇن، ھەممىسىگە بىر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ماڭغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسى سۈپىتىدە خەلقئارانىڭ دىققىتىگە سۇنۇشى ھاكىمىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان چارىلىرىگە بىپەرۋا قاراپ مەسىلىنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىگە سۈكۈت قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئىلھام توختى بىلەن تونۇشقان ۋاقتىم 1993-يىلى كۈز ئايلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ چاغلار مېنىڭ يېزىقچىلىققا ئوتتەك ئىشتىياق باغلاپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نەشر قىلىۋاتقان «ئۇچقۇن» گېزىتىگە شېئىر يېزىپ يۈرگەن كۈنلىرىم ئىدى. ئۇ ماڭا «ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغىنى ئەدەبىيات ئەمەس، ئىقتىساد ۋە سىياسىي» دېگەن ئىدى. ئۇ ماڭا پىكىر ئەركىنلىكىدىن تولۇقراق بەھرىمەن بولماقچى بولسام خىتايچە يېزىشىم كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ يەنە ماڭا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان خاتا تونۇشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولىدىغان ماقالىلەرنى خىتاي تىلىدا يېزىشقا مەدەت بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭچە ئۇيغۇر زىيالىيلار خىتايلارغا ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىنى تونۇشتۇرۇشتا بېيجىڭ كوچىلىرىدىكى كاۋاپچىلارچىلىك بولالماپتىمىز. ئۇ ماڭا شۇ چاغدا بىر خىتايچە گېزىتكە بېسىلغان «كارىزنى لىن زېشۈي شىنجاڭغا پالانغاندا قازدۇرغان» دېگەن ماقالىنى كۆرسىتىپ بىر پارچە رەددىيە ماقالىسى يېزىشقا بۇيرۇغان ئىدى. ئەمما مەن «خىتايلار نېمە دېسە دېمەمدۇ؟» دەپ يازمىغان ۋە ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە قايىل بولمىغان ئىدىم.
ئىلھام توختىنىڭ مېنى خىتايچە يېزىشقا ئۈندىشىنىڭ سەۋەبىنى 2001-يىلى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىشقا چۈشكەندە ئاندىن چۈشەنگەن بولدۇم. خىتاي ۋە باشقا مىللەتتىن بولغان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە چەتئەللىك ستۇدېنتلار بىلەن بولغان ئالاقە جەريانىدا بايقىدىمكى كىشىلەر ئۇيغۇرنى خىتايچە مەنبەلەر ئارقىلىق چۈشىنىدىكەن. شۇڭا ئۇلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچە خىتايچە مەنبەلەرنى ئاساس قىلىدىكەن. خىتايچە يېزىلغانلار چولتا، چالا ۋە ئاز بولغاچقا چۈشەنچىلەرمۇ شۇ قەدەر غۇۋا ئىكەن. ھەتتا «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ مىللەتنىڭ ئىسمىمۇ ئۇلاردا «شىنجاڭلىق» دېيىلىدىكەن. ئۇلار رىۋايەتلىك شەخسلەردىن پەقەت نەسىردىن ئەپەندىنى، رېئال شەخسلەردىن قۇربان تۇلۇمنى بىلىدىكەن. چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇر ھەققىدىكى چۈشەنچىسىمۇ ئاساسەن خىتاي تىلىدىكى مەنبەلەرگە تايىنىدىكەن.
مېنىڭ يوشۇرۇن نامدا خىتايچە يېزىقچىلىقىم ئىلھام توختى 2006-يىلى قۇرغان «ئۇيغۇربىز» تورى بىلەن باشلاندى. شۇ چاغلاردا بۇ مۇنبەر تېزلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە رېئال قىسمەتلىرىنى خىتايچىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن دۇنياغا نامايان قىلىدىغان كۆزنەككە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
2009-يىلى «بەشىنچى ئىيۇل» پاجىئەسىدىن كېيىن دۇنيانىڭ دىققىتى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئۇيغۇرلارغا بۇرالدى. ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر پۈتۈنلەي تاقالغانلىقى ئۈچۈن «ئۇيغۇربىز» تورى تېخىمۇ قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. شۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدە تەرەققىيات رايونى قۇرۇش، مەجبۇرىي چېقىش ئەۋجىگە چىققان بولۇپ قەشقەر شەھىرىنىڭ چېقىلىشقا دۇچ كېلىشى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر رادىكال مىسال ئىدى. شۇ چاغدا دادامدىن خەۋەر تېپىشىمچە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى بىر مەھەللە چېقىلماقچى بولغان ئىكەن. بېرىلىدىغان تۆلەم پۇل ھەتتا كىشىلەرنىڭ ئەينى چاغدا يەرلەرنى سېتىۋالغان ئەسلى باھاغىمۇ بويلاشمىغان بولغاچقا كىشىلەرنىڭ نارازىلىقى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ئىكەن. مەن بۇ مەسىلە ھەققىدە «ئۇيغۇربىز» مۇنبىرىگە «قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە ئۆيلەر قانۇنسىز چېقىلماقتا» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە يازدىم. ماقالەم كۈچلۈك مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى.
2010-يىلى مارت ئايلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تور ۋە تېلېفون ئالاقىسى ئەسلىگە كەلدى. دادامدىن ئىگىلىشىمچە بىر مۇخبىر كوناشەھەر ناھىيەسىگە كېلىپ چېقىلماقچى بولغان مەھەللە ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەشكە باشلاپتۇ. نەتىجىدە ناھىيە رەھبەرلىرى تۇيۇقسىز مەھەللىنىڭ چېقىش قارارىدىن يېنىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ئۇيغۇر مەھەللىسى چېقىلىشتىن ئامان قالغان بولدى. 2011-يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئىلھام توختىنىڭ بۇ ئىشتا تەشەببۇسكار بولغانلىقىدىن ۋاقىپلاندىم.
2010-يىلى «ئۇيغۇربىز» مۇنبىرىدە ئىلھام توختىنىڭ «ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئازسانلىق مىللەت تاكسىكەشلەرنى كۆپەيتىش ھەققىدە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ماقالىدە ئۈرۈمچىدە تاكسىلار خىتاي تاكسى شىركەتلىرىنىڭ مونوپوللۇقىدا بولغاچقا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىزمەتتىن چەتتە قالدۇرۇلغانلىقى، «بەشىنچى ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي تاكسىكەشلەرنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى تاكسىغا ئالماسلىقى سەۋەبلىك ئاممىغا قۇلايسىزلىق بولۇۋاتقانلىقى، شۇڭا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان تاكسى شوپۇرلىرىنى كۆپەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. 2011-يىلى ۋەتەنگە قايتقاندا بۇ مەسىلىنىڭمۇ مۇزاكىرىگە قويۇلۇپ قىسمەن ھەل قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدىم.
ئىلھام توختى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ھەل قىلىنمىدى. ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرى «ئىغۋا تارقىتىش»، «قۇترىتىش» دەپ قارالدى.
مەسىلەن، ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى مەسىلىسىنى ئىلھام توختىنىڭ تەشەببۇسى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت، خىمىيە سانائىتى، تۆمۈر يول ۋە ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ساھەسىگە ئۇيغۇر ئىشچى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق مۇۋاپىق ھەل قىلمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى «شاۋگۈەن ۋەقەسى» نىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى. ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق تەۋسىيەلەرگە قۇلاق سالمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى «بەشىنچى ئىيۇل» ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى. شۇنداقلا ئاساسلىق سەۋەبنى ئۆزىدىن كۆرمەي ئىلھام توختىنى ئۈچ ئايغا يېقىن نەزەربەندكە ئالدى. مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەكسىچە ئىلھام توختىنى 2014-يىلى سېنتەبىردە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلە ھەل قىلغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىلھام توختىنى تۇتۇپ خەلقئارادا ئىلھام توختى مەسىلىسىنى پەيدا قىلدى. خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا بىر مۇرەسسە قىلغۇچى، ياراشتۇرغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىلھام توختىنى قاماققا ئېلىپ ئۇيغۇرنى ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. خىتاي ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى رەت قىلىپ ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرنى يوشۇردى ۋە شۇنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا چىققان قارشىلىقلارنى ئاشقۇن بىر شەكىلدە باستۇرۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇردى. شۇنداقلا ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇپ يوق قىلىشتەك تۇيۇق يولغا قاراپ ماڭدى. ئىلھام توختى مەسىلىسى مانا ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ۋاكالەتچىسىگە ئايلاندى. بىگۇناھ قامالغان بىر ئىلھام توختى، بىگۇناھ جازالىنىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ شاھىتى بولۇپ قالدى.
مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.