بۇ ھەپتە ئامېرىكا ئاقىللار مەركىزىدىن بىرى بولغان خۇدسون ئىنستىتۇتى خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان غەرب سىياسەتچىلىرى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن دانكىن سىمېت ۋە نۇسرەت غەنى قاتارلىقلار خىتاي تەھدىتى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چۆرىدەپ تور سۆھبىتى ئېلىپ بارغان.
سۆھبەتنىڭ مۇقەددىمىسىدە نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ دېموكراتىك دۇنيادىكى باشلامچىلىق رولىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە دۇنيادىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادا ئۈلگىلىك رول ئوينايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. شۇنداقلا بۇ ئىككى دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەڭ بالدۇر ئېتىراپ قىلدى، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. ئالدىنقى ئايدا ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹7 دۆلەت ئىتتىپاقى› بىرلەشمە باياناتىدا، دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. ئەمما دۇنيادا يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان دېموكراتىك دۆلەتلەر پەقەت سۆز بىلەنلا ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنى توختىتىشى كېرەك. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ جەھەتتە يېتەكچىلىك رول ئويناۋاتىدۇ. ئىلگىرىمۇ ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مال تەمىنلەش لىنيەسىدىكى قۇل ئەمگىكى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى سۇنۇش ۋە كېلەر يىلدىكى قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى باشقا جايغا يۆتكەش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بىر قانچە قانۇن-لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتمەيدۇ، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن جەزمەن تەدبىر قوللىنىش كېرەك. خىتايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالدا خەلقئارا جەمئىيەت كېلەر يىلى قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە يول قويماسلىقى كېرەك».
ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى، خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنت بىرلىكى ئەزاسى دانكىن سىمىت مەزكۇر بىرلىككە قېتىلغان 20 دۆلەتتىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتى ۋە تەھدىتىنى چەكلەش كۈرىشىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ خەلقئارا پارلامېنت بىرلىكى سىستېمىسىغا توختىماي ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ بىرلىكتە ئۆزىگە ئوخشاش ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىنى چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئۇ ئەنگىلىيە پارلامېنتى بىلەن ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پەرقلىق پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلامدۇ-يوق، بۇ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان بىر كۈرەش. ئاۋام پالاتاسىدىن كەلگەن قانۇن-لايىھەلىرىنى بىز ئۆزگەرتىپ، ئوخشىمىغان تەكلىپ ۋە تەۋسىيە شەكلىدە ئەنگىلىيە سوتىغا سۇنۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. بۇ كۈرەش ناھايىتى كەسكىن بولۇۋاتىدۇ».
ئۇ غەرب ئەللىرىنىڭ، جۈملىدىن ئەنگىلىيەنىڭ خىتاينىڭ ئوغرىلاپ ئۆزگەرتىۋالغان تېخنىكىسى ۋە ئەرزان ماللىرىغا قىزىقىپ، خىتايغا كۆپلەپ مەبلەغ سالغانلىقىنى، ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بېقىنىپ قالغانلىقىنى تەنقىدلەپ: «بىز ھازىر خىتايغا قەرزدار بولۇپ قالدۇق، بۇ قەرز كۆپەيسە كۆپەيدىكى، ئازلىمىدى. شۇڭا بىز خىتايغا ھەق گەپ قىلالمايۋاتىمىز. بىز دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈردۇق، ئەمما ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىدۇق. مەسىلە، دەل مۇشۇ يەردە. شۇڭا بۇ يەردە نېمە دېيىش مەسىلىسى ئەمەس، قانداق قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت. ھازىر بۇ ئىككىسى ماسلاشمايۋاتىدۇ. ماڭا كۆرە، ئاساسلىق ئىشىمىز چۈشەنچىمىزنى ئۆزگەرتىش؛ ھۆكۈمەتنىڭ رىقابەت بىلەن تەھدىتكە بولغان چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىش. خىتايدىن كېلىۋاتقىنى رىقابەت ئەمەس، بەلكى تەھدىت. خىتاي بىزگە بىر نەچچە تەرەپتە تەھدىت سالماقتا. خەلقئارا قانۇن، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە،» دېگەن.
ئۇ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ خىتاينىڭ دۇنياۋى تەسىرىنى كېڭەيىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلار بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا تەخمىنەن 1 تىرىليون دوللار مەبلەغ سالدى، بۇ ئارقىلىق باشقا ھۆكۈمەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشىتىشقا تىرىشتى. بىز ئۆزىمىزچە دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن-تۈزۈمگە دەخلى-تەرۇز قىلغىلى بولمايدۇ دەپ پەخىرلىنىپ كېتىمىز. ئەمما خىتاي بۇلارنىڭ ھەممىسىگە تەھدىت سالدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىر زەربىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بىز ھۆكۈمىتىمىزگە بۇ غايەت زور ئۆزگىرىشنى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئامېرىكا بۇنى تونۇپ يەتتى ۋە ئاللىقاچان ھەرىكەتكە ئۆتتى. لېكىن بىزلەر، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئەنگىلىيە بۇ ئىشتا كېيىن قالدۇق. شۇڭا بىز تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم ئامېرىكا ۋە «بەش كۆز ئىتتىپاقى» دىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك».
ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى، خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنت بىرلىكى ئەزاسى نۇسرەت غەنى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە ئىستېمال بازىرىدىن تازىلاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ ئۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئادەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ھالقىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئەنگىلىيەنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى بۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن باشقا يەنە، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئەنگىلىيە شىركەتلىرىنىڭ مال تەمىنلەش لىنىيەسىدە ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىش جىنايىتى بىلەن چېتىشلىق مەسىلىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ ئەنگىلىيەدە ئېچىلغان ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «يېقىندا بىز لوندوندىكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىدە سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەردىكى ئىسپاتلارنى، يەنى تۈرمە ۋە زاۋۇتلارنىڭ يېنىغا جايلاشقان چوڭ كۆلەمدىكى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى كۆردۇق. شىركەتلەردىن شۇنى سورىغۇم كېلىدۇ، سىلەر نېمىشقا زاۋۇتنىڭ يېنىدىكى بۇ جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى قوغدايسىلەر؟ بۇلار كىشىلەرگە 30-ۋە 40-يىللاردا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەسلىتىدۇ. ئەگەر بىز بۇنداق پاجىئە قايتا يۈز بەرمىسۇن دەيدىكەنمىز، شىركەتلىرىمىزنى بۇنداق قۇل ئەمگىكى جىنايىتىگە شېرىك قىلماسلىقىمىز كېرەك».
ئۇ يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە تېگىشلىك رولىنى ئوينىيالمايۋاتقانلىقىنى ئەيبلەپ مۇنداق دېگەن: «بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشى ۋە بۇ جىنايەتنى توسۇشىغا مۇھتاج ئىدۇق، ئەمما بۇ تەشكىلات خىتاينىڭ ئالدىدا پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى، ئەقىلگە ئۇيغۇن بىرەر قارارمۇ چىقىرالمىدى. بۇ تەشكىلات كارغا كەلمىگەنلىك ئۈچۈن، خىتاينىڭ دۈشمىنى بولغان مەن ۋە مېنىڭ سەپداشلىرىمنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەك دەپ قارىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىز ئۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بولغان-بولمىغانلىقى ھەققىدە ئىزدەندۇق، قىلغان كۆپلىگەن خىزمەتلىرىمىز خەلقئارادا بۈيۈك دىققەتكە سازاۋەر بولدى».
ئۇ خىتاينىڭ ئۆزىگە جازا بەرگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «مۇھىم بولغىنى شۇكى، بۇ جازا مەن ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن بىر خۇشاللىق بولدى، ماڭا قىلچە تەسىرى بولمىدى. ئەگەر تەسىرى بولدى دېيىلسە، بۇ خىل جازا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاۋام پۇقرانى بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى، بۇ ئەھۋال بىز ئويلىغاندىنمۇ تېز ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەردى. ھازىر مەن بۇ خىزمەتنى قىلماي تۇرالمايمەن، بەلكى بۇرۇنقىدىنمۇ بەك قىزغىنلىق بىلەن قىلىۋاتىمەن» دېگەن.
سۆھبەت ئاخىرىدا نۇرى تۈركەل ئەپەندى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىپلوماتىك يوللار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرىنى توسۇشى، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولماسلىقى ۋە ئۇنى ئاقلىماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مەن خەلقئارا جەمئىيەتنى مەسىلىلەرگە كەڭ نەزەردە قاراشقا چاقىرىمەن. مەنچە بۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر قاتارىدا مۇزاكىرە قىلىش بىردىنبىر ئىجابىي تەرەپتۇر. ئۇيغۇرلار دائىم ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى ھېس قىلدى› دېيىشىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە خېلى كۆپ ئىجابىي تەرەپلەر بار، بىز ھەممىمىز كۈچلۈك رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز».