ئۇيغۇرلار قوللىنىلىۋاتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى مۇلاھىزىلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى ئەنئەنىۋى تامچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى، ئۆيگە مەرەپ قويۇش ۋە ئوچاق سېلىش، سۇپا سېلىش ئادەتلىرى، نەقىشلىق ئۆي جاھازلىرى، گىلەم قاتارلىق بۇيۇملار ئۇيغۇر تارىخى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ كۆزنىكى بولغان قەشقەردە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆي جابدۇقلىرى ۋە بۇيۇملار ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «3 نى يېڭىلاش» دولقۇنىدا يوق قىلماقتىكەن. خىتاينىڭ بۇ سىياسەتنى قەدىمكى شەھەر قەشقەردە ئالاھىدە شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن يىلتىزىدىن يوقىتىلىۋاتقانلىقىدىن جىددىي بېشارەت بېرىدىكەن.
فەيسىبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زۇمرەت داۋۇتنىڭ تىك توكتىن كۆچۈرۈپ تارقاتقان بىر قانچە ئۇچۇرلىرىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «3نى يېڭىلاش» تىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە مەدەنىيىتى، ئۆي بېزەش ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلايدىغان سىياسىتىنى قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ۋە يېزا-كەنتلەردە تېخىمۇ قاتتىق ۋە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرىدە، قەشقەرنىڭ مەلۇم ئاھالىلەر كومىتېتى تارقاتقان بۇيرۇقمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭغا شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش تەلىپىگە ئاساسەن بارلىق ئۆيلەردىكى گىلەملەرنىڭ ئېلىۋېتىلىشى، ئۇخلايدىغانغا كارىۋات، ئولتۇرىدىغان سافا، تاماق يەيدىغانغا ئۈستەل ئورۇندۇق بولۇشتەك شەرت بويىچە بېكىتىلگەن، 3 يېڭى ئۆي جاھازلىرىنىڭ 5-سېنتەبىرگىچە ھازىر بولۇشى شەرت ئىكەنلىكى يېزىلغان. بۇ ئۇقتۇرۇش، ۋاقتىدا تۈزەتمىگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىتلىك جۈملە بىلەن ئاخىرلاشقان.
يەنە بىر مەھەللە كومىتېتنىڭ 26-ئاۋغۇست تارقاتقان مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشى بۇ سىياسەتنىڭ مەجبۇرىي ۋە شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ، ئۇنىڭدا «ھازىرغىچە گىلەمنى ئېلىۋەتمىگەنلەر، ئۆيگە ساپا-ساجى قويمىغانلار تەلەي سىناش خىيالىدا بولماڭلار» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاممىنى ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغان.
فەسىبۇكتا يېقىنقى مەزگىللەردە بۇ ئۇقتۇرۇشلار بىلەن تەڭ يەنە، ئورۇندۇق، سافا قاتارلىق ئۆي جاھازلىرى بېسىلغان چوڭ يۈك ماشىنىلىرىنىڭ كۈرۈنۈشلىرى بولۇپ بۇلارنىڭ قەشقەرگە ئېلىپ كېلىنگەن ئۆي جاھازلىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە خىتايچە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش يېزىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىللىي ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇشلارنى، ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتا بېزەلگەن ئۆيلەرنى «رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى» دېگەن سەۋەب بىلەن چېقىشقا باشلىغانىدى.
پاكىستانلىق ئېرىنىڭ يول مېڭىشى بىلەن 2019-يىلى، خىتاي
چېگراسىدىن چىقالىغان ۋە ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئاقسۇلۇق بىر ئۇيغۇر ئايال، «3 نى يېڭىلاش» سىياسىتىنىڭ-2018-يىلىدىن باشلاپ ئاقسۇدا ئەۋج ئالغانلىقىنى، ئاقسۇنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى ئاپىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە خىتايچە ئۆي جاھازلىرىنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دېھقان ئائىلىلىرى ئۈچۈن ئەڭ ئاددىي ۋە ئەرزان ئۆي جاھازلىرىنى ئالغاندىمۇ 5 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا چىقىم قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن دېھقانلار بانكىدىن قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولغانىكەن.
ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بۇ سىياسىتىنىڭ يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ سۈپەتسىز كونا ماللىرىنى ئۇيغۇرلارغا سېتىپ ئىقتىسادىي بۇلاڭچىلىق قىلىشىغىمۇ پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى يېزىلغان.
ماشىنا-ماشىنىلاردا جەنۇبتىكى يېزا كەنتلەرگە يۆتكىلىۋاتقان ئۆي جاھازلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا، يەنى ئۈرۈمچى ئۆي جاھازلىرى توپ سېتىش بازىرى مال يەتكۈزۈش ئىشخانىسىغا قىلغان تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن خىتاي خادىمنىڭ جاۋابلىرى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ئەكسىچە خىتاي ئۆي جاھاز شىركەتلىرى ۋە سودىگەرلىرىگە پۇل تېپىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، بىر تەرەپتىن بۇ سىياسەتنىڭ كۆلىمى ۋە سۈرئىتىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى تېز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
«بىر يۈرۈش ئادەتتىكى ئۆي جاھازلىرىنى زاكاز قىلغاندا قانچىلىك ۋاقىتتا ئائىلىگە يەتكۈزۈپ بېرىسىلەر؟» دەپ سورىغان سوئالىمىزغا ئۇ: «جوزا ئورۇندۇق، سافا، كارىۋاتنى دەۋاتقان بولسىڭىز، تەييار مال يوق. ھەممە ئادەم ئېلىۋاتىدۇ. ئەمما 5-6 ئاي ئىچىدە ئەۋەتىپ بېرەلەيمىز، ماللار چىڭدۇ قاتارلىق ئىچكىرىدىن كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە يېقىنقى ئىككى يىلدا مال يېتىشمەيۋاتقان ئىكەن.
ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازار مەسچىتى، تۇمارىس مېھمانسارايى قاتارلىق زور ھەجىملىك قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىچ مىمارلىقىنى قىلغان ھازىر تۈركىيەدە كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مىمارچى ئەنۋەر ئەپەندى، بىر قانچە ئەۋلاد ئىزچىل ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتىكى نەقىش ۋە نەقىش ئويمىلارنى ئۆي جاھازلىرىنى قول سېلىپ ياساپ، ئۇيغۇر قەدىمىي ھۈنەر-سەنئىتىنى ساقلاپ كەلگەن ئۇستاملارنىڭ بىرى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئۇسلۇبىنى يوق قىلىشنى بىلەن تەڭ ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك، بېزەكچىلىك كەسىپلەرنىڭ تەڭ يوق قىلىنىدىغانلىقىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياشىغان لوندوندىكى ئۇيغۇر مەدەنىىيىتى تەتقىاتچىسى رەچال خارىس خانىم، ئۆزىنىڭ رەڭدار ۋە گۈزەللىككە تولغان ئۇيغۇر ئۆيلىرىدىكى، مول تارىخىي ۋە مەدەنىيەت كەيپىياتىدىن تەسرلەنگەنلىكىنى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى بۇ پەرقلىق ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزگەرتىشتىكى ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخىي مىراسلىرىنى كۆزدىن يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى:
«مېنى ھەممىدىن ئازابلايدىغىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ سۇپىلىرىنى چېقىپ تاشلاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى، نۇرغۇن گۈزەل خاتىرىلىرىم شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سۇپىلىرىدا ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىم ئىدى. سۇپا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئىنتايىن ئىشلىتىلىشچان، ئالاھىدە مېھمانلار باشلىنىدىغان، بالىلار ئوينايدىغان، ئائىلە ئەزالىرى گۈزەل ۋاقىتلىرىنى بىللە ئۆتكۈزىدىغان جاي، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوستلۇقىنى، داستىخان مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان سېھرى كۈچكە ئىگە، بۇلارغا ئەگىشىپ يەنە كۆرپە-يىكەنداز، گىلەم، تېكيى دېگەندەك گۈزەل مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەت بويۇملىرىمۇ ئىشلىتىلىشتىن قېلىپ، يوق قىلىنىدۇ. بۇ مېنى تولىمۇ ئەندىشىلەندۈرمەكتە».
رەچال خارس خانىم بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئادەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:
«مەن خىتاينىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش دېگەن نام ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ سىياسىتىنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت خىتاي بولۇپ ياشاشقا مەجبۇرلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي تۇتۇپ مەدەنىيىتى ئىنتايىن زامانىۋى ۋە مودېرىن دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي ئىچىدىكى بۇ كىچىك نەرسىلەر ئىنتايىن مۇھىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسى ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ماسلاشقان بۇيۇملار، بىز خىتاينىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى، ئۆي ئىمارەت تاشقى كۆرۈنۈشلىرىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىپلا قالماي ھەتتا ئائىلىلەرگىچە كىرىپ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنى نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىرقىسمى بولغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دەپ ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمەن».