تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى: باياناتلىرىڭلار بىلەن قىلغان زۇلۇملىرىڭلارنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021-02-12
Share
تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى: باياناتلىرىڭلار بىلەن قىلغان زۇلۇملىرىڭلارنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇلقادىر قارادۇمان ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2021-يىلى 12-فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Arslan

8-فېۋرال كۈنى، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى لاگېرغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرلارنى «يالغانچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغانىدى.

خىتاي ئەلچىخانىسى باياناتىدا يەنە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىشقا قاتناشقان تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن «سائادەت» پارتىيەسىنىڭ كونيا مىللەت ۋەكىلى ئابدۇلقادىر قارادۇمان ۋە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ياۋۇز ئاغرالىئوغلۇنىمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى ئەيىبلەپ تەنقىد قىلغان.

تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇلقادىر قارادۇمان ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 12-فېۋرال، تۈركىيە.

پارلامېنت ئەزاسى ياۋۇز ئاغرالىئوغلۇ تۋېتتىر ھېسابى ئارقىلىق خىتاي باش ئەلچىلىكىگە رەددىيە قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركسىتاندا قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. لاگېرلاردىكى ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ ۋە سىلەر زۇلۇم قىلىۋاتىسىلەر. تۈركىيە ئەلچىخانىسى بۇ يالغانچىلىقىڭلار بىلەن پ ك ك (كۇردىستان كوممۇنىست پارتىيەسى) نىڭ تېررورچىلىرىغا گۈل بەرگەن كىشىلەرنى ئالدىيالايسىلەر. بىر قانچە تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇپپا بولۇپ بېرىپ، ئۇ لاگېرلارنى زىيارەت قىلىشنى خالايمىز».

تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ياۋۇز ئاغرالىئوغلۇ ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان شەخس بولۇپ، ئۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پات-پات كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ سۆز قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دوستى شەخسلەردىن بىرىدۇر.

«سائادەت» پارتىيەسىنىڭ كونيا مىللەت ۋەكىلى ئابدۇلقادىر قارادۇمان ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ ئەيىبلەشلىرىگە رەددىيە بېرىپ تىۋېتتىر ھېسابى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر ئىككى پارلامېنت ئەزاسى دەپ تىلغا ئېلىنغان پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بىرى مەن بولىمەن. شەرقىي تۈركسىتانلىقلارنىڭ پەريادلىرى جاھاننى تىترىتىدۇ. سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن يېزىلغان باياناتلىرىڭلار بىلەن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمىغان ئىنسانلارنىڭ نىدالىرىنى ۋە قىلغان زۇلۇملىرىڭلارنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر».

خىتاي ئەلچىخانىسى ئېلان قىلغان باياناتتا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىنىڭمۇ قاتنىشىپ ئۇلارنى قوللاۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇ تەشكىللىك ھەم پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەرىكەت، دېيىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، بۇنىڭ بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاددىي ئىنسانىي ھەققىنى، تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر نامايىش ئىكەنلىكىنى، بىراق بۇنىڭدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنىڭ پاش بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ بىئارام بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ۋىجدانى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىغا بارغان ۋە ياكى بارمىغانلارنىمۇ قوشۇپ ئۇلارغا سىياسىي تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بار دەپ بەتنام چاپلاپ، تۈركىيەگە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ نامايىشنى توختىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇلقادىر قارادۇمان ئەپەندى، 12-فېۋرال جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىگە كېلىپ خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان قاتارلىق مەسئۇللار بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

بىز، پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇلقادىر قارادۇمان ئەپەندىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىغا قارىتا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇراخمان قارادۇمان ئەپەندى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتى ھادىسىنىڭ ھەقىقىتى بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋىتى بولمىغان، ئۇ يەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالماي قايغۇغا چۆمگەن ئىنسانلارنىڭ پىغانىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان بىر ئويۇن ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. ئەگەر خىتاي بۇ داۋاسىدا راستچىل ۋە سەمىمىي بولسا، چېگراسىنىڭ ئىشىكلىرىنى بىزگە ئاچسۇن ۋە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئەمەلىي ئەھۋالنى بىزگە كۆرسەتسۇن ۋە جامائەت ئاممىسىغا راستچىل ۋە سەمىمىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسۇن. ئۇنداق بولمايدىكەن بۇ ئۇ يەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي زۇلۇمىنى يوققا چىقىرالمايدۇ ۋە ھەم نالە-پەرياد قىلىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىقتۇرالمايدۇ. ئۇ خىل باياناتلىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بىر بايانات بولالمايدۇ. خىتاي دۆلىتىنى ئۆكۈنۈش بىلەن تەنقىدلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنى بۇ مەسىلىدە كەسكىن بىر ھەرىكەت قىلىشقا ۋە خىتايپەرەسلەر پارتىيەسىنىڭ سۆزىگە ئەمەس شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پەريادلىرىغا قۇلاق سېلىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلەيمەن».

خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىغا ئائىت تىۋېتتىر سەھىپىسىدە خىتايچە ۋە تۈركچە بولۇپ ئىككى تىلدا يېزىلغان باياناتتا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەيىبلىنىپ، بۇ: «تۈرك خەلقىنى ئالداش ئۈچۈن تەشكىللىك ۋە مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت دېيىلگەن». خىتاي تەرەپ يەنە «يالغانچى» دېگەندەك ئىپادىلەرنى قوللانغان.

بۇ باياناتتىن كېيىن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئانىسىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش جەۋلان شىرمۇھەممەد تىۋېتتىر ھېسابى ئارقىلىق خىتاي ئەلچىخانىسىغا رەددىيە بېرىپ، «دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ يالغانچىلىرى سىلەر. مېنىڭ ئانا قەيەردە؟ ئانامنى ئەركىن قويۇپ بەر! ئائىلەم قەيەردە؟ سۈرىيە تۇرسۇنغا ئەركىنلىك!» دېگەنلەرنى بايان قىلدى.

بۈگۈن يەنى 12-فېۋرال جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇرانت نۇردىددىن ئىزباسار، خىتاينىڭ باياناتىغا رەددىيە بەردى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا خىتاب قىلىپ: «ئەي خىتاي ئەلچىسى! ئەي خىتاي كونسۇلى جۇي ۋېي! بىزنى يالغان سۆزلىدى دەپسىلەر، جىگىرىڭ بولسا بۇ يەرگە چىق، بىزنىڭ يېنىمىزغا كەل! ، بىزنىڭ ئالدىمىزدا سۆزلە، بىز سېنى كۈتۈۋاتىمىز، يا بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەل ياكى تېلېۋىزىيەگە چىقىپ سۆزلىشىشكە بىز تەييار، سېنىڭ ھەقىقەت ۋە ئادالەت چۈشەنچەڭ بولسا مەيدانغا چىق! ، بىز سەنلەردىن قورقمايمىز، بىزنى يالغانچى دەيدىغان سۆزلىرىڭنى كونسۇلخانا ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ سۆزلە! ، بۇ يەردىكى ھېچ كىم سەنلەردىن قورقمايدۇ، سىلەر شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى يوق قىلالمايسىلەر»، دېدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت