يازغۇچى زۇنۇن قادىرىنىڭ 1962-يىلىدىكى «سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىشى» مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۇ غۇلجىدىكى ئۆيىگە نەزەربەنت قىلىنىدۇ ۋە ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ.
1962-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم «زۇنۇن قادىرىنى كۆرەش قىلىش، پاش قىلىش يىغىنى» ئۇيۇشتۇرىدۇ. بۇ يىغىنغا بىر قىسىم ئەمەلدارلار، ھەرقايسىي ۋىلايەت ۋە شەھەرلەرنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلىرى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ كېلىنىپ قاتناشتۇرۇلىدۇ. يىغىندا يازغۇچى زۇنۇن قادىرى دەھشەتلىك كۈرەشكە تارتىلىدۇ. بۇ يىغىن ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ مېھمانخانىسىدا داۋاملاشقان بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ئابدۇللا زاكىرۇف رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئۇ زۇنۇن قادىرىغا ناھايىتى قاتتىق پوزىتسىيە تۇتىدۇ.
ئاۋستىرالىيەدە ياشاۋاتقان ئەدىب ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەينى ۋاقىتتا بۇ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن يىغىن ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى تەقدىم قىلدى.
ئۇ ئۆزى شاھىت بولغان بۇ يىغىندا شائىر نىمشېھىتنىڭ نېمە ئۈچۈندۇر زۇنۇن قادىرىغا قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىنىمۇ ئەسلەپ ئۆتتى.
بۇ ھەقتە ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان پىروفېسسور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلىمۇ ئۆز ئەسلىمىلىرىنى تەقدىم قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن نىمشېھىتنىڭ زۇنۇن قادىرىغا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولغانلىقىنى ئەرشىدىن تاتلىقتىن ئاڭلىدىم. ئەمەليەتتە نىمشېھىتمۇ 1933-يىلى مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقان كىشى ئىدى. 1945-يىلى مىللى ئارمىيە ئاقسۇغا چۈشۈپ كوناشەھەرنى ئىشغال قىلىپ، يېڭى شەھەرنى قورشاۋغا ئالغان ۋاقتىدا «11 بىتىم» تۈزۈلۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلىغا چېكىنىپ چىقىدۇ. شۇ ۋاقىتتا نىمشېھىتمۇ ئەرشىدىن تاتلىق بىلەن بىرگە غۇلجاغا كېتىدۇ. شۇندىن كىيىن ئەسەر يېزىشنى توختاتمايدۇ. ئۇمۇ بىر ۋەتەنپەرۋەر ئادەم. ئىنسان خاتالىقلاردىن خالىي بولالمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا باھا بەرگەندە دەۋر شارائىتىنىمۇ ھېسابقا ئېلىپ، باھا بېرىش كېرەك.»
بۇ ۋەقە ھەققىدە يەنە مەرھۇم يازغۇچى زۇنۇن قادىرىنىڭ ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان كەنجى ئوغلى پەرھات زۇنۇن ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلارنى دادىسىدىن ئاڭلىغانلىقىنىمۇ ئەسلەپ ئۆتتى.
گەرچە يازغۇچى زۇنۇن قادىرى ۋە شائىر نىمشېھىت ھەر ئىككىسى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەردىن شۇنداقلا 2-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتىدىن قالغان تەۋەرۈك زىيالىيلاردىن بولسىمۇ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى مۇرەككەپ سىياسىي-ئىجتىمائىي مۇھىتلار ئۇلارنىڭ سىياسى ئېڭى ۋە مەۋقەسىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر ياسايدۇ.
دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي مۇھىتتا ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىرلىرىنىڭ سىياسىي مەۋقەسى بىلەن مۇرەككەپ تاللىشىغا بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يازغۇچى زۇنۇن قادىرى ھەققىدە 2004-يىلى «بورنلىق كېچە» ناملىق بىئوگرافىك رومان نەشىر قىلىنغان. ئەخمەت ۋاھىدىنىڭ ئاپتورلىقىدىكى بۇ روماندىمۇ زۇنۇن قادىرى كۈرەشكە تارتىلغان ۋاقىتتا شائىر نىمشېھىتنىڭ ئۇنىڭغا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولغانلىقى، كىيىن ئۆزىنىڭ بۇ ئىشىدىن پۇشايمان قىلغانلىقى، شۇ سەۋەپتىن ئۇ 1963-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى زۇنۇن قادىرى تۇرۇۋاتقان ئاقسۇدىكى ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانىغا كېلىپ، زۇنۇن قادىرىدىن ئەپۇ سورىغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارغىمۇ ئورۇن بىرىلگەن.