خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى تۈپەيلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى شىكايەت قىلىنماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرى قاتتىق چەكلىمىگە ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، مۇتەخەسسىسلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيەلەش خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە.
غازى ئۇنىۋېرسىتېتى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى مەھمۇد ياسىن ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى تەخىرسىز ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.

ئۇيغۇر ئانا تىلى تور مەكتىپى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلدا يېزىقچىلىق ۋە ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئانا تىلدا ئەدەبىيات كۇرسلىرى ئېچىپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى يېزىقچىلىق ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىرى بىلەن تەربىيەلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئانا تىلىدا ئىجادىيەت ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.
ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى بۇ ساھەدە كونكرېت خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپ قۇرۇلۇشلىرىدىن بېرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر مەكتەپتە ئانا تىل ئەدەبىياتى جەھەتتىن تەربىيەلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت قىلغۇدەك سەۋىيەگە كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر بالىلار ژۇرناللىرىنىڭ بالىلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشتا ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
مەزكۇر مەكتەپنىڭ مەسئۇللىرىدىن مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد(خەندان) خانىم داۋاملىق بۇ خىل يېزىقچىلىق كۇرسلىرى ۋە يازغۇچىلارنىڭ لېكسىيەلىرى ئارقىلىق بالىلارنى تەربىيەلەش، يىللىق پىلان بىلەن بالىلارنىڭ ئۆز قەلىمىدە يازغان ياكى تەرجىمە قىلغان كىتابلىرىنى نەشر قىلدۇرۇش، ئەدەبىياتقا دائىر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كونكرېت خىزمەتلەرنى تەشكىللەش پىلانىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتى مىللىي كىملىكنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداشتا مۇھىم خىزمەت ھېسابلىنىدىكەن.
ئەدەبىياتتىكى تالانت ئىگىلىرىنى بايقاش، ئۇلارغا قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان پۇرسەت ۋە تېخىمۇ كەڭرى بىر سەھنە يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە، «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» يېتەكچىلىكىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر بالا يازغۇچىلار ئۈچۈن بىر جەمئىيەت قۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد (خەندان) خانىم مەزكۇر جەمئىيەتنى قۇرۇشتىكى مەقسەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ جەمئىيەتنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز جەمئىيەتتىكى تالانت ئىگىلىرىنى بايقاش، ئۇلارنىڭ قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان پۇرسەت ۋە كەڭرى سەھنە يارىتىپ بېرىشتۇر. بىز بالىلار ژۇرناللىرى ئارقىلىق بالىلارغا يازىدىغان، ئوقۇيدىغان سەھنىلەرنى ۋە شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىۋاتىمىز. لېكىن، بۇلارنى يېتەرلىك بولمىدى دەپ قارايمەن. چۈنكى تىل-يېزىقىمىز ۋەتىنىمىزدە يوقىلىشقا يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزدا توختاپ قالماي داۋاملىق تىرىشىشىمىز، داۋاملىق كۈچىشىمىز كېرەك. بالىلىرىمىزنىڭ سەھنىسىمۇ باشقىلارنىڭ سەھنىسىدىن تېخىمۇ كەڭرى بۆلۈشى كېرەك».
بىز مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئاكىفنى زىيارەت قىلدۇق، ئاكىف مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىقچىلىق قىلىش جەريانىدا كۆپ پايدىلىق بولغانلىقىنى، يېزىقچىلىق قىلىش داۋامىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە ئالغان دەرسلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇيغۇر ئانا تىلى تور مەكتىپى ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا قۇرۇلغان. مەزكۇر مەكتەپ، سىستېمىلىق تور ئۇيغۇر مائارىپ قۇرۇلۇشلىرىدىن بېرى بولۇپ، ئۆزلىرى تەشكىللىگەن بالىلار ژۇرناللىرى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات سىنىپى، ئۇيغۇر ئانا تىل سىنىپى ۋە تۈرلۈك ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوقۇتۇشلار ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ ئېھتىياجىنى قامداپ كەلمەكتە.