ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دۆلەت ھالقىغان بېسىم ھەققىدىكى يېڭى دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى يورۇتۇلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن بولغان ئەركىنلىك سارىيى ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىدىغان ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچى دوكلاتىنى ئاساسلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىم ھەرىكىتىگە مەركەزلەشتۈرگەن ئىدى. ئۇلار ئالدىنقى يىلى بۇ ھەقتە «چېگرا ھالقىغان بېسىم ۋە ئۇنىڭ كۆلىمى-كۆزدىن يىراق، ئەمما دىققەتتىن يىراق ئەمەس» دېگەن تۇنجى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە دىققەت تارتقان ئىدى.

ئەركىنلىك سارىيى بۇ يىللىق دوكلاتىنىمۇ مۇشۇ مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتىنىڭ ئىسمى «ئامېرىكادىمۇ بىخەتەر ئەمەس: ئامېرىكادىكى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» دەپ ماۋزۇ قويغان. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى ئامېرىكا تۇپراقلىرىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كەلگەن دۆلەتلىرىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىزچىل ھالدا تەھدىتى ۋە تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان كىشىلەرنىڭ مەسىلىسىنى ئالاھىدە يورۇتقان.

دوكلاتتا مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ئامېرىكا تۇپراقلىرىغا سايىسىنى تاشلىماقتا. ئامېرىكادا ياشايدىغان چەت ئەللىك ئۆكتىچىلەرگە ھۇجۇم قىلىش 1950-يىللىرىدىن باشلاپ بار ئىش بولسىمۇ، بىراق بۇ ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قاتتىق كۈچەيدى. ئىران، خىتاي، مىسىر، روسىيە، رىۋاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ئامېرىكانىڭ قانۇنلىرىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەھدىد سېلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش، نازارەت قىلىش، پېيىغا چۈشۈش ۋە ھەتتا بۇ كىشىلەرگە جىسمانىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزۈش سۈيىقەستىنى پىلانلاشتەك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا.»

دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن: «بۇ ھاكىمىيەتلەر ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز چېگراسىدىن ھالقىپ، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا قاتنىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكادا تۇرۇپ ئۆزلىرى كەلگەن دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى قوللاۋاتقان كىشىلەر، يۇرتلىرىدا قالغان دوستلىرى ۋە ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان شەخسلەر بولۇپ، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ نىشانىغا ئايلانماقتا. دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش مەسىلىسى بىر تاشقىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى دەل ئامېرىكادا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئەركىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئۇلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكى، ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ۋە ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ھەرىكەتتۇر. ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلىش ئامېرىكانىڭ دېموكراتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئاپپاراتلىرىنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە زىيان سالىدۇ.»

ئەركىنلىك سارىيى 2-ئىيۇن كۈنى مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مەزكۇر ئورگان تەتقىقاتچىلىرى دوكلاتتىكى مۇھىم نوقتىلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئەركىنلىك سارىيى تەتقىقاتچىلىرى ئۆز تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى ئەڭ دىققەت قوزغايدىغان مەسىلىنىڭ چېگرا ھالقىپ تۇرۇپ بېسىم قىلىش مەسىلىسىدە دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى بولغانلىقىنى، بۇ ھاكىمىيەتلەرنىڭ نىشان قىلىنغان كىشىنى قاچۇرۇش، قايتۇرۇپ كېتىش ئۇرۇنۇشلىرىدا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى دېكتاتورلارنىڭ قارشى پىكىرلىكلەرنى ئورتاق دۈشمەن دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئورگان بۇنىڭغا مىسال بەرگەندە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىخەتەر پاناھگاھ بولۇۋاتقان تۈركىيەنىڭ ھازىر بارا-بارا ئۆزگىرىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى كۈچيىۋاتقان ھەمكارلىقتىن ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆرنەك قىلىپ كۆرسەتكەن.

تەتقىقاتچىلار يەنە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ «خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى» -ئىنتېرپولنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىنى سۈيئىستېمال قىلىۋاتقانلىقى ۋە بەزى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇستەبىت دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ماسلىشىپ، نىشانغا ئېلىنغان كىشىگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار بۇنىڭغا مىسال بەرگەندىمۇ نۆۋەتتە ماراكەشتە تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئىدرىس ھەسەن ئۈستىدىكى ئىنتېرپولنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ئىدىرىس ھەسەننى قويۇۋەتمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

مەزكۇر دوكلاتتا ئامېرىكادا تۇرۇپ بېسىمغا ئۇچرىغانلاردىن 12 كىشى زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ۋاكالىتەن ئامېرىكادا ياشايدىغان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئاكتىپ ياشلاردىن مۇستافا ئۇيغۇر ۋە فىرقەت جەۋدەت زىيارەت قىلىنغان. ئۇلار ئۆز تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان بېسىم ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

دوكلاتتا دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ھالقىغان بېسىم ھەرىكىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى ئالاھىدە مۇلاھىزە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى كىشى ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ 3-دۆلەتكە يەرلىشىشى، پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ ۋاقتىدا ھەل قىلىنماسلىقىنىڭ دەرھال ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مۇنۇلار دېيىلگەن: «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى ئىز قوغلاشتىكى يەنە بىر مۇھىم توسالغۇ بولسا، نىشانلانغان كىشىلەرنىڭ خەتەرلىك كۆچمەنلىك سالاھىيىتى بولۇپ، بۇ مەسىلىنى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرمەي تۇرۇپ، ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.»

دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇم ئامېرىكا تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى چەت ئەللەردىن مۇساپىر سۈپىتىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقى ۋە ھەتتا ئامېرىكانىڭ ئۆزىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق تەلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئاساسلىق ئامېرىكانىڭ كېىيىنكى يىللاردا كۆچمەن قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە ئاستىلىـتىشى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ كۆچمەن قوبۇل قىلىش خىزمەتلىرىنى زور دەرىجىدە ئاستىلىتىۋېتىشىدەك ئامىللارنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، نەتىجىدە ئەسلىدە خىتاينىڭ تەقبىىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى خىتاي پاسپورتلىرى ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن خىتاي پاسپورتلىرى سەۋەبىدىن ئېغىر خەۋپ ئاستىدا قېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ دۆلەت ھالقىغان بېسىم ھەرىكىتىگە قارشى تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، كونكىرېت تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، بەزى بوشلۇقلارنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان: «. . . كونكىرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكادا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇشقا ماس كېلىدىغان قانۇن كەمچىل. كۆچمەنلەر ئىشلىرى سىستېمىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گۇرۇپپىلارنى قوغداشتا يېـتەرسىز. ئامېرىكا جازا تەدبىرى ۋە ۋىزا چەكلىمىسى قاتارلىق تاشقىي سىياسەت قوراللىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ئۇچرايدىغان جازانى ئېغىرلاشتۇرۇشى كېرەك.»

ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتىدا يەنە دۆلەت ھالقىغان بېسىم ھەققىدىكى تونۇشنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلغان:

«ئاڭنىڭ كەمچىل بولۇشى ھۆكۈمەتلەرنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق توسالغۇ. مۇستەبىتلەرنىڭ مەلۇم بىر دۆلەت ئىچىدىكى شەخسلەرنى قانداق، نېمە ئۈچۈن ۋە قانچە قېتىم نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئەتراپلىق چۈشەنمىگەچكە، ئۇلارغا قارىتىلىۋاتقان ھۇجۇملار قانۇن ئىجراچىلىرى تەرىپىدىن ئادەتتىكى جىنايەت قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر سانلىق مەلۇماتلار سىستېمىلىق توپلانمىسا، بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئەندىزىسىگە سەل قارىلىپ، نەتىجىدە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان قانۇن ۋە سىياسەت بەلگىلەش مۇمكىن بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن نىشانلىنىۋاتقان دىئاسپورا توپلۇلۇقى قوغداشتىن ۋە ئۇلار مۇراجىئەت قىلالايدىغان مەنبەلەرگە ئېرىشەلمەيدۇ»

مەزكۇر دوكلاتتا ۋە بۇ ھەقتىكى ئاخبارات يىغىنىدا چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سەۋەبىدىن ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ چەت ئەللەردىمۇ داۋام قىلىۋاتقان تەقىب قىلىش ھەرىكىتى تۈپەيلى قېيىن ئەھۋالدا قېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا زور روھىي بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى تېپىپ چىقىش، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك ئىشلىرىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكى كۆپ قېتىم تەكىتلەندى.