تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزمەكچى؟

0:00 / 0:00

خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا كىشىلەرنى قامىغىلى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولغان بۈگۈنكى كۈندە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئېغىر تەشۋىش ئىچىدە مۇقەددەس قۇربان ھېيتىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

بۇ يىل 11-ئاۋغۇست كۈنى ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇربان ھېيت نامىزىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئالار ئوقۇلىدۇ. تۈركىيەدە مىليونلىغان كىشىلەر ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ، ھېيت نامىزى ئوقۇيدۇ، ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلىرىنىڭ ۋە ئالەمدىن ئۆتكەن يېقىنلىرىنىڭ قەبرىسى بېشىدا دۇئا قىلىپ، قۇربانلىق قويلارنى سويىدۇ.

مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى ئېغىر كەيپىيات ئىلىكىدە كۈتۈۋالىدۇ. ئۇلار ئىلگىرىكىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ، قۇربانلىقلىرىنى سويۇپ، بەزىلىرى ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ زىيارەت قىلالىسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئاتا-ئانىسىغا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېلېفونمۇ قىلالمايدۇ. ئۇلار كۆڭلى يېرىم ھالدا بۇ يىللىق قۇربان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا.

بىز تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن ئىستانبۇل، قەيسەرى ۋە تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قۇربان ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇلارنىڭ كۆپى ئەركىن دۆلەتتە قۇربان ھېيتنى ئۆتكۈزىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمىغانلىقى ۋە يېقىنلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغانلىقتىن كۆڭۈللىرىنىڭ بەكلا يېرىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر ئىستانبۇل ئالمۇتادىن قالسىلا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى، ئادەم كۆپ بولغاچقا مىڭلىغان ئۇيغۇر جامائىتى ئىستانبۇلدىكى چوڭ باغچىغا يىغىلىپ ھېيىتلىشىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى قۇربان ھېيتنىڭ مولچىلىققا تولغان بىر ھېيتى ئىكەنلىكىنى، بۇ ھېيتتا قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا كۆيۈنۈش ۋە ھەمكارلىشىشىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدىن قالسا قەيسەرى شەھىرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەردۇر. ئۇنداقتا، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت تەييارلىقى قانداق كېتىۋاتىدۇ؟ «مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەشكىلاتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خالمۇرات سۈيدۈنلۈ بۈگۈن ۋەتەندىكىگە ئوخشاشلا ئۆيلەرنى تازىلاپ، ساڭزىلارنى سېلىپ ھېيتقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

خالمۇرات سۈيدۈنلۈ ئەپەندى بۇرۇن قەيسەرىگە بۇرۇن يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار بىلەن 2014-2015-يىللىرى تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغانلىقىنى، نامازدىن كېيىن قەبرىستانلىقلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزئارا ھېيتلىشىپ، بايرام ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

قارابۈك شەھىرىدىكى قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى ۋولقان ئەپەندى بۇ يىلقى قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا تۆۋەن كەيپىياتتا ئۆتىدىغانلىقىنى، چۈنكى مىليونلىغان قېرىنداشلىرى لاگېرلاردا قاماقلىق تۇرغاندا ھېچكىمنىڭ خۇشال-خۇرام ھېيت ئۆتكۈزۈشكە رايى بارمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزمەكچى؟ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇپ، مەرھۇم مۇھاممەدئىمىن بۇغرانىڭ قەبرىسىنى يوقلايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزئارا ھېيتلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. قەھرەمانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىپارخان قۇربانمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق قۇربان ھېيت تەييارلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى زەيتىنبۇرنۇ، ئاقساراي، سەفاكۆي ۋە بەيلىكدۈزۈ رايونلىرىغا جايلاشقان. قەيسەرى شەھىرىدە ھازىر ئىككى ئۇيغۇر مەھەللىسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى 1964-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرى ئەخمەت يەسەۋىي مەھەللىسىگە جايلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان مەھەللە بولسا، يەنە بىرى 2014-2015 يىللىرىدا مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلار تۇرۇشلۇق بەلسىن دۆلەت قورۇسىدۇر. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھازىر 1500 ئەتراپىدا ئىكەن. ئەنقەرەدە دۆلەت ئىدارىلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بار.