پروفېسسور ۋىنسېنت ۋوڭ: «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىقى خىتاي مۇستەملىكە كاپىتالىزمىنىڭ نەتىجىسىدۇر»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىسىتېمىلىق، پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرى تۇغماس قىلىش؛ ئۇيغۇر بالىلارنى كېچىك ياشتىن باشلاپلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ، خىتايلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۇيغۇر رايونىغا يەرلەشتۈرۈش؛ شۇنداقلا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا دائىر توپلانغان نۇرغۇن دەلىل ئىسپاتلارغا ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دەپ جاكارلىغان ئىدى.

كانادا ۋىندسور ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋىنسېنت ۋوڭ ئەپەندى «ئافرىقا خەلقئارالىق ئىقتىسادىي قانۇن» ژۇرنىلىنىڭ كۈز پەسلىللىك سانىدا «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىرقىي كاپىتالىزم: شىنجاڭدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئېكسپىلاتاتسىيەنىڭ سىياسىي-ئىقتىسادى ئامىللىرى ھەققىدە تەھلىل» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىقىنى 1949-يىلىدىن باشلانغان مۇستەملىكە كاپىتالىزىمنىڭ نەتىجىسى دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ مەزكۇر ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى باستۇرۇش تېخنىكىسىنى ۋە خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى سىياسىي ئىقتىسادنى باشقۇرۇش مەنتىقىسىنى چۈشنىش خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىقىنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم ھالقا دەپ، قارىغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ئۇيغۇر رايونىنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۇنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئېنېرگىيە بازىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ۋىنسېنت ۋوڭ ماقالىسىدە دەل مۇشۇ نۇقتىدا مەخسۇس توختالغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىقىتىسادىي سىياسىتىنى «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىرقىي كاپىتالىزم» دەپ ئاتىغان.

ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئاتالمىش «بىخەتەر» سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئىقتىسادىي سىياسىتى بويىچە ئاشۇ رايوننىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى بولغان ئۇيغۇلاردىن ئىبارەت بۇ «توسالغۇ» نى يوقىتىش پىلانىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچلىق» بىلەن نەتىجىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم نۇقىتىلار ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «‹خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىرقىي كاپىتالىزم› دېگىنىمدە ئاساسەن خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 1950-يىللاردىن كېيىن سوتسىيالىزمنىڭ خاراكتېرىنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىپ، بازارنى ئەركىن قويۇۋېتىشكە ۋە كاپىتالىزىمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىدى. بۇنى مۇستەملىكە رايونلىرىدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشتە ئىشلەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى ۋە چىرايى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان باشقا ئىرقلار بىلەن بولغان ئىرقىي مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلدى. بۇ يەردىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى رەزىل دەرىجىدە باستۇرۇش ۋە ئىرقىي ئېكىسپىلاتاتسىيە مۇناسىۋىتى بولدى. بۇ يەردىكى مەسىلە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكى مەسىلىسى بولۇپ چۈشەندۈرىلىدۇ، بۇ بىزگە ئاشۇ رايوندا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، لېكىن نېمىشقا مۇشۇنداق دەپسەندىچىلىك بولىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كىم پايدا ئالىدۇ؟ بۇ خىل ئىرقىي ئېكىسپىلاتاتسىيە سىياسىتى داۋامىدا يەرلىك ئاھالىلەر ئۆز ئۆيلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ لاگېرلارغا سولاندى. بىر ئىرقتىكىلەر مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن باشقا بىر ئىرقتىكىلەرنى ئىنسانى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى. مېنىڭ بۇ يەردە چۈشەندۈرمەكچى بولغىنىم، ئالاھىدە شەكىلدىكى مۇستەملىكە كاپىتالىزىمنىڭ جۇغلانمىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر ئېتنىك گورۇپپىنىڭ يېرىنى ۋە بايلقلىرىنى ئېلىۋېىلىپ، باشقا بىر گورۇپپىغا بېرىشتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشلەرنڭ بارلىق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق زور مىقداردىكى ئەمگەك كۈچىگە ئېرىشىدۇ، كاپىتالىزمنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىنسانىيلىق قۇربان قىلىنىدۇ. قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر رايونىدا 2015-2016-يىللىرى ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى باشلاندى، ئارقىدىنلا 2016-، 2017-يىللىرى ياتاقلىق مەكتەپلەر، لاگېرلار قۇرۇلدى. مەن پەقەت لاگېرلارنىلا كۆزدە تۇتمىدىم، مېنىڭ كۆزدە تۇتقىنىم، ئاشۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىلەرنى، ئاشۇ بىر ئىرقتىكى كىشلەرنى بارلىق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنى يۆتكەپ كەلگەن خىتايلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىشلەتكەن پۈتۈن سىستېما. ئىرقىي قىرغىنچلىق دەل ئاشۇ پىلانلارنىڭ نەتىجىسى. ئىرقىي قىرغىنچلىق بولسا دەل ئاشۇ مۇستەملىكە كاپىتالىزىمى سىسىتىمىسى ۋە ئۇنىڭ فۇنكىسىيەسىنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىدۇر. بۇ دەل مەن ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتا.»

ئۇ ماقالىسىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنڭ «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلقئارانىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى ئىزچىل ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا قورال قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى، بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچلىقتا ئوينىغان رولى ھەققىدىمۇ تەپسلىي توختالغان. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» تەشۋىقاتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىمۇ خىتايچىلاشتۇرۇشقا كۈچەۋاتقانلىقىنى «مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى» دەپ ئاتىدى. يەرلىك مېۋە-چېۋە سودىسى ۋە يېمەك-ئىچمەك سودىسىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنغانلىقىنىڭ ھەر قانداق بىر مۇستەملىكچىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ساياھەتچلىك، بولۇپمۇ خىتاي ساياھەتچىلەرگە قارىتىلغان ساياھەت بارغانسېرى تەرەققىي قىلدى. ئۇلار يەرلىكلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى كۆرۈشنى، ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىدىن، ناخشا-ئۇسۇللىرىدىن ھوزۇرلىنىشنى، ئوخشىمىغان قۇرۇلۇشلارنى زىيارەت قىلىشنى خالايدۇ. تارىختىكى نۇرغۇن مۇستەملىكە مىساللىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار يەرلىكلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالدۇ، لېكىن پەقەت تىجارەت قىلىش ئۈچۈنلا رامكىنىڭ ئېچىدە ساقلايدۇ. ئىرقىي كاپىتالىزم زادى نېمە قىلىدۇ؟ ئۇ ئارقىلق پۇل تاپىدۇ. يەنى كېيىم كىچەك، يېمەك-ئىچمەكنىڭ ھەممىسى، تىلى، مەدەنىيىتى باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىدىن تارتىپ ئېلىنىپ، ساياھەت ئۈچۈن پەقەت بىر بويۇم قاتارىدا سېتىلىدۇ. ھەمدە داۋاملىق ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا يەرلىك ئاھالىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ يېرىدىن يۆتكەيدۇ.»

زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، يەنى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئۇلار بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئېچىنىشلىق رېئاللىقنى ئاڭلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان خىتاي مىللىتىدىن بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقىلارغا قاراتقان بۇ سىياسىتىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «ئۇلار خىتاي ئىرقچىلىقنىڭ كۆتۈرۈلىۋاتقانلىقىغا سەل قاراۋاتىدۇ. بۇ شى جىنپىڭ كۆتۈرۈپ چىققان خىتاي مىللەتچىلىكى. ئۇ خىتاي مىللەتچىلىكىنى نورماللشتۇرۇۋاتىدۇ. خىتايلارنى مەدەنىيەتلىك، باشقىلاردىن ئۈستۈن، خىتاي دۆلىتىنى بولسا ئىقتىسادى كۈچلۈك، دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭغا قوشۇلمايمەن. مېنىڭچە، خىتايلار ئۆزلىرى بۇنداق قىلىشنىڭ ئىنسانىي ئەخلاققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى، خاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتىشى كېرەك. بولۇپمۇ چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان خىتايلار، بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلاردىن بولۇشىمىز، مەسىلىنىڭ ئۆزى بولماسلىقىمىز كېرەك. بېيجىڭنىڭ بۇ سىسىتېمىسى پۈتۈن خىتاي خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭغا ئىشىنىدىغان بىز خىتايلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارساق بولىدۇ. مېنىڭ دەيدىغىنىم، مۇستەملىكە ئىرقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خەلقئارالىق مەسىلە ھەمدە مۇقەددەس بىر ئىش. ئەگەر بۇ كۈرەشنىڭ ئېچىدە بولسىڭىز، سىز قايسى ئىرقتىن، قايسى دۆلەتتىن بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئوخشاش بىر كۈرەش. بۇ بەلكىم ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر كۈرەش، لېكىن بىز بىرلىكتە بۇ قېيىنچلىقتىن چوقۇم غەلبە قىلىمىز، دەپ ئويلايمەن.»

ۋىنسېنت ۋوڭ كانادا ۋىندسور ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات ساھەسى قانۇن، كۆچمەنلەر مەسىلىسى، مۇستەملىكە ۋە ئىرقلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە مەركەزلەشكەن ئىكەن. ئۇ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىغا ئائىت تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ.