گېرمانىيەدە ئوقۇپ قايتقان دوكتور ئابابەكرى ئابدۇرېشىتنىڭ 13 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.04.19
doktur-ababekri-abdureshit-1.jpg شىنجاڭ پېداگوگوكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئابابەكرى ئابدۇرېشىت ئەپەندى.
Oqurmen teminligen

2012-يىلى گېرمانىيەدە زىيارەتچى ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە بىر يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان دوكتور ئابابەكرى ئابدۇرېشىت ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، 2018-يىلى يىل بېشىدا تۇتقۇن قىلىنغانىدى. يېقىندا ئۇنىڭ چەتئەلدىكى كەسىپداشلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئون نەچچە يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئابابەكرى ئابدۇرېشىتنىڭ 13 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابابەكرى ئابدۇرېشىت، 2012-يىلى گېرمانىيەدىكى بىر يىللىق ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تەتقىقاتىنى چەتئەلدە داۋاملاشتۇرۇش ياكى ۋەزىيىتى بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان ئانا ۋەتىنى-ئۇيغۇر ئېلىگە قايتىشتىن ئىبارەت قىيىن بىر تاللاشقا دۇچ كەلگەن ۋە ئۇيغۇر مائارىپىغا ھەسسە قوشۇشتىن ئىبارەت غايىسى بويىچە ئىككىنچى يولنى تاللىغانىكەن. ئابابەكرى ئابدۇرېشىتنىڭ چەتئەلدىكى دوستى ۋە كەسىپدىشى ھۈسەنجان ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇ يېقىندا، ئۆزىنىڭ ئالاقە تورلىرى ئارقىلىق ئابابەكرىنىڭ ئون نەچچە يىللىق كېسىلىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

بىز بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە تېلېفون قىلدۇق. خادىملار بۇ ھەقتە قانۇن تارماقلىرىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابابەكرى ئابدۇرېشىت 2018-يىلىدىن باشلاپ جەمئىيەتتە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. بىزنىڭ 2020-يىلى ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن، ئەمما كېسىلگەن-كېسىلمىگەنلىكى مەلۇم بولمىغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 1981‏-يىلى خوتەن قاراقاشتا تۇغۇلغان ئابابەكرى ئابدۇرېشىت 2006‏-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. 2009‏-2012‏-يىللىرى ئارىسىدا بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بويىچە ئوقۇغان. ئۇ مانا مۇشۇ مەزگىلىدە گېرمانىيەدە بىر يىل زىيارەتچى ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان.

ئۇ گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، بىر قېتىم تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان ۋە ئۇ يەردىكى كەسىپداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقات تېمىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان. ھۈسەنجان ئەپەندىنىڭ خەۋەر تېپىشىچە، ئابابەكرى ئابدۇرېشىتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا، ئۇنىڭ ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرى، تۇتقۇندىكى زىيالىيلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن باشقا، گېرمانىيەدە ۋە تۈركىيەدە ئۇچراشقان دوست ۋە كەسىپداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسۋىتىمۇ مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى بولغان.

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خادىملىرى، ئابابەكرىنىڭ كېسىم مۇددىتى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلدى. ئۇنىڭ تۇتۇلۇش ۋە كېسىلىش سەۋەبى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرمىدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا كورلىدىكى سىياسىي قانۇن كادىرى چەتئەلنى زىيارەت قىلىپ كەلگەنلەرنىمۇ «تەربىيەلەش» كە يىغىۋالغانلىقى، چۈنكى چەتئەلگە چىققۇچىنىڭ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن دۆلەتلەر ئارا سېلىشتۇرما ئېلىپ بېرىپ، ئىدىيە جەھەتتىن زەھەرلىنىشتىن ساقلىنالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئۇيغۇر رايونىغا قايتىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان ۋە 2013‏-يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەتكە چۈشكەن. ئۇ خىزمەت داۋامىدا تۇرمۇش ئۇسلۇبىدا گۇمان تۇغۇلۇپ، يەنى ئۇنىڭ ھاراق ئىچمەيدىغانلىقى ئالاقىدار بۆلۈملەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ بىر قېتىم سوئال-سوراقلارغا دۇچ كەلگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئامانلىق باشقارمىسى خادىمى ئابابەكرى ئابدۇرېشىتنىڭ 13 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى، ئەمما تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

يۇقىرىدا، گېرمانىيەدە ئوقۇپ قايتقان، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابابەكرى ئابدۇرېشىتنىڭ 13 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.