NBA نىڭ سابىق ۋاسكېتبول ماھىرى رويىس ۋايت يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 3-بىرلەشمە مۇسابىقە ئارىلىقىدا تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن خەت بېسىلغان مايكىنى كۆرسەتكەنىدى. رىياسەتچى «بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ بۇنىڭغا جاۋابەن: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى مىليون ئاز سانلىق مىللەت جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بۇ بىز سۆزلەشكە تېگىشلىك ئىش، بىلىسىز، مەن ھەمىشە ھەقىقىي ئىشلار توغرىسىدا سۆزلەيمەن» دېگەن ۋە زىيارەت خاتىرىسىنى ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھىسابىدىنمۇ ھەمبەھىرلىگەنىدى.
رويىس ۋايت ئەپەندىنىڭ بۇ يوللانمىسنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ھەمبەھىرلىگەن. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات، «ئاتلانتىك مۇنبىرى تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى رەيھان ئەسئەتمۇ رويس ۋايت ئەپەندىنىڭ يوللانمىسىنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق كېلەر يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدىن يۆتكەش، تەنھەرىكەتچىلەرنى ئۇيغۇرلار مەسىلىدە ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرىق قىلغان. رويس ۋايت ئەپەندى رەيھان ئەسئەتنىڭ يوللانمىسىغا «مەن ھەردائىم سىز بىلەن بىللە» دەپ جاۋاب قايتۇرغان.
22-ئىيۇل كۈنى خارۋارد كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى رەيھان ئەسئەتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رويس ۋايت ئەپەندى بىلەن «تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا ئوينايدىغان رولى» دېگەن تېمېدا تور سۆھبىتى ئېلىپ باردى.
رويس ۋايت ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «سۆزۈمنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق›، ‹ۋەھشىيلىك› مەسىلىسى ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن باشلىغۇم بار. بۇ مەسىلە ئەڭ جىددىي مەسىلە قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. ئەگەر ئۇيغۇرلارغا ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنگەن تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر بولسا بۇ مەسىلىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك».
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «سەمىمىي گەپ قىلغاندا مەن كىشىلىك ھوقۇق، ئادالەت ۋە ھەقىقەت مەسىلىلىرىگە ناھايىتى سەزگۈر. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىم ھەرگىز مېنىڭ مۇنداقلا بىر شەخسى قىزىقىشىم ئەمەس. مەن تۇنجى قېتىم ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى› نى ئاڭلىغىنىمدا ‹ئۇنىڭ مەن بىلەن نېمە ئالاقىسى بار› دەپ ئويلىمىدىم. ئەسلى نورمال بولغان ئىنكاس بۇ. تەنتەربىيە ساھەسىدە ‹بىرىمىز ھەممىمىز ئۈچۈن› دەيمىز، يەنى بىر ئەزا پۈتۈن گۇرۇپپىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن ھەر دائىم قۇربانلىق بېرىدۇ ۋە بېرىشى كېرەك. شۇڭلاشقا ئەسلىدە ئەڭ ئالدى بىلەن تەنھەرىكەتچىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى كېرەك ئىدى. ئەنجىلا دەيۋىسنىڭ بىر سۆزى بار: ‹كۈندۈزى مېنى تۇتقىلى كەلگەنلەر كەچتە سېنى تۇتقىلى كېلىدۇ›. ھازىرقى ئەھۋال نەق مۇشۇ. بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن ئەتە قارا تەنلىكلەرنىڭ بېشىغا كېلىشى مۇمكىن. خىتاي دۇنياغا خوجا بولۇش پىلانىنى سوقۇۋاتىدۇ، ئەگەر پىلانى ئەمەلگە ئاشسا بۇرۇنقى ھەر قانداق بىر كۈچنىڭ زالىملىقىنى ئاشۇرۇپ قىلىدۇ. شۇڭا ئەخمەق بولماڭلار، قارا تەنلىكلەر بۇنى خالىمايدۇ».
رەيھان ئەسئەت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇشىنىڭ ئاللىبۇرۇن باشقا مىللەت ۋە رايونلارغا كېڭىيىپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە ئۇلار كانادالىقلارنى، ئاۋسترالىيەلىكلەرنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. كورۇنا مەزگىلىدە گۇاڭجۇدا تۇرۇۋاتقان قارا تەنلىكلەرگە ئىرقى كەمسىتىش ئېلىپ بېرىپ تۇرۇۋاتقان ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي چىقىرىۋەتتى. بىز ئاللىبۇرۇن خىتاينىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ قىلمىشلىرىنى كۆردۇق.»
ئۆتكەن يىلى ئاپرېل ئايلىرىدا خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرى ۋە خەۋەرلەردە خىتايلارنىڭ قارا تەنلىكلەرنى مەجبۇرىي ھالدا ۋىرۇس تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى، ئۇلارنى ئۆيلىرىدە ياكى باشقا جايلاردا مەجبۇرىي كارانتىنغا ئالغانلىقى، قارا تەنلىكلەرنىڭ ئىجارە ئۆيلىرىدىن قوغلىنىش، مېھمانخانىلاردا يەر بېرىلمەسلىك تۈپەيلى كوچىلاردا تۈنەشكە مەجبۇر بولۇشتەك ئەھۋاللار ئاشكارىلىنىپ زور ئىنكاس قوزغىغانىدى.
رويس ۋايىت ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خادىمى زۇمرەتئاي ئەركىن قاتارلىقلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى رولى ھەققىدە ئۇ تەنتەربىيە كۇلۇبلىرى، تەنھەرىكەت كىيىم-كېچەكلىرى ماركىلىرىنىڭ خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشىنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
نايكى شىركىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتايدىكى مال تەمىنلىگۈچى كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا كۆز يۇمۇۋاتقان ۋە بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقانىدى. رويس ۋايىت ئەپەندى تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە كۆرسەتكەن مايكىدىكى «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن خەتنىڭ ئاستىغا نايكى ماركىسىنىڭ بەلگىسىنى قويغان.
سۆھبەت داۋامىدا خارۋارد كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىدىن لايلىنا ئېستابىن رەيھان ئەسئەتنىڭ تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئىنىسى ئەكبەر ئەسئەتكە ئاتاپ يازغان ناخشىسىنى ئوقۇپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى تەسىرلەندۈردى.
رەيھان ئەسئەتنىڭ ئىنىسى ئەكبەر ئەسئەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرغا قامالغان ۋە كېيىن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەنىدى. ئەكبەر ئەسئەتنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە قاتناشقانلىقى ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىش ئېھتىماللىقى بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
رويس ۋايىت ئەپەندى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «NBA ھەققىدە دېمەكچى بولغىنىم، بىرلەشمىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغان مارك تاتۇمنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى NBA ئاكادېمىيەسى ھەققىدە سورالغان سوئالغا ‹دۇنيادىكى ھەر بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇش مېنىڭ ياكى NBA نىڭ ئىشى ئەمەس› دەپ جاۋاب بېرىشى بەلكىم ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق ۋەقە. كۈچلۈك ئورۇندا تۇرغان بىرىنىڭ بۇنداق جاۋاب بېرىشى بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق. كىشىنى ئاڭ چۆچۈتىدىغىنى بولسا بۇلارنىڭ سىياسىي ئويۇنلىرىدۇر. ئۇيغۇرلار ئەسلىدە بەش يىل ئىلگىرىلا ئەركىنلىككە چىقىشى ۋە بۈگۈنكى ھالغا چۈشمەسلىكى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ ‹چېمپىيونى› بولۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بەزىلەر خۇددى خامېلېئونغا ئوخشايدۇ، مەن ئۇنداقلارنى ‹ئىقتىسادى پائالىيەتچى› دەپ ئاتايمەن. خىتاينىڭ بەرگەن چەكلىرى بىزنىڭ ھەقنى سۆزلەيدىغان يوللىرىمىزنى توسۇپ قويماسلىقى كېرەك. بىز بۇ مەسىلىدە ئىقتىسادى مەنپەئەتنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشىمىز كېرەك».
ئامېرىكانىڭ «ESPN» تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرى سېتىۋ فايىنارۇ ئۆتكەن يىلى NBA نىڭ خىتايدىكى مەشىق بازىلىرى ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى: ئۇ: «بىز ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن نۇرغۇن قېتىم NBA نىڭ ‹شىنجاڭ› دىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى ئىپادىسىنى سورىدۇق. ئۇلار ‹خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەس› دەيدۇ. ئامېرىكادىكى ‹قار تەنلىكلەرنىڭ ھاياتىمۇ ھايات› ھەرىكىتىدە ئۇلار خىلى كۈچلۈك ئاۋاز چىقارغان. مېنىڭچە، بىز بىر دۇنيادا ياشايمىز. بۇ پەقەت ئىككى يۈزلىمىچىلىكنىڭ ئىپادىسى. NBA نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مارك تاتۇمنى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ قىسقىلا ‹مېنىڭ دۇنيادىكى ھەر بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئىپادە بىلدۈرۈشىمنىڭ ھاجىتى يوق› دەپ جاۋاب بەردى»، دېگەنىدى.
سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا رويىس ۋايت ۋە رەيھان ئەسئەت بىرلىكتە خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان كېلەر يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە يۆتكىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە بارلىق تەنھەرىكەتچىلەرنى بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى.