قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى 5-فېۋرال كۈنى بىشكەك شەھىرىنىڭ ئالامېدىن-1 مەھەللىسىگە جەم بولۇپ، 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 24 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
مەزكۇر پائالىيەت قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىللىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. يىغىنغا بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-رايونلاردىن كەلگەن كۆپلىگەن جامائەت ۋەكىللىرى قاتناشتى.
خاتىرىلەش پائالىيىتى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى بىلەن باشلاندى. ئاندىن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى.
مەزكۇر پائالىيەتكە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىمى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ يىغىن ئەھلىگە سالام يوللپ، «ئىتتىپاق» گېزىتى باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوفنى دوكلات قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف ئەپەندى 1997-يىلى غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىق ھەققىدە قىسقىچە ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، ۋە شۇ شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىغا تەلىم-تەربىيەنى كۈچەيتىش ئۈچۈن «ئىلى مەشرىپى» تەشكىللىگەن ئابدۇخېلىل مېجىت ۋە ئابدۇمېجىت ھەمراھلار ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىق سىياسىتىنىڭ قۇربانلىرى بولغان ئۇيغۇر يىگىتلىرى ھېچ قاچان ئۇنتۇلمايدۇ»، دېدى.
ئۇ دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى نامىدىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
پائالىيەت داۋامىدا يەنە لاگېرلار، «كورونا ۋىرۇسى» ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف، رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ئۇيغۇر تارىخىدا ئۇنتۇلمايدىغان بىر ۋەقە دەپ تەكىتلەپ، بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر ئاممىۋى جەمئىيەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەم ئۇيغۇرلار ئۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا قانداق تەدبىرلەرنى ئېلىش ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دىلمۇرات ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، يەنى «گېنوتسىد» ئىكەنلىكى ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە باشقا ئەللەر تەرىپىدىنمۇ خۇددى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېكىتكەندەك بېكىتىلسە، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ( ئاۋاز)
ئىختىيارىي سۆزگە چىققان نوۋوپوكروۋكا يېزىسىنىڭ يىگىت-بېشى غەيرەت جاھانوف مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان ھەسرەتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان سىياسىي مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى رەھىمجان ھاپىزى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىن خەلقئارا سەھنىسىگە ئېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالال ئاباد شەھىرىدىكى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ شۆبە رەئىسى روزىئاخۇن قۇربانوفنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ۋە ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» جالال-ئاباد شەھىرىدىمۇ خاتىرىلەندى. جالال ئاباد شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىسى خۇرشىدەم قۇربانوۋا خانىم 5-فېۋرال قانلىق قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بەزى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشى چەكلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي ۋەقەلەرنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى، جۈملىدىن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»، «ئۇيغۇر مىللىي ئارمىيە كۈنى»، «ئىككى جۇمھۇرىيەت بايرىمى» ۋە باشقا ئاممىۋى يىغىنلىرى يەنىلا ئۆزئارا ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كېلىنمەكتە. ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان «ئىتتىپاق» گېزىتى مۇنداق مەسىلىلەر ھەققىدە ۋە ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئائىت ماقالىلەرنى داۋاملىق ئېلان قىلماقتا.